ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2015-06-30
ئائىلە ۋە جەمەت ئەزالىرىنى تەشكىللەپ قەشقەر تاختاكۆۋرۈكتىكى قاراۋۇلخانىغا بومبا ۋە پىچاقلىق ھۇجۇم ئېلىپ بارغان جەمەت باشلىقى، دىنىي مۆتىۋەر ئاتاۋۇللا داۋۇت، ۋەقەدىن بىر كۈن كېيىن قەشقەر مېھمانخانىسى ئالدىدا خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن قورشاۋغا ئېلىنغان.
2015-06-30
ئۇيغۇر ئېلىدىن تارقالغان ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، 26-ئىيۇندىن باشلاپ ئۇدا ئىككى كۈن ئىلى ۋىلايىتىنىڭ ئىلى دەرياسى ۋادىسىدىكى بەش ناھىيىدە قارا يامغۇر يېغىپ، كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەرگەن.
2015-06-30
يېقىندا ئىنتايىن مۈشكۈلاتلار بىلەن تۈركىيەگە كېلىپ يەرلەشكەن بىر ئۇيغۇر ياش ئۆزىنىڭ ۋە ئائىلىسىدىكى 2 قېرىندىشىنىڭ خىتاي تۈرمىسىدە بېشىدىن كەچۈرگەن رىيازەتلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
2015-06-30
پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى قاتارىدا رامىزان ئېيىدا روزا تۇتۇشنى باشلىغان ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ يۈرگۈزۈۋاتقان تۈرلۈك سىياسەتلىرىنىڭ بېسىمىدا ئىسلام دىنىدىكى بۇ پەرزنى ئادا قىلىشتا كۆپلىگەن قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرىماقتا.
2015-06-30
تۈركىيە دۆلىتىنىڭ خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە، مۇقىملىقىغا، پاراۋانلىقىغا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن باياناتتا، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىگە بولغان ئەنسىرىشى خىتاي ئەلچىسىگە يەتكۈزۈلگەن.
2015-06-30
2015-يىلى 27-ئىيۇن گوللاندىيەنىڭ زەيست شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىپتارلىق ۋە سوھۇرلۇق پائالىيىتىگە «بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى» نىڭ مەسئۇللىرى بىلەن بېلگىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ۋەكىللىرىمۇ قاتناشتى.
2015-06-30
خىتاي كونسۇلى سۈن باۋارىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىپتار سورۇنىدا د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەرجان بىلەن ئۇقۇشماستىن ئىسىم كارتىنى ئالماشتۇرۇپ، بىرگە رەسىملەرگە چۈشۈپ بولۇپ، ئۇنىڭ كىملىكىنى بىلگەندىن كېيىن قورقۇپ كېتىپ يېنىۋالغانىدى.
2015-06-29
ئىلگىرىلەپ ئەھۋال ئېنىقلىشىمىز داۋامىدا 22-ئىيۇن كۈنى قەشقەر تاختاكۆۋرۈكتىكى قاراۋۇلخانىغا ھۇجۇم قىلغۇچىلارنىڭ جەمئىي 21 كىشى ئىكەنلىكى، بۇلارنىڭ يېڭىشەھەرنىڭ تازغۇن يېزا تۆۋەن قۇلاقلىق كەنتىدىكى چوڭ بىر جەمەتنىڭ ئەزالىرى ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتى.
2015-06-29
يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر ئېلىدا دىننى سۇسلاشتۇرۇش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىپ يۈرگۈزۈۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى، بۇ يىل بولۇپمۇ خوتەن، قەشقەر قاتارلىق ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايلاردا مەخسۇس ئۇيغۇرلارغا قاراتقان رامىزانلىق چەكلىمىلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتكەن.
2015-06-29
پەقەت 5-، 6-ئاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان قىسقىغىچە ئىككى ئاي ئىچىدە يۈز بەرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىدىن خەلقئاراغا ئاشكارىلانغان ۋەقەلەر 6 گە يەتتى.
2015-06-29
خىتاي كونسۇلى باۋارىيە پارلامېنتىدا س پ د پارلامېنت باشلىقى ماركوس رېندەر ئەپەندىگە «1.3 مىليارد خىتايغا تۇرامسەن ياكى ئۇيغۇرغىمۇ؟» دېگەن شەرتنى قويىدۇ، ماركوس ئەپەندى بولسا «ئۇيغۇر دوستلىرىمغا تۇرىمەن» دەپ جاۋاب بېرىدۇ.
2015-06-29
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باشقۇرۇش كومىتېتى ئەزالىرى يىغىنى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە چاقىرىلدى.
2015-06-29
27-ئىيۇن فىرانسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى 22-ئىيۇن قەشقەردە يۈز بەرگەن ۋەقە ھەققىدە پەۋقۇلئاددە يىغىن چاقىردى.
2015-06-29
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ روزا تۇتۇشىنى چەكلىگەنلىكى تۈركىيە خەلقىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىدى. تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا بۇ ھەقتە كۆپلەپ ماقالە ۋە ئوبزورلار ئېلان قىلىنماقتا. تېلېۋىزىيە ئېكرانلىرىدا مەخسۇس ئۇيغۇرلار توغرىسىدا پروگرامما تارقىتىلماقتا.
2015-06-28
تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلاردىن بىرى بولغان مەزلۇملار ھەمكارلىق جەمىيىتى 6 - ئاينىڭ 26 - كۈنى خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئىپتار تامىقى يەپ، نامايىش قىلىپ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان دىنىي بېسىم سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈردى.