ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2015-07-31
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم بۈگۈن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، تۈركىيە دۆلەت رەئىسى رەجەپ تايىپ ئەردوغاننىڭ خىتاي زىيارىتى ھەققىدە پىكىر بايان قىلدى. ئۇ سۆزىدە، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ مەزكۇر زىيارەت داۋامىدا قىلغان ئۇيغۇر مەسىلىسىنى بۇندىن كېيىن تېخىمۇ قاتتىق قول بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى بايانلىرىنى ئەيىبلىدى.
2015-07-31
13 - قىسىم: جاسۇسنىڭ نەسەبى ۋە ئائىلە تارىخى
2015-07-31
1988 - يىلى 17 - ئاۋغۇست پاكىستاننىڭ پرېزىدېنتى،گېنېرال مۇھەممەد زىيائۇلھەق،گېنېرال ئەختەر ئابدۇراخمان، پاكىستاندا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا باش ئەلچىسى ئاۋمولد لېۋىس راپھېل قاتارلىق 30 كىشى ئولتۇرغان، ئامېرىكىدا ئىشلەنگەن ك - 130 تىپلىق ھەربىي ئايروپىلان پاكىساننىڭ شەرقىدىكى باھاۋالپۇر ھاۋا بوشلۇقىدا پارتلاپ كېتىپ، ئايروپىلاندىكى ھەممە كىشى قازا قىلىدۇ.
2015-07-31
تالانتلىق ئۇيغۇر مۇزىكانت، ئىستانبۇل مىمار سىنان ئۈنىۋېرسىتېتى سەنئەت فاكۈلتىتى ئوقۇتقۇچىسى گۈلدىيار تەڭرىتاغلى خانىمنىڭ «راخمانىنوف ئاناتولىئان پروجېكت» ناملىق CD پىلاستىنكىسى پۈتۈن تۈركىيەدىكى كىتابخانا ۋە مۈزىكا ماگىزىنلىرىدا سېتىلىشقا باشلىدى.
2015-07-31
قازاقىستاندا ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان يېزا ۋە مەھەلىلەر كۆپلەپ سانىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەر قايسىسىدا دېگۈدەك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى، يىگىت بېشى، ئاقساقاللار كېڭىشى، ياشلار كومىتېتى، خانىم قىزلار كومىتېتى ئوخشاش ئۇيۇملار بولۇپ، ئۇلار مەدەنىيەت مەركىزى ئەتراپىدا بىرلىشىپ، بۇ يەردە بولۇۋاتقان ھەر قانداق مەدەنىي، ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدۇ.
2015-07-31
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ مۇشۇ بىر ھەپتە جەريانىدا ئېلان قىلغان ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم مۇھىم خەۋەرلىرى.
2015-07-30
نەق مەيداندىن ئىگىلىگەن ئۇچۇر ۋە مەلۇماتلار بۇ يىللىق رامىزان بىلەن يازلىق تەتىلنىڭ خوتەندىكى مەكتەپ بالىلىرى ئۈچۈن نورمال دەم ئېلىش بولماستىن، بەلكى تۆمۈر پەردە ئىچىدىكى رېجىم بولغانلىقىنى ئاشكارا قىلماقتا.
2015-07-30
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تەكلىماكاندا ئېلىپ بېرىلغان ئارخېئولوگىيىلىك قىدىرىپ تەكشۈرۈشلەردە كۆپلىگەن خارابىلىكلەر، مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورۇنلىرىدىن ھەر خىل گىلەم ئەۋرىشكىلىرى، يۇڭ توقۇمىچىلىق، كەشتىچىلىككە ئائىت يادىكارلىقلارنىڭ بايقىلىشى ئۇيغۇر توقۇمىچىلىق ۋە كەشتىچىلىك تارىخىنىڭ تولىمۇ ئۇزۇن، توقۇش ۋە رەڭ بېرىش تېخنىكىسىنىڭ خېلىلا يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.
2015-07-30
ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئومۇمىي تارىخى ھەققىدىكى ئىلمىي تەتقىقاتلار 19 - ئەسىردە ئۆزىنىڭ دەسلەپكى نەتىجىلىرىنى مەيدانغا كەلتۈردى. 19 - ئەسىردە مەزكۇر تەتقىقاتتا ئۆز مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئارقىلىق باشلامچىلىق رولىنى ئوينىغان رۇسىيە تارىخچىلىرى ئارىسىدا تۇنجى«شەرقىي تۈركىستان تارىخى»نىڭ ئاپتورى ۋاسىلىي گرىگورىيېفنى ئالاھىدە ئورۇنغا قويۇش مۇمكىن.
2015-07-30
«خىتاينىڭ «قوش تىللىق مائارىپ» سىياسىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىزچىل نارازىلىقىنى قوزغاپ كەلگەن نازۇك تېما. بۇ سىياسەتنىڭ ئۇيغۇرلاردا كەڭ نارازىلىق قوزغىشىدىكى تۈپ سەۋەب - ئۇنىڭ «قوش تىل» نامىدا خىتايچىنى مەركەز قىلغان «يەك تىللىق مائارىپ» نى ئۇيغۇرلارغا تاڭغانلىقىدا ئىدى.
2015-07-30
تۈركىيەدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن بىر پەيىتتە تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان خىتايغا ئىككى كۈنلۈك رەسمىي زىيارەت ئېلىپ باردى. زىيارەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن 7 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن ئەپەندى بېيجىڭدا مۇخبىرلارغا بۇ زىيارەتنىڭ تەپسىلاتى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەن.
2015-07-30
ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىلىرىدىكى ئۇندىدارنىڭ قانۇن سالوندا 23 - ئىيۇل كۈنى «مەسچىتتە دۆلەت بايرىقى ئېسىشقا بولامدۇ؟» دېگەن مەزمۇندا سوئال - جاۋابلىق ماقالە تارقىتىلغان ھەمدە ماقالە ئاستىنقى قىسمىغا بۇ مەسلىگە قانداق قارايسىز دېگەن شەكىلدە راي سىناش ئېلىپ بېرىلغان.
2015-07-30
قازاقىستاننىڭ ئاممىۋىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى قازاقىستاننىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا رەسمىي كىرگەنلىكى توغرىلىق خەۋەرلەر تارقاتتى. «تېنگرىنيۇس» ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 27 - ئىيۇل كۈنى جەنۋە شەھىرىدە قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېف ۋە دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ باش مۇدىرى روبېرتو ئازېۋېدو قازاقىستاننىڭ مەزكۇر تەشكىلاتقا كىرگەنلىكى توغرىلىق ھۆججەتنى ئىمزالىدى.
2015-07-30
28 - ئىيۇل ياپونىيەدىن چىقىدىغان نوپۇزلۇق مەتبۇئاتلاردىن بىرى «جاپان تايمىس گېزىتى» نىڭ «خەلقئارا نيۇيورك تايمىس» نامىدىكى مەخسۇس بېتىدە، مەزكۇر گېزىتنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى ئېدۋارد ۋۇڭنىڭ «بېيجىڭ ئەنقەرە بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسىنى بۇرمىلاش ئۈچۈن مۇناسىۋەت باغلاۋاتىدۇ» دېگەن سەرلەۋھىلىك ماقالىسى ئېلان قىلىندى.
2015-07-29
مىللىي بىر دۈلەتنىڭ قوغدىشى نېسىپ بولمىغان شەخسىي بايلىقنىڭ شۇ شەخسنىڭ ئائىلىۋىي بەخت - سائادىتىلا ئەمەس، ھەتتا خاتىرجەملىكىگىمۇ كېپىل بولالمايدىغانلىقى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ يېقىنقى يۈز يىللىق تارىخىدا كۆپلىگەن مىساللار بىلەن ئىسپاتلاندى.