بېيجىڭدا ئېچىلىۋاتقان خىتاي سىياسىي كېڭىشىنىڭ 11 - نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنى 14 - مارت پەيشەنبە كۈنى يېپىلغان بولۇپ، يىغىن نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ نۆۋەتلىك سىياسىسى كېڭىشىنىڭ رەئىسى جياڭ چىڭلىن ئەسلىدىكى ئورنى ساقلاپ قالغاندىن باشقا، مۇئاۋىن رەئىسلىك ئورنىدا مەلۇم ئۆزگىرىشلەر بولغان.
ئىلشات ئەپەندى:"سىياسىي كېڭەش ئەمىلى رولى يوق دۆلەت ئاپپاراتى"
بۇ نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ 25 نەپەر مۇئاۋىن رەئىسلىرى ئىچىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سابىق رەئىسى ئابلەت ئابدۇرېشىت ۋە خىتاينى كومپارتىيىسىنىڭ سابىق سېكرېتارى دېڭ شياۋپىڭنىڭ ئوغلى دېڭ پۇفاڭ قاتارلىقلار بار.
سىياسىي كۆزەتچى ئىلشات ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىلگىرىكى رەھبەرلىرىگە مەركىزى سىياسىي كېڭەشتىن ئورۇن بېرىلمىگەن، ئابلەت ئابدۇرېشىت شۇلارنىڭ ئىچىدىكى سىياسىي كېڭەشكە بېكىتىلگەن تۇنجى ئۇيغۇر كادىر ئىكەن. ئەمما ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتايدا سىياسىي كېڭەش ئەمىلى رولى يوق دۆلەت ئاپپاراتى بولغاچقا بۇ ئورۇنغا كۆپىنچە ھاللاردا خىتاي رەھبەرلىك قاتلىمىدا باشقا ئورۇنلاردا ۋەزىپە تەگمىگەن كىشىلەرنى كىرگۈزۈپ قويىدىكەن.
كۆزەتكۈچىلەر:" يىغىن جەريانىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەكلىپلەرنىڭ ئىككىنچىلەپ خەۋىرى بولمايدۇ"
يىغىن خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، سىياسىي كېڭەشكە سۇنۇلغان 4772 تۈرلۈك تەكلىپنىڭ 4526سى رەسمىي تەكلىپ سۈپىتىدە بېكىتىلگەن. بۇ تەكلىپلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىش دەرىجىسى قانچىلىك؟ بۇ ھەقتە كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بەرگەن باھاسى ئاساسەن ئوخشاش بولۇپ، بۇ تەكلىپلەر پەقەت يىغىن جەريانىدا ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ سۇنۇلغاندىن كېيىن مەزكۇر تەكلىپلەرنىڭ ئىككىنچىلەپ خەۋىرى بولمايدىكەن.
بۇ ھەقتە توختالغان سىياسىي كۆزەتچى ۋە جۇڭگو ئىنفورماتسىيە مەركىزىدىكى تەتقىقاتچى تيەن چىلياۋ خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتايدا بۇ خىلدىكى تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشتا 3 خىل تەرتىپ بولۇپ، ئاۋۋال بىرەر ۋەكىل بىرەر تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسا مەركىزى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ئۇلارنىڭ بۇ تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىدىن مىننەتدار ئىكەنلىكىنى بىلدۇرۇشىدىكەن، ئىككىنچىدىن، مەركىزى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ۋەكىللەر قويغان تەكلىپلەرگە قارىتا مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ بۇ خىلدىكى مەسىلىلەرنى ئاللىقاچان تونۇپ يەتكەنلىكىنى ۋە بۇ لارنى ھەل قىلىش چارىسى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدىكەن ئاخىرىدا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ۋەكىللەرگە يەنە مۇشۇنداق تەكلىپلەرنى كۆپرەك ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەكلىكىنى ھەمدە ئۇلارنىڭ بۇ مەسىلىلەرنى بىرلىكتە ھەل قىشقا تىرىشىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدىكەن.
تيەن چىلياۋ خانىم" مانا بۇ ئۇلارنىڭ تەكلىپلەرنى قانداق ھەل قىلىشتىكى تىپىك ئۇسۇلى. مانا شۇنىڭ بىلەن سىز بۇ تەكلىپلەر ھەققىدە ئىككىنچىلەپ خەۋەر ئالالمايسىز" دېدى.
تيەن چىلياۋ خانىم يەنە، بۇ نۆۋەت ۋەكىللەرنىڭ مائارىپ، ئىقتىساد ھەتتا پىلانلىق تۇغۇتتىن ئىبارەت نازۇك ساھەلەرگە چېتىلىدىغان نۇرغۇن سەزگۈر مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ بۇ خىلدىكى تەكلىپلەرنى ھەرگىزمۇ رەت قىلمايدىغانلىقىنى ئەمما بۇ تەكلىپلەر يۇقىرىغا سۇنۇلغان ياكى سۇنۇلمىغانلىقىنى ھەمدە نەتىجىسىنىڭ قانداق بولمايدىغانلىقىنى بىلگىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
ئىلشات ئەپەندى:"تەكلىپ قويغۇچى ھەرگىزمۇ ئۆز خوجايىنىنىڭ خاتالىقىنى كۆرسىتىپ بېرىشكە جۈرئەت قىلالمايدۇ"
ئىلشات ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە خىتايدا سىياسىي كېڭەش ۋە خەلق قۇرۇلتىيىدا قويۇلغان بۇ خىلدىكى تەكلىپلەرنىڭ ھەل بولماسلىقىدىكى سەۋەبلەر ھەققىدە توختىلىپ، بۇنىڭ تۈزۈمدىكى سەۋەب ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ، "تەكلىپ قويغۇچى ھەرگىزمۇ ئۆز خوجايىنىنىڭ خاتالىقىنى كۆرسىتىپ بېرىشكە جۈرئەت قىلالمايدۇ،" دەيدۇ.
يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەكلىپلەرنىڭ نەتىجىسىز قېلىشىدىكى سەۋەبنىڭ ئىنتايىن روشەن ئىكەنلىكىنى بۇ چۈشىنىشتە ئىلگىرىكى نۆۋەتلىك شەندۇڭلۇق سىياسىي كېڭەش ۋەكىلى يەنتەي ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ۋاڭ چۈنجى ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپنىڭ مىسال بولالايدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن تيەن خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋاڭ چۈنجى بارلىق ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ئۆز ئىلكىدىكى بىساتىنىڭ تىزمىنى ئەل - جامائەتكە ئاشكارىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ تەكلىپى رەت قىلىنغاندىن باشقا ئۇنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتى ئېلىپ تاشلانغان.
"ئەلۋەتتە بۇ تەكلىپكە ئالاقىدار قانۇن ماقۇللانمايدۇ. ئەمما بۇ ھۆكۈمەت ئەمەلدارلارنىڭ مەنپەئەتىگە بىۋاسىتە تاقىلىدىغان بىر تېما بولغاچقا ئۇلار بۇ ھەققىدە ئېغىز ئاچمايلا قالماي بۇنى رەت قىلىدۇ."
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ نۆۋەتلىك يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەكلىپلەر ئىچىدە خوڭكوڭلۇق ۋەكىل ۋاڭ مىڭچۈەن بېيجىڭ دائىرىلىرىگە خوڭكوڭلۇق دېموكراتىك زاتلارنىڭ خىتايغا كىرىشى ئۈچۈن "يۇرتقا قايتىش كىنىشكىسى" تەسىس ئىلىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ھازىرچە بۇ تەكلىپنىڭ قوبۇل قىلغان ياكى قىلىنمىغانلىقى ھەققىدە خەۋەر يوق. (جۈمە)