ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2015-03-27
د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى مۇدىرى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى گېرمانىيە فېدېرال ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنسان ھەقلىرى ۋە ئىنسانىي ياردەمگە مەسئۇل ئالىي كومىسارى چرىستوپھ ستراسسەر ئەپەندى بىلەن ئۇيغۇر دىيارىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە تەپسىلىي مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان.
2015-03-27
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ مۇشۇ بىر ھەپتە جەريانىدا بېرىلگەن ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم مۇھىم خەۋەرلەر.
2015-03-26
د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم 25-مارت كۈنى تەكلىپكە بىنائەن ۋېرجىنىيا ئۇنىۋېرسىتېتىغا بېرىپ، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە ھازىرقى سىياسىي ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات بەردى.
2015-03-26
خىتاي مۇشۇ ئاينىڭ 14-كۈنى قاراقاش ناھىيىسىنىڭ قاراساي بازىرىدا 15 مىڭ كىشىلىك ئوچۇق مەيدان سوت ئېچىپ، «دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت يەتكۈزۈش» بىلەن ئەيىبلەپ، جەمئىي 25 كىشى ئۈستىدىن ھۆكۈم ئېلان قىلىنغان.
2015-03-26
26-مارت كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى نارازىلىق باياناتى ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى «ئۇيغۇرلارنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىش ئارقىلىق، ئۆز ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك سىياسىي مەسئۇلىيەتتىن قېچىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ» دەپ ئەيىبلىدى.
2015-03-26
شىۋېتسىيە باش مىنىستىرى سىتېفان لوپۋېننىڭ مۇخبىرلار سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىش جەريانىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارىتا «دىكتاتور» دېگەن سۆزنى ئىشلىتىشنى رەت قىلىشى شىۋېتسىيە مەتبۇئاتلىرىدا غۇلغۇلا قوزغىدى.
2015-03-26
گېرمانىيەدە تۇرۇۋاتقان تۈرك بۇرخانەتتىن چېتىن ئەپەندى تۈركىيەدىكى تۇنجى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى كۆرۈنۈشلەر ئارقىلىق تونۇتۇش پائالىيىتىنى ئىستانبۇلدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ۋەقپى بىلەن بىرلىكتە ئەنقەرەدە ئۆتكۈزمەكچى.
2015-03-26
ياپونىيە كيۇشۇ ئۇنىۋېرسىتېتى پەلسەپە پەنلىرى فاكۇلتېتىنىڭ دوكتور ئاسپىرانتى مۇختەرجان ئابدۇراخماننىڭ «فارابىنىڭ غايىۋى دۆلەتچىلىك ئىدىيىسى» ناملىق ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخىغا ئائىت تەتقىقات ماقالىسى ئېلان قىلىندى.
2015-03-25
24-مارت كېچىدىن 25-مارت تاڭ ئاتقىچە بولغان بۇ كېچە قارامايدىكى «قاسساپلار مەھەللىسى» دەپ ئاتالغان كەپىلىك ئۆيلەر مەھەللىسىدە يۈز بەرگەن شىددەتلىك ئوت ئاپىتى قارامايدىكى ئاممىغا نىسبەتەن ئىنتايىن تەشۋىشلىك، قورقۇنچلۇق، ئاپەتلىك كېچە بولدى.
2015-03-25
25 - مارت كۈنى سەھەر ۋاقتى 1 دىن ئاشقاندا قاراماي شەھىرىنىڭ شامالباغ مەھەللىسىگە تەۋە، ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونغا نامەلۇم سەۋەبلەر بىلەن ئوت كەتكەن.
2015-03-25
ياۋروپا دۆلەتلىرى ئىچىدە گېرمانىيە تۈركلەر ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان دۆلەت. يېقىنقى يىللاردىن بېرى گېرمانىيەگە پاناھلىق تىلەۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانىمۇ كۈنسايىن كۆپەيمەكتە ئىكەن.
2015-03-25
22 - مارت تەيبېيدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تەيۋەن ئۇيغۇر جەمئىيىتى تەيبېيدا تۇنجى قېتىملىق نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن.
2015-03-25
تارىختىن مەلۇمكى، 1882-يىلدىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىدىن يەتتىسۇ تەۋەسىگە مىڭلىغان ئۇيغۇرلار كۆچۈپ چىقىپ، يېزىلارنى بەرپا قىلغان ئىدى.
2015-03-25
خەلقئارا جەمئىيەتتە دىكتاتورىلىق بىلەن داڭ چىقارغان سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرېتارى ستالىن نۆۋەتتە رۇسىيەلىكلەر تەرىپىدىن قايتىدىن تۈرلۈك شەكىلدە ئەسلەنمەكتە، ھەتتا ئۇنىڭ ھەيكەللىرى ھەر قايسى رايونلاردا ئورنىتىش تەلەپلىرىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.
2015-03-24
بۈگۈن، تايلاندنىڭ پايتەختى باڭكوكتىكى جەنۇبىي باڭكوك جىنايى ئىشلار سوتىدا بىر يىلدىن بېرى تۈركىيەگە كېتىشنى كۈتۈپ تۇرغان بىر ئائىلە ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن سوت ئېچىلدى.