ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2019-08-31
ئالبانىيەلىك مۇخبىر ۋە تەتقىقاتچى ئولسى يازېجى: خىتايدىكى «كەسپىي تەربىيىلەش ئىنستىتۇتلىرى» دا دوزاخنىڭ نەق ئۆزىنى كۆردۇق، دېدى.
2019-08-30
30-ئاۋغۇست «مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىلگەنلەر خەلقئارا خاتىرە كۈنى» دە ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى «دۆلەتلىك ئاخبارات كۇلۇبى» دا مەخسۇس يىغىن ئېچىلدى.
2019-08-30
بىرلەشمە يىغىندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ۋە تىبەت ئاپتونوم رايونلىرىدا يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان ئاتالمىش «ئاپتونومىيە» سىنىڭ پۈتۈنلەي قەغەز يۈزىدىكى ساختا ئاپتونومىيە ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
2019-08-30
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى 28-ئاۋغۇست دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئامېرىكادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىزىنى ئېتىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان زىيانكەشلىكلىرىنى دەرھال توختىتىشقا ھەمدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى بۇنىڭغا دەرھال تەدبىر قوللىنىشقا چاقىردى.
2019-08-30
ئۇزۇئدىن تارتىپ ئۇيغۇر دەۋاسىنى قوللاپ كەلگەن ۋە ئۇيغۇر تارىخى ھەققىدە كىتاب ۋە كۆپ ساندا ماقالە يېزىپ قالدۇرغان تونۇلغان تارىخچى پروفېسسور دوكتور مۇستافا كافالى ئەپەندى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى 85 ياشتا ئالەمدىن ئۆتتى.
2019-08-30
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ مۇشۇ بىر ھەپتە جەريانىدا ئېلان قىلغان ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم مۇھىم خەۋەرلىرى.
2019-08-30
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پۇلدار، جامائەت ئىچىدە بەلگىلىك تەسىرگە ئىگە ساخاۋەتچى ئۇيغۇر تىجارەتچىلەرگە قاراتقان زىيانكەشلىكلىرى كۈچەيگەن.
2019-08-29
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ خىتايغا سادىق، ئۇيغۇرغا قاتتىققول سابىق مۇئاۋىن باشلىقى قادىر مەمەتنىڭمۇ تۇتۇلغانلىقى مەلۇم.
2019-08-29
«خىتاي خەۋەرلەر تورى» ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 3 يىللىق دەريا-ئېقىنلارنى تەرتىپكە سېلىش ھەرىكىتى باشلانغانلىقىنى خەۋەر قىلغان.
2019-08-29
قازاقىستانلىق تەنھەرىكەتچى ھېزىم ئىزباقىنىڭ ئامېرىكاغا بېرىپ، بوكس مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇرلار تارقالغان ئىدى.
2019-08-29
دەررىن بايلېر ئۇيغۇرلار بىلەن قىرغىزلار، قازاقلارنىڭ ئەجداد ۋە تارىخ جەھەتتە بىر-بىرىگە قېرىنداش ئىكەنلىكىنى، كېيىن سىياسىي مەنپەئەتلەر تەقسىماتىنىڭ ئېھتىياجى سەۋەبىدىن ئۇلارنىڭ پارچە-پارچە خەلقلەرگە ئايرىۋېتىلگەنلىكىنى سۆزلەپ ئۆتتى.
2019-08-28
نۆۋەتتە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىمۇ تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلارنى خىتايغا قايتۇرماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئۇلارغا ئۈچىنچى بىر دۆلەتتىن چىقىش يولى ئىزدەش ئۈچۈن داۋاملىق ھەرىكەت قىلماقتىكەن.
2019-08-28
تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدىكى سافاكۆي رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق ئوسمان ئەنۋەر ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر مۇساپىرى 27-ئاۋغۇست كۈنى تۇتقۇن قىلىنىپ، سافاكۆينىڭ ئىنۆنۈ مەھەللىسىدىكى ساقچى پونكىتىغا ئېلىپ كېتىلگەن.
2019-08-28
ئاۋسترالىيەنىڭ بەزى شەھەرلىرىدە يېقىندىن بېرى خوڭكوڭلۇقلارنى قوللاش نامايىشى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، مېلبورىندىكى بۇ قېتىمقى نامايىش خوڭكوڭلۇقلارنى قوللاش يۈزىسىدىن ئۆتكۈزۈلگەن ئىككىنچى قېتىملىق نامايىش ئىكەن.
2019-08-27
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۋەدىكى مەركىزىدە تۇرۇشلۇق دائىمىي ئەلچىلىكى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنى ۋە د ئۇ ق ئۇستىدىن شىكايەت قىلغان.