پاتىمە: «قانچە تىرىشساممۇ، يېتىملىك ۋە مۇساپىرچىلىق 9 بالامنىڭ يۈرىكىگە قارا سايە تاشلىماقتا»

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2020.07.16
tayland-musapir-uyghur-1.jpg تايلاند مۇساپىرلار لاگېرىدىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلار. 2015-يىلى يانۋار.
Oqurmen teminligen

2014-يىلى 3-ئايدا تايلاند چېگراسىدا تۇتۇلۇپ تۈرمىگە قامالغان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىدىن 120 نەپەر كىچىك بالا بىلەن 53 نەپەر ئايالدىن تەركىب تاپقان 173 نەپەر كىشى تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ھەمدە تۈركىيەنىڭ تايلاندتىكى ئەلچىخانىسىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن 2015-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىنگەن ئىدى.

بۇ بالىلارنىڭ ئارىسىدا تۈركىيەگە باشقىلارنىڭ ھامىيلىقىدا ئېلىپ كېلىنگەن يېتىم بالىلارمۇ بار بولۇپ، 8 بالىنىڭ ئانىسى بولغان پاتىمە شۇ قېتىم يېتىم قالغان جىيەن ئوغلىنى قوشۇپ جەمئىي 9 بالا بىلەن ئىستانبۇلغا كېلىپ يەرلەشكەن.

بۈگۈنكى سۆھبىتىمىزدە پاتىمە خانىم ئاتىسىز ۋە يار-يۆلەكسىز قالغان بالىلىرى بىلەن ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ قەيسەرىگە كېلىپ جايلاشتۇرۇلغاندىن كېيىنكى ھېكايىلىرىنى ئاڭلاتتى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشى ئارقىلىق مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ پاتىمە خانىم بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنىڭ ئىككىنچى قىسمى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.