ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2015-03-24
8-كۈنى يەكەندە يۈز بەرگەن تاغارچى يېزىلىق قوراللىق قىسىم باشلىقى ۋە ئۇنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتىنى ئۆلتۈرۈش ۋەقەسىنى پەيدا قىلغان پىدائىيلار 6-مارت كۈنى بەشكەنت بازىرىدا يەنە بىر قانلىق ۋەقە پەيدا قىلغان. مەزكۇر ۋەقەدە خىتاي تەرەپتىن ئىككى كىشى ئۆلگەن.
2015-03-24
ئۆزىگە خاس ئېسىل ئۆرپ-ئادەتلەرگە ھۆرمەت قىلىش، بىر بىرىنى ئېتىراپ قىلىش، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تارىختىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن مۇنەۋۋەر ئەنئەنىسى.
2015-03-24
22-مارت ياپونىيەنىڭ توكيو ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلار بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى نورۇزنى قۇتلاپ پائالىيەت ئېلىپ بارغان.
2015-03-24
2015-يىلى 22-مارت يەكشەنبە كۈنى مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن خىزمەت-پائالىيەتلەرنى ئاكتىپلاشتۇرۇش، يېڭى پىلان-لايىھە تۈزۈش، پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە تەكلىپ بېرىش توغرىسىدا بىر يىغىن ئۇيۇشتۇرۇلدى.
2015-03-24
17-21-مارت كۈنلىرى تۈركىيەنىڭ غەربىي قىسمىدىكى قارا دېڭىز رايونىدىكى زوڭگۇلداك ۋىلايىتى بىلەن شەرقىي شىمال قارا دېڭىز رايونىدىكى سامسۇن ۋىلايىتىدە 5 مەيدان شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا مەخسۇس دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
2015-03-23
ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى بۇ يىللىق نورۇز بايرىمىنى رابىيە قادىر خانىمنىڭ خىتاي تۈرمىسىدىن چىقىپ ئامېرىكىغا كەلگەنلىكىنىڭ 10 يىللىق خاتىرىسى بىلەن بىللە كۈتۈۋالدى.
2015-03-23
17-مارت كۈنى كۇچا ناھىيىسىنىڭ سىياسىي كېڭەش ئەزاسى ماۋ جۇڭخۇانىڭ ئاپتوموبىلىنى توسىغان ئۇيغۇر ساقچىنىڭ ھاقارەتلەنگەنلىكى ۋە تاياق يىگەنلىكى ۋەقەسى توردا ئاشكارىلىنىپ قاتتىق ئەيىبلەشكە ئۇچرىغان.
2015-03-23
ئاڭلىغۇچىلىرىمىزدىن بىرى ئالدىنقى كۈنى رادىئومىزغا ئۇچۇر يوللاپ، خوتەندە 4 نەپەر پىدائىينىڭ بىر ساقچى خادىمىنى ئېلىپ قاچقانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
2015-03-23
22-مارت كۈنى شىۋېتسىيە پايتەختى سىتوكھولىمغا قاراشلىق تىنىستا رايونىنىڭ پائالىيەت زالىدا شىۋېتىسيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن نورۇز پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.
2015-03-23
21-مارت شەنبە كۈنى، ئىستانبۇل ۋالىي مەھكىمىسى، ئىستانبۇل شەھەرلىك ھۆكۈمەت ۋە زەيتىنبۇرنۇ شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئىدارىلىرىنىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن تۈرك دۇنياسى نورۇز بايرىمى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.
2015-03-23
21-مارت فىرانسىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار پارىژ شەھىرىگە جەم بولۇپ، بىرلىكتە نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلىدى.
2015-03-23
22-مارت كۈنى پايتەخت ئوسلودا نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن مول-مەزمۇنلۇق نورۇز پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.
2015-03-22
گېرمانىيەنىڭ شىمالىي رەن ۋېستفاليا ئۆلكىسى دورتمۇند شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن نورۇز پائالىيىتىگە مەزكۇر شەھەردىكى ئۇيغۇرلار، تۈركلەر، ميۇنخېن ۋە فرانكفۇرت شەھىرىدىن تەكلىپ قىلىنغان بەزى ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ 150 ئەتراپىدا كىشى قاتناشقان.
2015-03-20
ئۇيغۇر مىللىي داۋاسىنىڭ يېتەكچىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى ئانىسى رابىيە قادىر خانىم رادىئومىز ئارقىلىق دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارغا نورۇزلۇق ئوتلۇق سالاملىرىنى ۋە ئىزگۈ-تىلەكلىرىنى يەتكۈزۈشنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ.
2015-03-20
مەلۇم بولۇشىچە، ئاقسۇنىڭ شايار ناھىيىسىدە، بۇلتۇر 12-ئاينىڭ ئاخىرى «تۇۋاق ئېچىش» خىزمەت گۇرۇپپىسى ناملىق بىر خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇلغان.