
بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، يېقىندا قەشقەر پەيزىۋات ناھىيىسىنىڭ جانباز يېزىسىدا، يېزىلىق ھۆكۈمەت يىغىن زالىدا 17- قۇرۇلتاي روھىنى ئۆگىنىش يىغىنىغا قاتناشقان يېزا - كەنت كادىر ۋە ئىشچى خىزمەتچىلىرى، يېزىلىق پارتىيە ياچېيكا سېكرىتارى ئورۇنلاشتۇرغان بىر ۋاق تاماق ئۈچۈن يەنى بىر قاچا پولو ئۈچۈن 100يۈەن تۆلەشكە مەجبۇر بولغان، بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ پۇل بېرىشكە كۆنمىگەن ئۇيغۇر كادىرلار ھەتتا ھاقارەتكە ئۇچرىغان. خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى كادىرىنىڭ سادىر قىلغان بۇ يۈز سوملۇق پولو ۋەقەسى جانباز يېزىسىدىلا ئەمەس نۇرغۇن جايلاردا غۇلغۇلا قوزغاپ، خەلقنىڭ قاتتىق غەزىپىنى قوزغىغان بىر ۋەقەگە ئايلانغان.
يېزا ئەمەلدارىنىڭ يەرلىك سىياسىتى
مەلۇم بىر ئۇيغۇر كىشىنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، نۆۋەتتە قەشقەرنىڭ پەيزىۋات ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن بىر ۋەقە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا غۇلغۇلا قوزغىغان. يەنى،2007- يىلى 12 - ئاينىڭ 29 - كۈنى پەيزىۋات ناھىيە جانباز يېزىلىق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يىغىن زالىدا،يېزىنىڭ رەھبەرلىرى يېزىدىكى ھەر قايسى كەنت شۇجىلىرى ۋە بەش پونكىتنىڭ بارلىق ئەزالىرى، يېزا كادىرلىرىنى قاتناشتۇرۇپ پارتىيە 17 - قۇرۇلتاي روھىنى ئۆگىنىش قىلغان.
ئەسلىدە يېزا رەھبەرلىرى كادىرلارغا ئۇقتۇرۇش قىلغاندا ئۆگىنىشنى سائەت 9:30 دا باشلىنىدۇ دەپ ئۇقتۇرغان بولسىمۇ، ئەمما ئۆگىنىش ئىككى سائەت كېچىكىپ 11يېرىمدا باشلانغان،چۈنكى كادىرلارنىڭ ھەممىسى بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا يىغىن زالىغا يېتىپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن يېزىنىڭ رەھبەرلىرى يىغىن زالىغا سائەت 11:30 دا كىرىپ كەلگەن.
يىغىن ئېچىلىپ چۈشلۈك تاماق ۋاقتى بولغاندا،يېزىنىڭ رەھبەرلىرى يىغىنغا قاتناشقانلارغا يېزىدىن تاماققا ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى تاماق ئۈچۈن تاشقۇرغاندىن قامچا قۇيرۇقلۇق قوي ئەكەلگەنلىكىنى ھەم بۇ قوينىڭ گۆشىنى بېسىپ پولو قىلغانلىقىنى ئېيتقان. يىغىنغا قاتناشقانلار چۈشتىن كېيىن سائەت 3 گىچە غىزالىنالماي پولونىڭ پىشىشىنى ساقلاپ ئولتۇرۇشقان.
سائەت 3 ئەتراپىدا بىردىن تاماق قاچىسىغا گۆش بېسىلغان پولونى ئەكىرىپ ھەربىر ئادەمگە تارقاتقان ھەم بۇنىڭ ئۈچۈن 100 يۈەندىن تاپشۇرۇشنى ئېيتقان، كادىر ۋە خىزمەتچىلەر بەرگىلى ئۇنىمىسا، يېزىلىق پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ باش سېكرىتارى نى تەيفۇ قوپال تەلەپپۇزدا "بۇ جانبازنىڭ سىياسىتى، پۇل بەرمىسەڭ جانبازدىن يوقال" دېگەن. مەزكۇر كومپارتىيە كادىرى يەنە بىر ۋاق تاماق ئۈچۈن 100يۈەن تۆلىگىلى ئۇنىمىغان ئاياللارنى "ھەرقايسىڭ خېلى چىرايلىق تۇرىسەن، 100 يۈەن پۇلغا ياراشمامسەن" دەپ ھاقارەتلىگەن. يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ تەرجىمانى ئالىم مەمەت بۇ گەپلەرنى ئۆز ئەينى بۇيىچە تەرجىمە قىلغان.
يېزا باشلىقى غېنى ھېيت نەق مەيداندا بولسىمۇ، يېزىلىق پارتىيە ياچېيكا سېكرىتارىنىڭ ھاقارەتلىك سۆزلىرىگە بىر ئېغىزمۇ تەنبىھ بەرمىگەندىن سىرت، ئەكسىچە خورلۇق ھەم ھەقسىزلىقتىن نارازى بولۇۋاتقان ئاممىغا تېخىمۇ بېسىم ئىشلىتىپ يۈز يۈەندىن تاماق پۇلىنى تاپشۇرۇشنى ئېيتقان، يېزىنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش سېكرىتارى يىغىنغا قاتناشقانلاردىن پۇل يىغىشقا مەسئۇل بولغان.
يېزىنىڭ قانۇن سېكرىتارى بەختىيار تۇرسۇنمۇ ھېچقانداق قارشى پىكىردە بولۇشقا جۈرئەت قىلالمىغان.
100يۈەنلىك پولو توغرىسىدا يېزىدىكى پاراڭلار
بىز بۇ ئۇچۇرغا ئاساسەن مەزكۇر ۋەقە ھەققىدە يەنىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن جانباز يېزىسىغا تېلېفون ئالغىنىمىزدا، يۈز يۈەنلىك پولو ۋەقەسىنىڭ خەلق ئارىسىدا خېلىلا غۇلغۇلا قىلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى. يېزىدىكى بىر دېھقان بوۋاينىڭ ئېيتىشىچە، شۇ كۈنىدىكى يىغىنغا يېزىلىق ھۆكۈمەت ھەم مەمۇرىي ئورۇنلارنىڭ كادىرلىرىدىن باشقا كەنت كادىرلىرى ۋە ئىشچى - خىزمەتچىلەر بولۇپ ئىككى يۈزگە يېقىن كىشى قاتناشقان ئىكەن.
يېزىنىڭ مەلۇم كەنتىدىن 29 - دېكابىردىكى يىغىنغا قاتناشقان بىر كادىر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بولسىمۇ ئېھتىياتچانلىق بىلەن قىسقىلا نارازىلىقىنى ئىپادىلىدى.
بىز يېزىدىكىلەردىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسەن، يېزىلىق پارتىيە ياچېيكا سېكرىتارىنىڭ ھەددىدىن ئاشقان يولسىزلىقىغا ماسلىشىپ ئاممىغا بېسىم ئىشلىتىپ بىر قاچا پولو ئۈچۈن كادىر - خىزمەتچىلەرنى يۈز يۈەن تۆلەشكە مەجبۇرلىغان جانباز يېزىسىنىڭ يېزا باشلىقى غېنى ھېيتقا تېلېفون ئۇلىدۇق.
ساقچى: "قانۇنغا خىلاپ ... ئەمما ..."
بىز خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنى ئاشۇرۇپ، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى ھەم ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسەتلىرىنى مەزكۇر يېزىدا توغرا يۈرگۈزۈشكە مەسئۇل بولغان پارتىيە - ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ خەلقنى قاقتى - سوقتى قىلىش، مەجبۇرىي پۇل يىغىش ھەتتا ھاقارەت قىلىش قىلمىشىنىڭ خەلقنىڭ قانۇنىي مەنپەئەتىنى قوغداشقا مەسئۇل يېزىلىق قانۇن ئورنىنىڭ خەۋىرى بار - يوقلۇقىنى بىلىش مەقسىتىدە يېزىلىق ساقچى پونكىتىغا تېلېفون قىلدۇق، دەرۋەقە ئۇلارنىڭ مەزكۇر ۋەقەدىن خەۋىرى بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ بۇ ۋەقەگە تۇتقان پوزىتسىيىسى بىزنى تەئەججۈپلەندۈردى.
جانباز يېزىسىدا بىر قانچە كادىر ھەم دېھقانلار بىلەن سۆھبەتلىشىش جەريانىدا، ھەممىسىنىڭ مەزكۇر ۋەقەدىن خەۋىرى بارلىقى شۇنداقلا، يېزا ئەمەلدارلىرىنىڭ بۇ ھەددىدىن ئاشقان زومىگەرلىك قىلمىشىدىن غەزەپلەنگەن بولسىمۇ،ئاشكارا ئېتىراز بىلدۈرۈشتىن ئېھتىيات قىلىۋاتقانلىقى شۇنداقلا يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭمۇ يېزا ئەمەلدارلىرىنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلىشىغا ئىشەنچسىز قارايدىغانلىقى مەلۇم بولدى.
بۇ ھەقتە بىر ياش دېھقان، يېزا پارتىيە - ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ قىلمىشىدىن يېزىدىكى ئامما ئىنتايىن غەزەپلەنگەن ھەم بۇ ھەقتە ئۆز - ئارا غۇلغۇلا قىلىشىۋاتقان بولسىمۇ، يەنىلا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا ئەرز قىلىپ ئۆز مەنپەئەتىنى قوغداشقا جۈرئەت قىلالمايدىغانلىقىنى ۋە يېزىدىكىلەرنىڭ قانۇنىي ئېڭىنىڭ تۆۋەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇيغۇر يېزىلىرىدىكى دېھقانلاردىن ئىگىلىشىمىزچە، نۆۋەتتە خىتاي دائىرىلىرى يېزا - كەنت كادىرلىرىنى يىلدا، ئۇزۇن بولغاندا ئىككى يىلدا بىر ئالماشتۇرۇۋاتقان بولۇپ، پارتىيە ياچېيكا سېكرىتارى ۋە يېزا باشلىقلىرىنى يەرلىك ئىچىدىن سايلىماي بەلكى سىرتلاردىن يەنى بىڭتۇەن ياكى خىتاي ئۆلكىلىرىدىن يۆتكەپ كېلىدىكەن. ھەر بىر يېڭى كادىر كەلگەندە ئۆز ئالدىغا يەرلىك سىياسەتلەرنى بېكىتىپ دېھقانلاردىن قالايمىقان ھەق ئالىدىغان، ئالۋاڭ - سېلىقلارنى سالىدىغان قانۇنسىز ھەرىكەتلەر ئارقىلىق دېھقانلارنىڭ ھەق - ھوقوقلىرىنى خالىغانچە دەپسەندە قىلماقتا ئىكەن. يۇقىرى دەرىجىلىك دائىرىلەرمۇ يېزىلارغا بېكىتكەن بۇ ئەمەلدارلىرىنىڭ پەقەت مۇقىملىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىسىلا باشقا جەھەتلەردە ئۆتكۈزگەن چوڭ خاتالىقلىرى ھەم قانۇنسىز قىلمىشلىرىغىمۇ كۆز يۇمۇپ كەلمەكتە ئىكەن. (گۈلچېھرە)