ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2021-01-31
پرېزىدېنت جو بايدىننىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى جەكې سۇللىۋان ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قىلمىشلىرى سەۋەبلىك ئامېرىكىنىڭ خىتايغا بەدەل تۆلىتىشكە تەييار تۇرۇشى كېرەكلىكنى بىلدۈردى.
2021-01-31
بۇ ھەپتە ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو كېڭەش پالاتا ئەزاسى جېف مېركلېي بىلەن بىرلىشىپ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نى قايتا تونۇشتۇرغان.
2021-01-31
ياۋروپا پارلامېنتى ئەزالىرى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى سەۋەبلىك يېقىندا ھازىرلانغان ياۋروپا-خىتاي مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىنى بۇزۇشقا تەرەددۇت قىلغان.
2021-01-31
تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، شۇ جاي ۋاقتى يەكشەنبە كۈنى، ئامېرىكىنىڭ بىر دانە رازۋېدكا ئايروپىلانى ۋە خىتاينىڭ بىر نەچچە ھەربىي ئايروپىلانى تەيۋەننىڭ ھاۋا مۇداپىئە پەرقلەندۈرۈش رايونىنىڭ غەربىي جەنۇب بۇرجىكىگە بىرلا ۋاقىتتا كىرگەن.
2021-01-29
دوكتور ماگنۇس فىسكەسيۆ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بولمىغان مىللەتلەرگە قاراتقان سىياسەتلىرى، مىليونلىغان ئۇيغۇرنى جازا لاگېرلىرىغا قاماش ۋە ھەتتا كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمىدىن كېيىن خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئەۋج ئالغان قارا تەنلىكلەرنى ئوچۇق–ئاشكارا كەمسىتىش ۋەقەلىرىگىچە ھەممىسىنىڭ قوزغاتقۇچ ئامىلنىڭ خىتايدا ئۇزۇن تارىخقا ئىگە بولغان ئىرقچىلىققا مۇناسىۋەتلىكىنى بىلدۈردى.
2021-01-29
خالىل ئىبراھىم ئورال: «بىز ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى قوبۇل قىلىمىز. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتىنىڭ بۇنى ئېتىراپ قىلىشى ۋە تەنقىد قىلىشىنى ئارزۇلايمىز.»
2021-01-29
قاراقاشلىق مۇھاجىرلاردىن بىرى بۈگۈن رادىيومىزغا ئۇچۇر يوللاپ، خوتەندە پومپېيوغا قارشى بايانات بەرگەن ھەبىبۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ ئەسلىدە قاراقاشنىڭ ياۋا يېزىسىدىكى بىر كەنت سېكرىتارى ئىكەنلىكى، ئۇ خىزمەت قىلغان ياۋا يېزىسىدىكى دىنىي زاتلارنىڭ ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى مەلۇم قىلدى.
2021-01-29
ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئىزچىل ھالدا كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىۋاتقان «كېلەچەك» پارتىيەسىنىڭ رەئىسى، سابىق باش مىنىستىر ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ 28-يانۋار تۈركىيەنىڭ كونيا شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلاردىن ھال سورىدى ۋە ئۇلارنىڭ تەلەپ-پىكىرلىرىنى ئاڭلىدى.
2021-01-28
لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئىستانبۇل ۋالىيلىقىغا بەرگەن ۋەدىسىدىن يېنىۋالغانلىقىنى، ئىلتىماسلارنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلغانلىقىنى ئېيتتى.
2021-01-28
ئاتاقلىق شائىر، قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوف ئەپەندىنىڭ پىكرىچە، ھازىرقى خىتايدا ئەدەبىيات بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئەدەبىيات تار رامكىغا سېلىنغان كوممۇنىستىك پارتىيە ئەدەبىياتىكەن.
2021-01-28
تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ خەلقئارالىق «يەھۇدىي قىرغىنچىلىقى خاتىرە كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن قىلغان نۇتقى تەنقىدكە ئۇچرىدى.
2021-01-28
خىتاينىڭ بىر ھەپتىدىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان ئامېرىكانىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا «قىرغىنچىلىقى» يۈرگۈزگەنلىكى ھەققىدىكى باياناتىغا قارشى تەشۋىقاتلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ تولۇق كاپالەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى نۇقتىلىق تەكىتلەنمەكتە.
2021-01-28
27-يانۋار كۈنى «چوڭ قىرغىنچىلىقنى خاتىرىلەش كۈنى» بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا يەھۇدىي جامائىتىنىڭ تەشكىللىشىدە پۈتۈن كۈن ئوخشىمىغان شەكىلدە خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلدى.
2021-01-28
گۈلباھار خاتىۋاجى: يولۋاس ئورۇندۇقتا سوراق قىلىنىمىز، ئۇنىڭدىنمۇ قورقۇنۇچلۇقى ئاخىرى چىقماس پسىخولوگىيەلىك خورلاشلار ئىدى
2021-01-27
27-يانۋار كۈنى «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ پارلامېنتتا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنىدا نۇرسىمان ئابدۇرېشىت خانىم «جازا لاگېرلىرى» نى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان ئاتا-ئانىسى ھەمدە قېرىنداشلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ئاڭلاتتى.