ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2020-12-14
ئىبراھىم قاسىم ئۆزىگە لاگېر نۆۋىتى كېلىشتىن بۇرۇن چەتئەلگە چىقىپ كېتىشنىڭ يوللىرى ئۈستىدە ئىزدەنگەن ۋە ئۇرۇنۇپ كۆرگەن، شۇنداقلا گۈلى مەخسۇتتىن يول سورىغان.
2020-12-14
خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئامېرىكاغا زور تەھدىت ئىكەنلىكى ئامېرىكانىڭ 3 مۇھىم ئەمەلدارى تەرىپىدىن تىلغا ئېلىندى.
2020-12-14
كانادا پارلامېنتىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلىپ، ترۇدو ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە خىتايغا قارشى قاتتىق تەدبىر قوللانمىغانلىقى تەنقىدلەندى.
2020-12-14
ياپونىيەنىڭ كاناگاۋا ئۆلكىسىنىڭ زىشى شەھەرلىك مەدەنىيەت مەركىزى بىناسىدا تۇنجى قېتىم ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئۇنىۋېرسال رەسىم كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلگەن.
2020-12-14
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يۇرتىدىكى ئائىلە ئەزالىرىنىڭ جان بىخەتەرلىكىگە بولغان ئەندىشىسى بارغانسېرى كۈچەيمەكتە. تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق مەغپىرەت ئابلىمىت ئائىلىسى پارچىلانغان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىرى.
2020-12-14
ئۆزبېكىستان پايتەختى تاشكەنت شەھىرىدە جامائەت ئەربابى يارمۇھەممەت ئابدۇجاپپار ئوغلى ئابدۇساتتاروف 84 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.
2020-12-13
ياۋروپا پارلامېنتى خىتاي مۇناسىۋەتلەر ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى رېينخارد بۇتىكوفېر ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ باش ئىجراچىسى چېن چۈەنگونىڭ مەزكۇر كىشىلىك ھوقۇق مېخانىزمى بويىچە جازالىنىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
2020-12-13
ئۇيغۇر ئىنسانشۇناس ئالىم راھىلە داۋۇت غايىب بولغانلىقىنىڭ ئۈچ يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، ئۇنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى دوستلىرى ۋە كەسىپداشلىرى ئۇنىڭغا بىر ۋىدېيولۇق سالام يوللاپ، ئۇنى كۈچلۈك بولۇشقا ئىلھاملاندۇردى.
2020-12-13
بۇ ھەپتە ئاشكارىلانغان ھۆججەتلەردە كۆرسىتىشىچە، خۇاۋېي شىركىتى چىراي سكاننېرلاش كامېرا سىستېمىسى ئارقىلىق ساقچىغا «ئۇيغۇر ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى» ئەۋەتەلەيدىغان سۈنئىي ئىدراكلىق نازارەت قىلىش تېخنىكىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا قاتناشقان.
2020-12-11
سەنئەتكار نۇرمۇھەممەت تۇرسۇننىڭ «تەمبۈر كېچىلىكى» دە شائىر تۇرسۇنجان ئەمەت «قانغا بويالغان ناخۇن» دېگەن شېئىرىنى دېكلاماتسىيە قىلىپ، تاماشىبىنلارنى قاتتىق تەسىرلەندۈرگەنىدى.
2020-12-11
ناتو (شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى) خىتاينىڭ «ئەڭ چوڭ رەقىپ، خىرىس، تەھدىت پەيدا قىلغۇچى» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
2020-12-11
رايان سام ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەقسىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى «ئۆزىنى تونۇماس» قىلىۋېتىش ياكى مىللىي كىملىكىدىن ئايرىۋېتىش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.
2020-12-11
دوكتور كاترىنا سىۋىت لانتوس خانىم دۇنيانى خىتاي ھۆكۈمىتىنىىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىقىنى توختىتىشتا ئاكتىپ ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرىق قىلدى.
2020-12-11
10-دېكابىر «خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى» دە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى دۇنياغا قايتا ئاڭلاتتى
2020-12-11
ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرى دۇنيا جامائىتىنى دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈپ خىتاينىڭ قىلمىشلىرىنى توسۇشقا چاقرىق قىلدى.