ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2022-09-27
27-سېنتەبىر كۈنى، ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خوڭكوڭلۇقلارغا ۋەكىللىك قىلىدىغان 9 تەشكىلات بىرلىكتە ئەنگلىيەنىڭ يېڭى باش ۋەزىرى لىز ترۇسقا مەكتۇپ يېزىپ، ئۇنىڭ ياردىمىنى تەلەپ قىلغان.
2022-09-27
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى باشچىلىقىدىكى ھەيئەت ياپونىيەنىڭ توكيو شەھىرىدە سابىق باش مىنىستىر شىنزو ئابې شەرىپىگە ئۇيۇشتۇرۇلغان دۆلەت مۇراسىمىغا قاتنىشىپ، مازىرىغا گۈلچەمبىرەك قويدى.
2022-09-27
«ياپون خەۋەرلىرى» تورىدا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، خاككېرلار شاڭخەي ساقچى دائىرىلىرى ساقلاۋاتقان بىر مىليارد خىتاي پۇقراسىنىڭ ئۇچۇرلىرىنى قولغا چۈشۈرگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا خىتاي نوپۇسى توغرۇلۇق ھەقىقىي ئۇچۇرلار ساقلانغان.
2022-09-26
ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىقنىڭ ئەڭ ئاساسلىق مەزمۇنلىرىدىن بىرى بولغان لاگېرلار مەسىلىسى تاشقىي دۇنياغا مەلۇم بولغاندىن باشلاپ، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلغان ئىدى.
2022-09-26
سەككىز دۆلەت بىرلىكتە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەرنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى جىددىي مۇزاكىرە قىلىشقا چاقىرىق قىلىپ تەكلىپ لايىھەسى سۇنغان.
2022-09-26
گېرمانىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى باياناتچىسى گابرېللا خېيىنرىك خانىم ياۋروپا پارلامېنتى بىلەن بىرلىكتە بىر قارار چىقىرىش ئۈچۈن يول مېڭىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
2022-09-26
ئەنگىلىيە پارلامېنت ئەزالىرى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە قارشى قانۇن قوبۇل قىلىش ھارپىسىدا ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ بايانلىرىغا قۇلاق سالغان.
2022-09-26
خىتاينىڭ يېقىندىن بۇيان يەنە «شىنجاڭ ھېكايىسىنى سۆزلەش»، «شىنجاڭنىڭ يېڭى ئوبرازىنى نامايان قىلىش»، «شىنجاڭنىڭ خەلقئارا مەدەنىيەت ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش» دېگەنلەرنى قايتىدىن تەشۋىقات نىشانى قىلىشى دىققەت قوزغىماقتا.
2022-09-25
گېرمانىيە پايتەختى بېرلىندىكى ئەڭ مۇھىم مەدەنىيەت-سەنئەت كۆرگەزمىلىرىدىن بىرى بولغان «خۇمبولدت مۇنبىرى» (Humboldt Forum) يېڭىدىن زامانىۋىي ئۇسۇلدا لايىھەلىنىپ، يېقىندا ئاۋامغا ئېچىۋېتىلگەن. بۇ بېرلىندىكى چوڭ تىپتىكى مۇزېيلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.
2022-09-23
G7 دۆلەتلىرى دۇنيا ۋەزىيىتىگە جىددىي تەسىر كۆرسىتىۋاتقان 3 مۇھىم مەسىلە ئۈستىدە نوقتىلىق سۆزلەشكەن. بۇ مەسىلىلەر ئۇكرائىنا ئۇرۇشى، ئۇيغۇر مەسىلىسى ۋە تەيۋەن مەسىلىسىدىن ئىبارەت.
2022-09-23
22-سېنتەبىر كۈنى چۈشتىن كېيىن، جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلىۋاتقان ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 51-نۆۋەتلىك ئومۇمىي ۋەكىللەر يىغىنىدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن.
2022-09-23
ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى كىرىس سىمىس ئۇيغۇر رايونىدىكى ئاچ قېلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېچىنىشىلىق ئەھۋالىغا تېىخىمۇ كۆپ دىققەت تارتىش ئۈچۈن ئاقساراي ئالدىدا ئۈچ كۈندىن بۇيان ئاچلىق ئېلان قىلىۋاتقان ئۇيغۇر لاگېر شاھىتلىرىنى يوقلاپ كەلدى.
2022-09-23
د ئۇ ق رەئىسىنىڭ پارلامېنتتا رىم پاپاسىنى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تونۇشقا چاقىرىشى، ئاۋسترىيە ئاخبارات ساھەسىنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلغان.
2022-09-23
21-سېنتەبىر كۈنى ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن ب د ت نىڭ ئومۇمىي كېڭىشىدە سۆزلىگەن نۇتۇقىدا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىنى تىلغا ئالمىدى.
2022-09-23
ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئاۋسترالىيەدىكى ۋەكىللىرى ۋە سىدنېيدىكى ئۇيغۇرلار 9 نەپەر ئاۋسترالىيە پارلامېنت ئەزاسىغا تەلەپ خېتى سۇنغان.