ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2017-01-31
«ئۆتكەن يىلى 3-ئاينىڭ 29-كۈنى پۇقراچە كىيىنگەن 6 ساقچى ئوغلۇم تۇرسۇنجاننى كورلىدىكى ئۆيىمىزدىن ئېلىپ كەتكەن ئىدى. ئوغلۇم شۇ ئېلىپ كېتىلگىنىچە غايىب بولدى.
2017-01-31
كۇچا ناھىيىسىنىڭ ئۇزۇن بازار بوستان كەنتىدە ئوچۇق مەيدان سوتى ئېچىلىپ، 7 كىشى ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىلغان.
2017-01-31
خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنى ئەركىنلىك سارىيى سەيشەنبە كۈنى 2017-يىللىق دۇنيا ئەركىنلىك دوكلاتىنى ئېلان قىلدى.
2017-01-31
شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ئەللىرى ئارقىلىق خەتەرلىك، ئۇزاق، مۇشەققەتلىك سەپەر جەريانىنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ، تۈركىيەگە يەرلەشكەن مىڭلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ قىسمىنى ئاياللار ۋە بالىلار تەشكىل قىلىدۇ.
2017-01-31
نورۋېگىيەدىكى ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزى شۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋە دىنىي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش مەقسىتىدە قۇرۇلغان.
2017-01-30
خىتايدىكى ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىدا، بۇ يىللىق چاغان كېچىلىكىدە «ساختا مىللىي ئىناقلىق مەدھىيىلەنگەن» لىكى قەيت قىلىنىپ، قاتتىق تەنقىدكە ئۇچرىدى.
2017-01-30
جېن شېنۋېي ماناس ناھىيەلىك ستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ كادىرى بولۇپ، ئۇ ئىدارىدىن مۇقىملىق خىزمىتىگە چىقىرىپ بېرىلگەن ئىدى.
2017-01-30
ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ سىياسىي تارىخى ئىزچىل رەۋىشتە زامانىمىزدىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ تەتقىقات ئوبيېكتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ كەلمەكتە.
2017-01-30
چەتئەلدىكى ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلاردا ئانا تىل ئۆگىنىشكە بولغان قىزىقىشمۇ كۈچەيمەكتە.
2017-01-30
1-ئاينىڭ 29-كۈنى يەكشەنبە، مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ ئىدارە ھەيئەت رەھبەرلىكى قايتىدىن سايلاپ چىقىلدى.
2017-01-30
مەلۇمكى، ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمى ئوتتۇرا ئاسىياغا ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، يەتمىش يىل مابەينىدە مەزكۇر جۇمھۇرىيەتلەر سوۋېت ئىتتىپاقى تەركىبىدە بولۇپ كەلگەن ئىدى.
2017-01-30
ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن 4-فېۋرال كۈنى ياپونىيەنىڭ بىر قىسىم شەھەرلىرىدە «5-فەۋرال غۇلجا ۋەقەسى» مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش بولماقچى.
2017-01-30
ئەنقەرەدىكى ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتور تۇفان گۈندۈز نەشىرگە تەييارلىغان«ئوغۇزخان داستانى»ئۆتكەن ئاي نەشىردىن چىقتى.
2017-01-30
28-يانۋار ئاۋسترالىيەنىڭ ئادىليات شەھىرىدە جەنۇبىي ئاۋسترالىيە ئىسلام دىنىي جەمئىيىتى ۋە ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن «ئەل-سالام» (تىنچلىق فېستىۋال) غا ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشقان.
2017-01-27
خىتاينىڭ ھەر يىللىق چاغان مەزگىلىدە ئۇيغۇر دىيارىدا قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى يولغا قويۇلۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ يىللىق چاغان مەزگىلىدە بۇ خىل بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى تېخىمۇ كۈچەيتىلگەن.