دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا 1 – ماي خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمى

kochmen-namayish.jpg
1-ماي كۈنى لوس ئانجىلىستا كۆچمەنلەر نامايىش قىلماقتا. AFP

"خەلق گېزىتى" نىڭ خەۋىرىدە مەلۇم بولىشىچە، خىتايدا باشلانغان 1 ‏- ماي ئەمگەكچىلەر بايرىمى پائاسلىيىتى گېزىتلاردا 7 كۈنلۈك ئۇزۇن ئارام، ياكى 1 ‏- ماي ئالتۇن ھەپتىلىكى، دەپ ئاتالغان. خەۋەرلەردە بۇ ھەرىكەتتە 1000 ئارتۇق ئەمگەك نەمۇنىچىلىرىنى مۇكاپاتلاش داغدۇغىلىق ئېلىپ بېرىلغانلىقى، شاڭخەي، شېنجېن، شامېن، گۇيلىن قاتارلىق شەھەرلەردە ساياھەت ئەۋج ئالغانلىقى، ھەتتا سەددىچىن سېپىلى ۋە كوڭزىنىڭ يۇرتى بولغان چۈفۈ شەھىرىدىمۇ ساياھەت ئەۋج ئېلىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ كۆپىيىشى ئۆتكەن يىلدىكىدىكىگە قارىغاندا 10% دىن يۇقۇرى بولغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. خوڭكوڭدا تىزىملىنىشىچە، 1 ‏- ماي كۈنىدىلا چوڭ قۇرۇقلۇقتىن خوڭكوڭغا كەلگەن ساياھەتچىنىڭ سانى 420 مىڭدىن ئاشقان ئاشقان.

"رويترس ئاگېنتلىقى" نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتايدا ئىنتېرنېت تور بەتلىرىدىن پايدىلىنىپ كېلىۋاتقان يۈز مىليوندىن ئارتۇق ئىنتېرنېت ئەھلى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىر تورنى توسۇش- تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى ئەيىبلەپ نارازىلىق بىلدۈرگەن. خىتاي ھۆكۈمىتىدىن پۇقرالارنىڭ پىكىر بايان قىلىش ۋە نەشر قىلىش ئەركىنلىكىگە ھۈرمەت قىلىشنى تەلەپ قىلغان. بۇ قارشىلىق ھەرىكەتكە خىتاي ھۆكۈمىتى تەكشۈرۈش ئوبيېكتى قىلغان 13 تور بېتى ۋە ئۇنىڭ بىر نەچچە يۈز تور ئەھلىمۇ قاتناشقان.

ئاسىيادىكى نارازىلىقلار

"خىتايغا نەزەر" دېگەن گېزىتتە بايان قىلىنىشىچە، 5 ‏- ئاينىڭ 1 ‏- كۈنى تەيۋەندە مەيلى ھۆكۈمەتتە بولسۇن ياكى خەلق ئىچىدە بولسۇن، ھەممە جايدا ئوخشاشلا "بىخەتەرلىك ھەپتىلىكى" دەپ ئاتالغان ھەرىكەت باشلانغان. بۇ ھەرىكەتتە تەيۋەن نېفىت ئىشچىلىرى ئۇيۇشمىسى، جوڭخۇا پوچتىسى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، ئەمگەكچىلەر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى قاتارلىق تەشكىلاتلاردىن بىر نەچچە مىڭ ئادەم تەيبېيگە يىغىلىپ ئەمگەكچىلەرنى كەمتىلىشكە قارشى تۇرۇش"، ئاجىز ئەمگەكچىلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە -تەۋەلىرىنى قوغداش" دېگەن شۇئارلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ نامايىش قىلغان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 5 ‏- ئاينىڭ 1 ‏- كۈنى خىتاينىڭ ئەتراپىدىكى ئاسىيا دۆلەتلىرىدىمۇ نامايىش يۈز بەرگەن. فىلىپىندە بىر نەچچە مىڭ ئادەم مانىلا شەھىرىدە نامايىش ئۆتكۈزۈزپ، خۇددى 2001 ‏- يىلى پرېزىدېنت ئاستىرادانى "تەختتىن چۈشۈپ كەتسۈن" دەپ شۇئار توۋلىغاندەك، بۇ قېتىممۇ ھازىرقى فىلىپىن پرېزىدېنتى ئارويى خانىمنى "تەختتىن چۈشۈپ كەتسۈن" دەپ شۇئار تولىغان. ھىندونېزىيىنىڭ پايتەختى جاكارتا شەھىرىدە ۋە ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر نەچچە شەھەردە مىڭلىغان ئادەم نامايىش قىلىپ، 2003 ‏- تۈزۈلگەن ئەمگەك قانۇنىغا تۈزۈتۈش كىرگۈزۈلىشىنى تەلەپ قىلغان. كامبودىيىدە 1000 دىن ئارتۇق ئادەم كوچىغا چىقىپ، ئەمگەك ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن نامايىش قىلغاندا، نامايىشچىلار بىلەن ھۆكۈمەت ساقچىلىرى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن.

ئامېرىكىدىكى نارازىلىقلار

ئامېرىكىدا ئەمگەك بايرىمى گەرچە 9 ‏- ئايدا بولسىمۇ، ئەمما خىتايدا ئەمگەكچىلەر بايرىمى بولغان 5 ‏- ئاينىڭ 1 ‏- كۈنى، ئامېرىكىدىمۇ نامايىش يۈز بەردى. ئەمما مەزمۇنى تۈپتىن ئوخشىمايدۇ. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مىڭلىغان، يۈز مىڭلىغان لاتىن ئامرىكىسىلىق كۆچمەنلەر لوس ئانجىلىس، چىكاگو، ۋاشىنگتون قاتارلىق كۆپ شەھەردە نامايىش قىلدى. بۇ كۈندىكى نامايىش "كۆچمەنلەرنىڭ ئىش تاشلاش كۈنى" دەپ ئاتالدى.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، ئامېرىكىدا لاتىن ئامېرىكىسىلىق12 مىليون قانۇنسىز كۆچمەن بار، بۇنىڭ كۆپۈنچىسى مېكسىكىلىق. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يېقىندا، بۇ قانۇنسىز كۆچمەنلەرگە قارىتا قانۇنلاشتۇرۇش رەسمىيىتى ئۆتەش ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن زۆرۈر بولغان قانۇن- تۈزۈم تۈزۈشنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. لاتىن ئامرىكىسىلىق كۆچمەنلەرنىڭ بۇ قېتىمقى نامايىشى دەل ئامېرىكىدا قانۇنسىز كۆچمەنلەرگە قارىتا يېڭى قانۇن تىكلەشكە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان.

ئامېرىكىدا 4 ‏- ئاينىڭ 30 ‏- كۈنى باشلىنىپ 5 ‏- ئاينىڭ 1 ‏- كۈنىگىچە داۋاملاشقان يەنە بىر خىل نامايىش يۈز بەردى. بۇ كۈنلەردە ئامرىكىدىكى كۆپۈنچە چوڭ شەھەرلەردە، "دارفۇر قىرىغىنچىلىقى" ھەققىدە نامايىش يۈز بەردى. بۇ نامايىشلاردا "دارفۇرنى قۇتقۇزايلى، "سۇداننىڭ دارفۇر شەھىرىدە يۈز بەرگەن قىرغىنچىلىق مىللىي قىرغىنچىلىق"، دېگەن شۇئارلار توۋلاندى. نامايىشلاردا دارفۇر توغرىسىدىكى بىر مىلىيون پارچىدىن ئارتۇق فوتو سۈرەت كۆرگەزمە قىلىندى.

مۇخبىرىمىزنىڭ ئىگەللىشىچە، يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ بىر قىسىم جايلىرىدا، ھاۋا كېلىماتى كۆپ ئۆزگۈرۈشلۈك بولۇپ، تۇپا يېغىپ ياكى لايدەك يامغۇر يېغىپ جىددىيلىك پەيدا قىلىۋاتقان ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى 5 ‏- ئاينىڭ 1 ‏- كۈنىدىن باشلاپ يەنە "مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسى ئېيى" دەپ ئاتالغان 24 ‏- قېتىملىق سىياسىي ھەرىكەتنى باشلىغان. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئاپتونوم رايوندىكى "ھەممە كىشىنىڭ ئىدىيىسىنى ۋاڭ لېچۇەننىڭ سۆزىدە تەكىتلەنگەن نوقتىغا مەركەزلەشتۈرۈش كېرەك" دېيىش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارغا سىياسىي بېسىمنى كۈچەيتىشكە باشلىغان. (ۋەلى)