
خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنى بېسىۋالغانلىقىنىڭ 58-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى. شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئەنقەرە شۆبىسى مەسئۇلى خەيرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بۇ نامايىشقا، تۈركىيىنىڭ ئەڭ چوڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىدىن بىرى بولغان تۈركىيە كادىرلار ئۇيۇشمىسىنىڭ باش سېكرىتارى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى، تۈركىيە مائارىپچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مەسئۇلى شۇئايىپ ئەپەندى قاتارلىق كىشىلەر باشچىلىقىدا كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى. بۇلاردىن باشقا بەزى سىياسى پارتىيە مەسئۇللىرى ۋە ئەنقەرەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ بار.
بۇ نامايىشقا قاتناشقان كىشىلەر قولىدا تۈرك بايرىقى بىلەن ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى كۆتۈرگەن ھالدا ھەممە بىردەك، " ئىشغالچى خىتايلار شەرقىي تۈركىستاندىن يوقال! بىگۇناھ ئىنسانلار بۇ يەردە، ئىنسان ھەقلىرى قەيەردە ؟ تېررورىست خىتايلار شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەت!" دېگەنگە ئوخشاش شۇئارلارنى توۋلاشتى.

كېيىن شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئەنقەرە شۆبىسى باشلىقى خەيرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى، مەتبۇئات باياننامىسىنى ئوقۇپ ئۆتتى.
بۇ نامايىش جەريانىدا تۈركىيە كادىرلار ئۇيۇشمىسى باش سېكرىتارى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى، شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىققا ئېرىشكىچە داۋاملىق خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا نامايىش قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: "ھەر يىل بىر قانچە قېتىم نامايىش قىلىش ئۈچۈن بۇ يەرگە كېلىۋاتىمىز. بۇ ئىش ئاخىرلىشىشى كېرەك، دۇنيا جامائەتچىلىكى بۇنى كۆرۈشى كېرەك. بىز شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئەركىنلىكىگە ئېرىشكىچە داۋاملىق بۇ يەرگە كېلىپ نامايىش قىلىمىز. ئۇيغۇر تۈركلىرى ھەرگىزمۇ ئۆزلىرىنى يالغۇز ھېس قىلمىسۇن ، 70 مىليون تۈرك خەلقى ئۇيغۇرلارنىڭ يېنىدا داۋاملىق ئۇلارنى قوللاپ قۇۋۋەتلەيدۇ. پۈتۈن دۇنيا خەلقى ئۇيغۇرلارنى قوللاپ قۇۋۋەتلىسە ئۇ يەردە چوقۇم مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان دۆلىتى قۇرۇلىدۇ. بىز داۋاملىق ئۇيغۇرلارنى قوللاپ قۇۋۋەتلەيمىز." (ئەركىن تارىم)