ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2019-04-30
ئامېرىكا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى 2019-يىللىق دوكلاتنىڭ مۇقاۋىسىغا بېرىلگەن تۆت پارچە فوتو سۈرەتكە بىردەك ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تېمىنىڭ تاللانغان.
2019-04-30
«جاۋابسىز قالغان تېلېفون» ناملىق بەدىئىي ھۆججەتلىك فىلىم «كۈنتەرتىپتىكى ۋەقەلەر: ئۇيغۇرلارنى قوللاش كۈنى» ناملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا كۆرسىتىلدى.
2019-04-29
مەشھۇر لاگېر رەسىمىدىكى كىشىلەرنىڭ بىرىنىڭ قاش تېشى سودىگىرى، ۋەزىپىسىز دىنىي زات ئېلىئاخۇن قارى ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى.
2019-04-29
«زىمىستان» تورىدا «شىنجاڭدا خۇددى تۈرمىگە سولانغاندەك ياشايدىكەنمىز» سەرلەۋھىلىك ماقالە ئېلان قىلىنغان.
2019-04-29
28-ئاپرېل شىۋېتسىيە پايتەختى سىتوكھولم شەھىرىدە كۆلىمى زور بولغان «مەھبۇسلار ساداسى: سىكاندىناۋىيە ئەركىنلىك يۈرۈشى» ناملىق پائالىيەت ئۆتكۈزۈلگەن.
2019-04-29
تۈركىيەنىڭ سىۋاس شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق يىغىندا ئۇيغۇرلار ھازىر دۇچار بولۇۋاتقان ئېغىر مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
2019-04-29
ئاۋسترالىيەنىڭ مېلبورن شەھىرىگە جايلاشقان لاتروبې ئۇنىۋېرسىتېتىدا «ئۇيغۇرلارنىڭ يېنىدا بىر كۈن» ناملىق يىغىن ئۆتكۈزۈلدى.
2019-04-29
بىشكەك شەھىرىدە «ياشلىق ئاۋازى» ناملىق بىر توپ ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ تەشەببۇسكارلىقىدا پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى.
2019-04-26
مەشھۇر لاگېر سۈرىتىدىكى تۇتقۇنلاردىن بىرىنىڭ لوپ ناھىيەلىك ئەمگەك سۇغۇرتىسى ئىدارىسىنىڭ شوپۇرى ئابدۇلئەزىز ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى.
2019-04-26
تۇتقۇن قىلىنغان زىيالىيلار تىزىملىكىدىن مەلۇم بولىشىچە، ئالىم ئەھەت 2018-يىلى يانۋاردىن كېيىن تۇتقۇن قىلىنغان.
2019-04-26
تۈركىيەنىڭ غەربىي رايونىغا جايلاشقان بۇرسا شەھىرىدىكى ئۇلۇداغ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇلۇغ تۈركىستان تويى» ناملىق خەلقئارالىق مەدەنىيەت فېستىۋالىدا ئۇيغۇرلار ئۆز مەدەنىيىتىنى نامايان قىلدى.
2019-04-26
خىتاي ھۆكۈمىتى لاگېرلار ھەققىدە ئىچىگە قاراتقان تەشۋىقاتىدا ئىزچىل «دوختۇرخانا» دەپ كەلمەكتە ۋە بىگۇناھ تۇتۇلۇشنى «داۋالىنىش پۇرسىتى» دەپ بېزەپ كۆرسەتمەكتە.
2019-04-26
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ مۇشۇ بىر ھەپتە جەريانىدا ئېلان قىلغان ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم مۇھىم خەۋەرلىرى.
2019-04-25
مەشھۇر لاگېر رەسىمىدىكى كىشىلەرنىڭ بىرىنىڭ لوپ ناھىيە شىپاڭ مەسچىتىنىڭ خوجىلىق ئىشلىرى مەسئۇلى ئابدۇللا خارەت ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى.
2019-04-25
ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى بۇ يىللىق رامازاندا خىتاي ماللىرىنى بايقۇت قىلىش پائالىيىتىنى ئوتتۇرىغا چىقارماقتا.