تېڭ بىياۋ: خىتاينىڭ دېموكراتىيەلىشىشىگە توسالغۇ بولۇۋاتقان مەسىلىلەر مەۋجۇت

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2021.05.10
تېڭ بىياۋ: خىتاينىڭ دېموكراتىيەلىشىشىگە توسالغۇ بولۇۋاتقان مەسىلىلەر مەۋجۇت خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى تېڭ بياۋ «خىتاي پرېزىدېنتى شى جىنپىڭنى دۆلەت قوللىغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى توختىتىشقا دەۋەت قىلىش» تېمىسىدىكى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا سۆز قىلماقتا. 2015-يىلى 18-سېنتەبىر، ۋاشىنگتون.
AFP

خىتايدىكى مەزگىلىدە ئۈزلۈكسىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پاراكەندىچىلىكىگە ئۇچرىغان كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى تېڭ بىياۋ 2014-يىلى 9-ئايدا خوڭكۇڭ ئارقىلىق خىتايدىن قېچىپ، ئامېرىكاغا كېلىپ سىياسىي پاناھلىق تىلىگەنىدى. ئادۋوكات تېڭ بىياۋ يېقىندا ئۆزىنىڭ «كۈرەش بولمىسا، ئەركىنلىك بولمايدۇ» ناملىق شەخسى بلوگىدا «خىتاي دېموكراتىيەلىشەمدۇ؟» ناملىق ماقالىسى ئېلان قىلىندى.

ماقالىدا، چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ 70 يىلدىن بۇيان ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرۇۋاتقان خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، خىتاينى ھەقىقىي دېموكراتىك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئارزۇسى ۋە خىتايدا دېموكراتىيەنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىدا توسالغۇ بولۇۋاتقان مەسىلىلەر مۇھاكىمە تېمىسى قىلىنغان.

ئادۋوكات تېڭ بىياۋ ئەپەندى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئاۋۋال خىتاينىڭ دېموكراتىيە يولىغا مېڭىشىنىڭ مۇقەررەر يۈزلىنىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ ھەقىقەتەن ناھايىتى چوڭ ۋە كۆپ تەرەپلىمە ئامىللارغا باغلىق مۇرەككەپ مەسىلە. ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا خىتايدا دېموكراتىيە چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئەمما ئۇنۇڭ قاچان قانداق ھالەتتە ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى بىلمەيمىز. چۈنكى مەن ھەرقانداق بىر دۆلەت، ھەرقانداق بىر مىللەت، ۋە مەدەنىيەتنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا دېموكراتىيە يولىغا ماڭىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. گەرچە دېموكراتىيەنىڭ شەكلىدە بەزى پەرقلەر بولغان تەقدىردىمۇ، ئەمما ئەڭ ئەقەللىي بولغان دېموكراتىيە قۇرۇلمىسى يەنىلا ئوخشاش بولىدۇ. مەسىلەن كۆپ پارتىيەلىك تۈزۈم، ھوقۇق تارقاقلاشتۇرۇلۇش، قانۇن مۇستەقىللىققا ئىگە بولۇش، سايلام ھوقۇقى بولۇش دېگەندەكلەر ھەرقانداق بىر دۆلەتتە ئەمەلگە ئېشىشى كېرەك».

ئاندىن ئۇ ماقالىسىدە خىتايدا دېموكراتىيە تەلەپلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا نۆۋەتتىكى خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە خىتاينىڭ دۆلەت ئىچىدىكى چېكىدىن ئاشقان باستۇرۇش ۋەزىيىتىنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بىلدۈردى.

تېڭ بىياۋ ئەپەندى ماقالىسىدە مۇنداق بايانلارنى بەرگەن: «ھازىر تەيۋەن، خوڭكوڭ، شىزاڭ ۋە شىنجاڭ كۈنسېرى نىشانغا ئېلىنىپ، تېخىمۇ كۆپ بېسىم ۋە زىيانكەشلىكلەرگە دۇچ كەلدى. يەرشارى ئارزۇسى-‹جۇڭگو ئارزۇسى› ياكى ‹جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى› خىتايدا يېڭى شوئارغا ئايلاندى. ھەمىشە دۈشمەن دەپ بەلگە قويۇلغان دۆلەت ئىچىدىكى بۆلگۈنچىلىك ۋە ‹غەرب دۈشمەن كۈچلىرى› قارىماققا سىياسىي سەھنىنىڭ مەركىزىگە قايتىپ كەلدى».

تېڭ بىياۋ ئەپەندى بايانىدا خىتاينىڭ دۆلەت ئىچىدىكى باستۇرۇشىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىل باستۇرۇشنىڭ مەركىزىدە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ باشقا مىللەتلەرگە قاراتقان باستۇرۇشى ۋە زىيانكەشلىكى خىتايلارغا قىلغان زىيانكەشلىكىدىن كۆپ دەرىجىدە ئېغىر. ھازىر ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا، قازاقلارغا ئېلىپ بارغان باستۇرۇشى ئاللىقاچان ئېتنىك قىرغىنچىلىق دەرىجىسىگە يەتتى. ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇشىنىڭ خەلقئارادا بەلگىلەنگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ 5 خىل ئامىلىنىڭ ھەممىسىگە چۈشىدۇ دېسەك مۇبالىغە بولمايدۇ.»

ئەمما تېڭ بىياۋ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي مۇستەبىت ھۆكۈمىتىنىڭ ئاغدۇرۇلۇپ، خىتايدا ھەقىقىي دېموكراتىيەنىڭ يېقىن ئارىدا ئەمەلگە ئېشىشى يەنىلا مۇرەككەپ بىر جەريان بولۇپ، خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە خىتاي دۆلەت ئىچىدە توسالغۇ بولىدىغان ئامىللارمۇ كۆپ خىل ۋە كۆپ تەرەپلىمە ئىكەن.

ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن ماقالەمدە يەنە خىتاينىڭ دېموكراتىيەلىششىگە توسالغۇ بولىدىغان ئامىللارنىڭ كۆپ ۋە مۇرەككەپلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. مېنىڭ نەزىرىمدە خىتايدا دېموكراتىيەنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۇنچە ئوڭۇشلۇق بولمىسا كېرەك. مەن ماقالەمدە ئوتتۇرىغا قويغىنىمدەك خىتاي كومپارتىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ھۆكۈمرانلىق تارىخىدا قالدۇرغان قان-قەرزلىرى، شىزاڭ، شىنجاڭ، خوڭكوڭ مەسىلىلىرى، خەلقئارا ۋەزىيەت، خەلقئارا ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت قاتارلىق كۆپ تەرەپلىمە ئامىللارغا مۇناسىۋەتلىك. شۇڭا خىتايدا دېموكراتىيەنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىدا پايدىلىق ئامىللاردىن پايدىسىز ئامىللار كۆپ دەپ قارايمەن».

تېڭ بىياۋ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، گەرچە چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكراتلىرى ئارىسىدا خىتايدا دېموكراتىيەنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش تەلىپى كۈچلۈك بولسىمۇ، ئەمما دېموكراتىيەنى قانداق ئەمەلگە ئاشۇرۇش مەسىلىسىدە تالاش-تارتىش كۈچلۈك ئىكەن.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ماقالىسىدە، خىتاي دېموكراتلىرى ئارىسىدىكى خىتاي دۆلىتىنىڭ بىر پۈتۈنلۈكىنى ساقلاشنى باھانە قىلىپ، تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقى، خوڭكۇڭنىڭ يوقىلىۋاتقان دېموكراتىيەسى ۋە ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىغا قارشى ھالدىكى، «چوڭ خىتايچىلىق تەشەببۇسى»، يەنى «جۇڭخۇا بىرلىكى» نامىدىكى خىتاي شوۋىنىزم ئىدىيەسىدىن تولۇق قۇتۇلۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن ئىكەن.

ئۇ ماقالىسىدە مۇنداق يازغان: «ئەگەر بىز خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى ئۇنىڭ دېموكراتىك ئۆتكۈنچى باسقۇچىدا ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشى كېرەك دېسەك، بىز كىشىلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى ۋە ئۇلارنىڭ يۇقىرى قاتلامدىكى ھەقىقىي ئاپتونومىيە ياكى مىللىي مۇستەقىللىق ئۈچۈن كۈرەش قىلىش ئىرادىسىگە ئېغىر دەخلى-تەرۇز قىلغان بولىمىز. خەنزۇلارنىڭ تىبەت، ئۇيغۇر ۋە باشقىلارنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنى چۈشىنىشى ۋە قوبۇل قىلىشى كېرەك. خىتاي كومپارتىيەسى كونتروللۇقىنى يوقىتىشقا باشلىغاندا، بۇ ئۇلارغا خىتاينىڭ ئىشغالىيىتىدىن قۇتۇلۇپ، مۇستەقىللىق ئۈچۈن سەپەرۋەرلىك پۇرسىتى يارىتىدۇ. بۇ خىتاينىڭ سىياسىي بۇرۇلۇشىغا غايەت زور ئەگەشمە ئامىللارنى قوشىدۇ، خىتاينىڭ دېموكراتىك كەلگۈسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان كىشىلەر بۇنىڭغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشى كېرەك».

تېڭ بىياۋ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ بۇ تەشەببۇسلىرى نۆۋەتتە چەتئەللەردىكى بىر قىسىم خىتاي دېموكراتلىرى ئارىسىدا جىددىي بەس-مۇنازىرىگە سەۋەب بولغان، ھەتتا يېقىندىن بۇيان بۇ سەۋەبلىك ئۇنىڭغا ئاشكارا ھۇجۇم قىلىش، ھەتتا تەھدىت قىلىش ئەھۋاللىرىمۇ يۈز بەرگەنىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.