سۇلايمان گۇ: «ئۇيغۇرلار توغرىلىق ھەق گەپ قىلغانلىقىم ئۈچۈن مالايسىيادىكى خىتايپەرەسلەرنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىدىم»

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2020.03.31
sulayman-gu.jpg سۇلايمان گۇ ئۆزىنىڭ تۋىتتېر ھېساباتىغا چىقارغان سۈرەت.
Social Media

ئىگىلىشىمىزچە، يېقىندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مالايسىياغا قاراتقان سىياسىي تەشۋىقاتى نەتىجىسىدە مالايسىيادا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى ياقلايدىغان بىر تۈركۈم خىتايپەرەسلەرنىڭ توردىكى تەشۋىقاتلىرى كۈچەيگەن. ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى تەنقىتلىگۈچىلەرگە قارىتا تۋىتېر قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ھۇجۇم قوزغاپ، ئۇلارغا ئاشكارا تەھدىت سېلىشقا باشلىغان.

نۆۋەتتە ئامېرىكانىڭ جورجىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكتور ئاسپىرانتلىقىدا ئوقۇۋاتقان سۇلايمان گۇ ئەپەندى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئاكتىپ ئاڭلىتىپ كېلىۋاتقان تۇڭگان پائالىيەتچىسىدۇر.

سۇلايمان گۇ ئەپەندى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ خىتاي ۋە مالاي تىلىدىكى تىۋىتتېر ھېسابىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى ئەيىبلىگەنلىكى ئۈچۈن مالايسىيادىكى خىتايپەرەس توركېزەرلىرىنىڭ ھۇجۇمى ۋە تەھدىتىگە ئۇچرىغانلىقىنى ئاڭلاتتى.

سۇلايمان گۇ ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلغان تور چوماقچىلىرى ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرۇشىغا ئۇچراۋاتقانلىقى ھەققىدىكى يازمىلىرىغا قارىتا توردا ئىنكاس يېزىش ئارقىلىق ھۇجۇم قىلغان.

سۇلايمان گۇ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مالايسىيادىكى خىتايپەرەس تور كېزەرلەر «سۇلايمان گۇنىڭ يازمىلىرى مالايسىيا دۆلىتىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدۇ» دەپ ئەيىبلىگەن. ئۇلار يەنە مالايسىيالىق تورداشلارنى سۇلايمان گۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇۋاتقانلىقى ھەققىدىكى يازمىلىرىغا زەربە بېرىشكە دەۋەت قىلغان.

سۇلايمان گۇ ئەپەندى تىۋىتتېردىكى خىتايپەرەس تور كېزەرلەرنىڭ ئۆزىگە قىلغان ھۇجۇمى ۋە تەھدىتلىك ئىنكاسلىرىدىن تۆۋەندىكى خاتىرىلەرنى يوللاپ بەردى.

ئىنكاسلاردا مۇنداق دېيىلگەن: «سۇلايمان گۇنىڭ مالاي تىلىنى ئۆگىنىشى سىياسىي مەقسەت ئۈچۈن بولغان. ئۇ مالايسىيادىكى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ باستۇرۇلۇۋاتقانلىقى ھەققىدىكى تېمىنى تەشۋىق قىلىش مەقسىتىدە مالاي تىلى ئۆگەنگەن. ئۇ خوڭكوڭلۇقلارنى قوللاش نامايىشىدىمۇ مۇشۇ تېمىنى تەشۋىق قىلدى. ئۇ ھازىر مالايسىيادىكى كۆپلىگەن خىتاي تىللىق پۇقرالارنىڭ خىتايغا قارشى تۇرمىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۆزىنىڭ بۇ تەشۋىقاتىنى باشلىغان. بۇ خىلدىكى خوڭكۇڭ ۋە تەيۋەننى قوللاش نامىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تەشۋىقاتلار مالايسىيا پۇقرالار ئارىسىدا مىللىي ئۆچمەنلىكنى پەيدا قىلىدۇ. باشقىلارنىڭ خىتايغا بولغان ئۆچمەنلىكىنىڭ مالايسىيا پۇقرالىرى بىلەن ئالاقىسى يوق. بۇ يەردە ‹خىتاي ئۆچمەنلىكى› تارقىتىشنىڭ نېمە زۆرۈرىيىتى بار؟! شۇڭا تور باشقۇرغۇچى ئۇنىڭغا ئوخشاش كىشىلەرنى سۆھبەت سورۇنىدىن چىقىرىۋەتكەندىلا ئاندىن مالايسىيادا تىنچلىق بولىدۇ.»

سۇلايمان گۇ ئەۋەتكەن ئىنكاسلاردا يەنە خىتايپەرەس تور چوماقچىلىرىنىڭ سۇلايمان گۇنىڭ يازمىلىرىنى داۋاملىق ئېلان قىلىشىنى توسۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئۈستىدىن مالايسىيادىكى خىتاي ئەلچىخانىسىغا ئەرز قىلىش، ھەتتا ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتىش تەشەببۇسلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

بۇ خىل ئىنكاسلاردا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: «ئۇنىڭ ئائىلە ئارخىپىنى بىلىدىغانلار ئۇنىڭ شەخسىي ماتېرىياللىرىنى بۇ يەرگە يوللاپ قويۇڭلار. بۇنداق ئادەمنى نېمىشقا ئۆلتۈرۈۋەتمەيمىز؟ ئۇنى قاسقاندا پۈتۈن پېتى دۈملەپ پىشۇرامدۇق؟ ئۇنى مالايسىيادىكى خىتاي ئەلچىخانىسىغا ئەرز قىلىپ، بۇ شىنجاڭلىق تېررورچىنى تۇتقۇزۇۋېتىشىمىز كېرەك. ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئىسپات قىلىپ توپلاپ، مالايسىيادىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئېلخەت ئادرېسىغا يوللاپ بېرەيلى.»

زىيارىتىمىزنىڭ ئاخىرىدا سۇلايمان گۇ ئەپەندى يەنە مالايسىيادىكى خىتايپەرەس تور چوماقچىلىرىنىڭ بۇ خىلدىكى ھۇجۇملىرىغا سەل قارىماسلىق كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارادىكى ئابرۇيى بارغانچە چۈشۈپ كېتىۋاتقان بۈگۈنكىدەك شارائىتتا مالايسىياغا ئوخشاش مۇسۇلمان دۆلەتلىرىگە ئىقتىسادىي مەنپەئەت بېرىش ئۇسۇلىنى قوللىنىۋاتقانلىقىنى، بۇ دۆلەتلەردىكى خەلقلەر ئارىسىدا سىياسىي تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارادىكى ئىجابىي ئوبرازىنى ساقلاپ قېلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.