ۋەتەننى سەنئەت كۈيىگە قېتىپ ياشىغان سەنئەت پېشۋاسى سۇلتان مەمەت ئالەمدىن ئۆتتى

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2020.07.03
sultan-memet.jpg پېشقەدەم مۇقامچى، ۋەتەننى سەنئەت كۈيىگە قېتىپ ياشىغان سەنئەت پېشۋاسى سۇلتان مەمەت ئەپەندى.
Social Media

پېشقەدەم مۇقامچى، سەنئەتكار سۇلتان مەمەت ئاكا تاشكەنتتە 30-ئىيۇن كۈنى ئالەمدىن ئۆتكەن. سۇلتان ئەپەندى 1944-يىلى غۇلجادا تۇغۇلغان. ئەينى دەۋردىكى ئىلىنىڭ قويۇق مەدەنىيەت ھاياتى ئۇنىڭ سەنئەت ھاياتىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن. ئۇ ئۇيغۇر داڭلىق سەنئەت پېشۋالىرى بولغان روزا تەمبۈر، زىكرى ئەلپەتتا، ئابدۇۋەلى جارۇللايوپ، ھۈسەنجان جامى قاتارلىقلاردىن ساز ۋە غۇلجا ناخشىلىرىنى ۋە مۇقاملارنى ئۆگەنگەن. كېيىنچە مەدەنىيەت يۇرتلىرىدا ئىشلىگەن. 16 ياش ۋاقىتلىرىدا تەقدىر قىسمەت تۈپەيلى ئۆزبېكىستانغا كۈچۈپ چىققان. ئەينى ۋاقتىدا ئۆزبېكىستان ئۇيغۇر ئانسامبىلىدا 25 يىل ئەتراپىدا خىزمەت قىلغان. بۇ جەرياندا ئۇيغۇر مۇقاملىرىنى رەتلەپ قالدۇرۇشقا قاتناشقان ۋە نۇرغۇن ناخشا مۇزىكىلارنى ئىجاد قىلىپ، ئۆزبېكىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى باشقا جايلاردا ھەمدە فىرانسىيە، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ سەھنىلىرىدە ئۇيغۇر مۇقاملىرى ۋە ناخشا-مۇزىكىلىرىنى ئورۇنداپ، ئۇيغۇر سەنئىتى ئۈچۈن زور نەتىجىلەر قازانغان.

قازاقىستاندىكى «تارىم» ئۇيغۇر ئانسامبىلىنىڭ قۇرغۇچىسى، كومپوزىتور پولات ھېزىموف ئەپەندى تاشكەنتتىكى ئۇيغۇر سەنئەتكارلار ئارقىلىق سۇلتان ئاكىنىڭ ۋاپاتىنى ئاڭلاپ بەكمۇ كۆڭلى يېرىم بولغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ ئۆزىنىڭ كىچىكىدىن باشلاپلا سۇلتان ئاكىنىڭ ناخشىلىرىنى ئاڭلاپ ۋە ئۇنىڭغا تەقلىد قىلىپ چوڭ بولغانلىقىنى ئەسلەپ ئۆتتى.

پولات ئەپەندىمنىڭ ئاڭلىشىچە، رەھمەتلىك سۇلتان مەمەت ئاكا نيۇ-يوركتا تاشكەنتكە قايتىپ كېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا قازا قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ تۇيۇقسىز ۋاپاتىغا خىتايدىن تارالغان تاجسىمان ۋىرۇسى سەۋەب بولغان ئىكەن. شۇ سەۋەبلىك ئەلگە تونۇلغان، ئۆزبېكىستاندىمۇ بەلگىلىك ھۆرمەتكە ئىگە بۇ سەنئەتكارنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرى بىۋاسىتە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەنلا چەكلەنگەن ئىكەن.

سۇلتان مەمەت ئەپەندى-2000 يىللارنىڭ بېشىدا ئامېركاغا كۈچۈپ كەلگەندىن كېيىن بىر مەزگىل ئامېرىكادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىي ھاياتىنى جانلاندۇرغان ئۇ تەتقىقات ئورۇنلىرى، ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ تەكلىپى بىلەن كونسېرتلارغا قاتناشقان ئىدى. ئۇ-2005 يىللىرى ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ياردىمىدە «ۋەتەن» ناملىق ئىجادىي ۋە خەلق ناخشىلىرىنىڭ پلاستىنكىسىنى چىقىرىپ، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن ئىدى.

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇرلاردىن ئىليار شەمشىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، سۇلتان مەمەت ئاكىنىڭ ئۇيغۇر مۇقاملىرىنى، ئىلى خەلق ناخشىلىرىنى ئەسلى ئاھاڭى بويىچە مۇكەممەل ساقلىنىشىغا تۆھپە قوشقان بىر سەنئەتكار ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ مۇستەقىللىق ئىرادىسى ۋە غايىسى كۈچلۈك ۋەتەنپەرۋەر بىر سەنئەتكار ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ ئاخىرقى مەزگىللەردە ھەتتا ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېرلارغا قامالغىنىدەك ئېچىنىشلىق قىسمىتىگە بېغىشلاپ، ناخشا ئىجاد قىلغان ئىكەن. ئەپسۇس، بۇ ناخشىلار تېخى كەڭ تارقىلالمىغان ئىدى.

ئۇستاز سۇلتان مەمەت ئاكا-2007 يىلى-6 ئاينىڭ-6 كۈنى رادىيومىزغا ئۆزلۈكىدىن ناخشا ۋە مۇزىكىلىرىنى تەقدىم قىلغان ئىدى.

سۇلتان مەمەت ئەپەندى ئىلگىرى ئامېرىكادىكى داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن بولغان ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىدا «يىپەك يولىدىكى مىللەتلەر» سەنئەت بايرىمىغا تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ، ئۇيغۇر مۇقامى ۋە ناخشا‏-مۇزىكىلىرىنىڭ سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلغان ئىدى. ئۇ شۇ قېتىم ئۇيغۇر تىلى ھەمدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلغۇچى ئوقۇتقۇچى ‏-ئوقۇغۇچىلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ سۇلماس كۈرەشچان روھىنى ئىپادىلەيدىغان ناخشىلارنى تەقدىم قىلىپ، ئىنتايىن چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان ئىدى.

پروگراممىمىزنىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇر مۇقامچى، سازەندە سۇلتان مەمەت ئەپەندىنىڭ ئەينى چاغدا ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ناخشا ‏-مۇزىكا ئارخىپىغا ئۆزى ئورۇنداپ تەقدىم ئەتكەن «تەنلىرىم ياپراق» ناملىق ناخشىسى ئارقىلىق بۇ بۈيۈك سەنئەت پېشىۋاسىنى چوڭقۇر ئېھتىرام بىلەن ئەسلەيمىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.