ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2015-08-31
خىتاي ھۆكۈمىتى «ئىلىشقۇ ۋەقەسى» دە 97 ئادەم ئۆلگەن، ئۆلگەنلەرنىڭ 59 نەپىرى «زوراۋان تېررورچىلار» دەپ جاكالىغان بولسىمۇ، بىراق ئۇ، خەلقئارا تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ ئىلىشقۇغا كىرىپ، تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش تەلىپىنى ئىزچىل رەت قىلىپ كەلگەن.
2015-08-31
ئىيوردانىيەلىك ئۇيغۇر سودىگەر سېيىت نادىر ئەپەندى مۇخبىرىمىز بىلەن سۆھبىتىنىڭ بۈگۈنكى قىسمىدا، تەيۋەندىكى 3 يىللىق ئوقۇش ھاياتى ھەققىدە توختالدى.
2015-08-31
خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزى تەشۋىقات بۆلۈمى، ياپونغا قارشى ئۇرۇشنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى سەۋەبىدىن يېڭى ئۇقۇش مەۋسۇمى بارلىق ئوقۇغۇچىلارغا پارتىيىنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش تەربىيىسى ئېلىپ بېرىش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش تارقاتقان.
2015-08-31
ئۇيغۇر سىياسىي دەۋاسىنىڭ تۈركىيەدىكى ئاتاقلىق قوللىغۇچىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ رەھبىرىي شەخسلىرىنىڭ بىرى ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ مەنىۋى ئوغلى، سەرۋەت قاباقلى 8-ئاينىڭ 30-كۈنى ئىستانبۇلدا ۋاپات بولۇپ، دەپنە قىلىندى.
2015-08-31
پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاسىغا قارىغاندا، 29-ئاۋغۇست قەشقەر ۋىلايەتلىك سەنئەت ئۆمىكى پاكىستاننىڭ گىلگىت شەھىرىدە سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسەتكەن.
2015-08-31
مەلۇمكى، بۈگۈنكى كۈندە دۇنياۋى ئىقتىسادتىكى مۇرەككەپ ۋەزىيەتنىڭ قېلىپلىشىش مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيانىڭ كۆپلىگەن مەملىكەتلىرى ئىقتىسادىي ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرمەكتە.
2015-08-29
ئىككى ھەپتىدىن بۇيان خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا ئۇيغۇر رايونىدا يېڭى پاسپورت تۈزۈمىنىڭ يولغا قويۇلغانلىقى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە پاسپورت بېجىرىش رەسمىيىتىنىڭ ئاددىيلاشقان ۋە تېزلەشكەنلىكى خەۋەر قىلىنماقتا.
2015-08-28
خىتاي ئاتالمىش ياپونغا قارىشى ئۇرۇشنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن يولغا قويغان «پوچتا يوللانمىلىرى ئالاھىدە تەدبىرى» ئۇيغۇر ئېلىدە تېخىمۇ قاتتىق يۈرگۈزۈلگەن. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ پوچتا يوللانمىلىرىنى كىملىك بويىچە تەكشۈرۈش ئىلگىرىكىدىن كۈچەيتىلگەن. بۇنىڭ ئۇيغۇر خېرىدارلارغا قولايسىزلىق تۇغدۇرغانلىقى مەلۇم.
2015-08-28
ۋەتەن ۋە مىللەتكە ياراملىق ياشلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ يېتىشىپ، ئۇيغۇر پەن - تەتقىقاتچى ۋە ئاكادېمىكلەرنىڭ سېپىگە قېتىلىشى ئۈچۈن، تۈركىيە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى چەتئەلدىكى مەرىپەتپەرۋەر ئۇيغۇرلارنىڭ ياردىمى بىلەن 2014 - يىلىدىن باشلاپ «مەمتىلى تەۋپىق فوندى» ئۇيغۇر ماگىستىر ۋە دوكتۇر ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش ياردەم پۇلىنى تەسىس قىلغان ئىدى.
2015-08-28
ياۋروپا مەتبۇئاتلىرىدىكى ئەڭ قىزىق تېما مۇساپىرلار مەسىلىسى بولماقتا. ئوتتۇرا شەرقتىن سەلدەك بېسىپ كېلىۋاتقان يۈزمىڭلارچە مۇساپىر پۈتۈن ياۋروپادا ئەندىشە ۋە تەھدىت پەيدا قىلماقتا.
2015-08-28
پاكىستاندا ئۆتكەن مەرھۇم ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زات ئېلىخان ھاجىم 1948 - يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يەكەن ناھىيەسىنىڭ تاغارچى يېزىسىدا بىر دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.1949 - يىلى خىتاي كوممۇنىستلىرى ئۇيغۇر ئېلىنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزگەن تۈرلۈك زۇلۇملىرىغا چىدىغان ئۇنىڭ ئائىلىسى ۋەتەننى تەرك ئېتىپ، 1967 - يىلى پاكىستانغا ھىجرەت قىلىپ چىققان.
2015-08-28
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ مۇشۇ بىر ھەپتە جەريانىدا ئېلان قىلغان ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم مۇھىم خەۋەرلىرى.
2015-08-27
رابىيە خانىمنىڭ بالىلىق چاغلىرى، ئاتا-ئانا ۋە ئەۋلاد سۆيگۈسى، ھايات ئۈچۈن كۈرەش ۋە زىنداندا تارتقان زۇلۇملىرى تەسۋىرلەنگەن، ئابدۇلھېكىم باقى ئىلتەبىر يازغان «ئۆلۈمدىن قايتقان مەھبۇس» ناملىق ئەسەر 27-ئاۋغۇست تۈركىيەدە ئىككى خىل تىلدا نەشر قىلىندى.
2015-08-27
ئابدۇللاھ ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر باشچىلىقىدا بىر قانچە كىشىدىن تەركىب تاپقان بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇرلار تۈركىيەنىڭ مانىسا شەھىرىگە قاراشلىق بىر رايوندا 120 مو يەرگە قوغۇن تېرىغان بولۇپ، بۇ قوغۇنلار ھازىر پىشىپ بازارغا سېلىندى.
2015-08-27
قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ بولۇپمۇ 20-يىللىرىدىن تارتىپ ئوتتۇرا ئاسىيا سوۋېت جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادى، مەدىنى ھاياتىدا مۇھىم رول ئويناپ كەلگەنلىكى تارىختىن ياخشى مەلۇم.