ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2019-09-26
رۇسىيەنىڭ ئەڭ ئىناۋەتلىك مەتبۇئاتلىرىنىڭ بىرى «كومسومولسكايا پراۋدا» گېزىتىنىڭ 20-سېنتەبىردىكى سانىدا «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ لېدىرى: ‹مېنىڭ ۋەتەنداشلىرىم ئۈچۈن لاگېرلاردا ئۈچ مىليونغىچە ئادەم ئازابلانماقتا›» ناملىق ماقالە ئېلان قىلىنغان.
2019-09-25
بۇ يىغىنغا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئاسىيا ۋە تىنچ ئوكيان ئىشلىرىغا مەسئۇل ياردەمچى مىنىستىرى دېيۋىد ستىلۋېل بىلەن ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتى ئىدارە ھەيئىتىنىڭ رەئىسى نۇرى تۈركەل بىرلىكتە ساھىبخانىلىق قىلدى.
2019-09-25
زۇمرەت داۋۇت: «ئامېرىكاغا ئوخشاش دېموكراتىك دۆلەتلەر ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ھەقىقەتەنمۇ جىددىي كۆڭۈل بۆلۈپ، بىز ئۈچۈن ياخشى ئىشلار قىلىۋېتىپتۇ. شۇڭا ناھايىتى خوش بولدۇم.»
2019-09-25
رادىئومىز قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ھەرقايسى يېزا-بازار ۋە ئىدارە-جەمئىيەتلەرگە تارقاتقان «تەربىيىلەش مەركەزلىرى» نىڭ مەخپىيەتلىكىنى قاتتىق ساقلاش ھەققىدىكى ھۆججىتىنى قولغا چۈشۈردى.
2019-09-25
شاۋكەت ئابدۇللا خىتاي قانۇنلىرىدا بەلگىلەنگەن جىنايى بەلگىلىمىلەرنىڭ ھېچقايسىسىغا چۈشمەيدىغان بىمەنە باھانىلەر بىلەن ئېغىر دەرىجىدە قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.
2019-09-25
بىرلەشكەن دۆلەتلىرى تەشكىلاتىدا ۋە ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىدا يىغىۋېلىش لاگېرلىرى مەسىلىسى يۇقىرى دەرىجىدە كۈنتەرتىپكە كېلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە دۇق ياۋروپا پارلامېنتىدا بىر يۈرۈش ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ باردى.
2019-09-25
ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى ناتان رۇسېر: «بۇ ۋىدېو ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقەتەنمۇ سىستېمىلىق ھالدا قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى، خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنىۋاتقانلىقىنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرۈۋالدۇق.»
2019-09-24
شەرەپ ھېيت ئابدۇقادىر جالالىدىن بىلەن يالقۇن روزىنى كورلاغا بىرقانچە قېتىم لېكسىيەگە تەكلىپ قىلغانلىقى ئۈچۈن «مىللىي بۆلگۈنچىلەرگە سەھنە ھازىرلاپ بېرىش» بىلەن ئەيىبلىنىپ، تۇتقۇن قىلىنغان.
2019-09-24
22 ياشلىق ئابلىكىم ئابلا گېرمانىيەگە بارماقچى بولۇپ قانۇنلۇق خىتاي پاسپورتى بىلەن يولغا چىققان. ئۇنىڭ پاسپورتى قانۇنلۇق بولسىمۇ، لېكىن نېمە سەۋەبلىك تۇتۇپ قېلىنغانلىقى، قەيەردە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى مەلۇم ئەمەس.
2019-09-24
«كۈندە بىر تال ئاق تابلېتكىنى ھەممىمىزگە مەجبۇرىي ئىچكۈزدى. ئۇنى ئىچكەندىن كېيىنلا خامۇش بولۇپ قالىمىز، ئۇنى ئىچكەندىن كېيىن ھەممىمىزنىڭ ھېيىزى توختىدى، مېنىڭ ئادىتىم شۇ لاگېردا كېسىلگەنچە شۇندىن كېيىن ئادەت كۆرمىدىم. . .»
2019-09-24
24-سېنتەبىر كۈنى نيۇ-يورك شەھىرىدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىناسىدا، ئامېرىكانىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە كانادا، گېرمانىيە، گوللاندىيە ۋە ئەنگلىيەنىڭ قوشۇمچە ساھىبخانىلىق قىلىشى بىلەن «شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق كرىزىسى» تېمىسىدا بىر مۇھاكىمە يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇلدى.
2019-09-24
دۇنيا جامائىتىنى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئىجتىمائىي پاجىئە ھەققىدە خىتاينى ئەيىبلەشكە چاقىرىش مەقسىدىدىكى بىر قېتىملىق مۇھاكىمە يىغىنى 24-سېنتەبىر كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نيو يوركتىكى باش شىتابىدا ئۆتكۈزۈلدى.
2019-09-23
ھەسەنجان ئىسمائىلنىڭ بىر يىلدىن بېرى تۇتقۇندا ئىكەنلىكى ۋە نۆۋەتتە خېجىڭ، يەنى خوتۇنسۇمبۇل ناھىيەسىدىكى بىر لاگېردا ئىكەنلىكى دەلىللەندى.
2019-09-23
ئۇلار تاشپولات تېيىپقا ئوخشاش قىممەتلىك بىر بىلىم ئادىمىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دەلىل-ئىسپاتسىز قارىلاشلىرى ئاستىدا ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭگە چاقىرىق قىلدى.