ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2022-10-31
ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيە ۋە سىياسەت تەتقىقات مەركىزى (ASPI) خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقات ھەرىكەتلىرىدە قوللىنىۋاتقان يېڭىچە ئۇسلۇبىنى تەتقىق قىلىدىغان بىر پارچە مۇھىم دوكلاتقا ئىمزا قويغان.
2022-10-31
«قاچارغا يول يوق» سەرلەۋھىلىك ئەدەبىي ئەسەردە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىقىنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى ھەمدە بۇ ھەقتىكى مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللار سىستېمىلىق شەرھلەنگەن.
2022-10-31
ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەردە خىتاينىڭ 30 دىن ئارتۇق قانۇنسىز ساقچىخانىلىرىنىڭ ھەرىكەتتە ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
2022-10-28
ئاشكارىلىنىشىچە، غۇلجادا قامال مەزگىلىدە ئاچلىقتىن ئۆلگەنلەرنىڭ جەسەتلىرى توپلانغان، ئەمما قانداق بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى مۇسىبەتتىكى ئائىلىلەرگە بىلدۈرۈلمىگەن.
2022-10-28
خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسى قاتاردا ئۆتكۈزۈلىدىغان دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبۇل مۇسابىقىسىنىڭ 20-نويابىر قاتار پايتەختى دوھادا رەسمىي باشلىنىدىغانلىقنى ئۇقتۇردى.
2022-10-28
خىتاينىڭ گوللاندىيەنىڭ ئامىستېردام ۋە روتتېردام شەھەرلىرىدە مەخپىي ساقچىخانىلارنى قۇرۇپ، ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى.
2022-10-28
قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر جەمئىيەتلىك بىرلەشمىلىرى، ئايرىم مىللەتپەرۋەر شەخسلەر تەنھەرىكەتنىڭ ھەر خىل تۈرلىرى بويىچە خىلمۇ خىل دەرىجىدىكى مۇسابىقىلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۇلارنى ماددىي جەھەتتىنمۇ قوللاپ كەلمەكتە.
2022-10-27
26-ئۆكتەبىر كۈنى ب د ت نىڭ نيۇ-يوركتىكى باش شتابى ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى يەنە بىر يۇقىرى دەرىجىلىك يىغىنغا سەھنە بولدى.
2022-10-27
24-ئۆكتەبىر كۈنى كانادا پارلامېنتىدا خىتاينىڭ قىرغىنچىلىقىدىن قېچىپ چەت ئەللەردە سەرگەردانلىقتا ياشاۋاتقان ئون مىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرغا پاناھلىق بېرىش تەكلىپ لايىھەسى ئاۋازغا قويۇلغان.
2022-10-27
«نۇرخېنىم ئۇيغۇر» ئىسىملىك بىرەيلەننىڭ ئۆتكەن ھەپتە فەيسبوك بېتىدە خەۋەر قىلىشىچە، بۇ يىل 27 ياشقا كىرگەن قەشقەر توققۇزاقلىق ئالىمجان ئابدۇرېشىت 2-ئۆكتەبىر كۈنى ئۇشتۇمتۇت جان ئۈزگەن.
2022-10-27
2022-يىلى سېنتەبىرنىڭ باشلىنىش ھەپتىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىللىق سىتوكھولم مودا كىيىم ھەپتىلىكى شىۋېتسىيە، نورۋېگىيە، دانىيە، ئامېرىكا، گوللاندىيە ۋە فىنلاندىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا 19 ئېكراندا بىرلا ۋاقىتتا تارقىتىلغانىدى.
2022-10-27
مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيوروسىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزالىرى بولۇپ «سايلانغان» لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى شى جىنپىڭنىڭ يېقىنلىرى ئىكەن.
2022-10-27
«تۈرك ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى ئىمدات ئاۋشار ئەپەندى بىلەن ئۇيغۇر شائىرە نۇرئەلا گۆكتۈرك خانىم ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى بايان قىلىنغان شېئىرلىرىنى دېكلاماتسىيە قىلىپ كىشىلەرنىڭ قاتتىق ئالقىشىغا ئېرىشكەنىدى.
2022-10-26
بىر لاگېر شاھىتىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى توغرىسىدىكى بايانلىرى گېرمانىيە پارلامېنت ئەزاسى مىخايىل بىراندىنى قاتتىق چۆچۈتكەن.
2022-10-26
ژۇرنالىسىت ۋە رېژىسسور ئېرىك داربرې (Eric Darbré) تەرىپىدىن ئىشلەنگەن «ئۇيغۇرلار: ئاشكارىلانغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ مېخانىزمى» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم، 18-ئۆكتەبىر كۈنى فىرانسىيە پارلامېنتىنىڭ تېلېۋىزىيە قانىلى (LCP-AN)دا قويۇلغان.