ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2017-09-30
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ۋاشىنگتوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىغا توپلىنىپ ئۆز نارازىلىقىنى ئىپادىلىدى.
2017-09-29
خىتاي دائىرىلىرى تەشۋىقات ماتېرىياللىرىدا ئۇيغۇر رايونىدىكى ئاھالىلەرنىڭ دىنىغا ئېتىقاد قىلىش ۋە ئېتىقاد قىلماسلىق ئەركىنلىكى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
2017-09-29
ئۇيغۇر دىيارىنىڭ قەشقەر قاتارلىق جايلىرىدىن قىرغىزىستانغا چىقىپ تىجارەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورتىنى يېڭىلاش قاتارلىق ئىشلاردا قىيىنچىلىقلارغا يولۇقۇۋاتقانلىقى مەلۇم.
2017-09-29
«بۈگۈنكى پاكىستان» گېزىتىنىڭ ئىنگلىزچە تور بېتىدە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن رۇقىيە تۇردۇش خانىمنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسەتلىرىنى پاش قىلغان ماقالىلىرى ئېلان قىلىندى.
2017-09-29
خىتاي ئەنقەرەدە ئۆتكۈزگەن بۇ يىللىق «دۆلەت بايرىمى زىياپىتى» گە قاناشقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى سانى يىللاردىكىگە قارىغاندا زور دەرىجىدە كېمەيگەن.
2017-09-29
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ مۇشۇ بىر ھەپتە جەريانىدا ئېلان قىلغان ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم مۇھىم خەۋەرلىرى.
2017-09-28
كورلىدىكى 3 «يېپىق تەربىيەلەش مەركىزى» نىڭ ھەر بىرىدە 700 دىن، ئاز دېگەندە 2100 چە كىشىنىڭ سولىنىپ تۇرۇۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى.
2017-09-28
يەرلىك دائىرىلەر غۇلجادىكى دۇكاندارلارغىمۇ كالتەك-توقماق تارقىتىپ، ئۇلارغا «ئومۇمىي خەلق مۇقىملىقنى ساقلاش» ۋەزىپىسىنى يۈكلىگەن.
2017-09-28
نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى نورۋېگىيە پارلامېنتىدا «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» قۇرۇشنىڭ تۇنجى قەدىمىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك باستى.
2017-09-27
كورلىدىكى قارا يۇلغۇن يېزىسىدىكى بىر كەنتنىڭ ئۆزىدىنلا 250 چە جايناماز «دىنىي تۈسى قويۇق» دېگەن سەۋەب بىلەن يىغىۋېلىنغان.
2017-09-27
مىسىردا تۇتقۇن قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغانلىقلىرى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار مەلۇم بولماقتا.
2017-09-27
چېن چۇەنگونىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە تىبەت رايونلىرىدىكى ھۆكۈمرانلىقىنى يېڭىچە شەكىلدە كاپالەتكە ئىگە قىلىۋاتقان «بايراقدار» شەخس سۈپىتىدە تونۇلۇۋاتقانلىقى مەلۇم.
2017-09-27
خوتەن ۋىلايىتى بەلگىلىمە چىقىرىپ، ۋىلايەت تەۋەسىدىكى بارلىق يەسلىلەردە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىشى، دىنغا ئېتىقاد قىلىشىنى چەكلىگەن.
2017-09-27
ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى 8-ئۆكتەبىر كۈنى ئامېرىكىدىكى درېكسېل ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن ئورتاق «مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ مائارىپى» ماۋزۇلۇق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرماقچى.
2017-09-27
«خىتاي ھۆكۈمىتى ئىراقنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى، زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوللايدۇ. بىز ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ مەسىلىنى دىئالوگ ئارقىلىق ھەل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز»