خەلىق "ۋەكىلى" دىلنار ئابدۇللا مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىدىن ئۆزىنى قاچۇردى

0:00 / 0:00

خىتاينىڭ 11 ‏ - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تۈنۈگۈن يەنى 5 ‏ - مارت كۈنى رەسمىي ئېچىلدى. يىغىندا باش مىنىستىر ۋېن جياباۋ ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى. ۋېن جياباۋ نۇتقىدا، خىتاينىڭ كوممۇنىستىك پارتىيە يېتەكچىلىكىدە سوتسىيالىستىك دېموكراتىيىنى تېخىمۇ كېڭەيتىدىغانلىقى، جۈملىدىن دۆلەت ئاپپاراتلىرىدا ئىسلاھات ئېلىپ بارىدىغانلىقى، مال باھاسىنىڭ ئۆسۈشى ۋە پۇل پاخاللىقىنى كونترول قىلىدىغانلىقى قاتارلىق نۇقتىلاردا ئالاھىدە توختالدى. ئەمما خىتايدىكى مىللىي مەسىلىلەر ھەققىدە ئېغىز ئاچمىدى.

ۋېن جياباۋ: " ئولىمپىككە ساھىپخانلىق قىلىش خىتاي مىللىتىنىڭ ئىپتىخارى"

ۋېن جياباۋ سۆزىدە، بېيجىڭ ئولىمپىكىنىڭ خىتاي خەلقىنىڭ مىللىي ئىپتىخارى ئىكەنلىكىنى، ئولىمپىكنىڭ خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماي دۇنيا بىلەن ھەمكارلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ۋېن جياباۋنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بېيجىڭ ئولىمپىكى خىتاي مىللىتىنىڭ يۈز يىللىق ئارزۇ - ئارمىنىنىڭ ئەمەلگە ئېشىش پۇرسىتىدۇر. يەنە رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي نۆۋەتتە ئەڭ ئەندىشە قىلىۋاتقان مەسىلە ئولىمپىكنىڭ بىخەتەر ئۆتكۈزۇلىشىدۇر.

رويتېرىسنىڭ 5 ‏ - مارتتىكى خەۋىرىدىن قارىغاندا، خىتاينىڭ ئولىمپىك بىخەتەرلىكى مەسىلىسىدە ئەڭ چوڭ ئەندىشىسى ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرىدۇر. شۇڭا خىتاي، بۇ ھەقتە، خەلقئارا ساقچى ئورگىنى،خەلقئارا ئاتوم - ئېنېرگىيە تەكشۈرۈش ئورنى، ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى قاتارلىق ئالاقىدار ئورۇنلاردىن ياردەم سورىغان. بۇلاردىن، بۈگۈن خەلقئارا ساقچى ئورگىنى خىتاينىڭ بۇ توغرىدىكى ئەندىشىسىنى ئىسپاتلىغىدەك پاكىت تاپالمىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدىن بۇ دەرىجىدە ئەندىشە قىلىپ تۇرۇقلۇق، 11 ‏ - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا خىتايدىكى مىللىي مەسىلىلەر ھەققىدە ھېچ توختالماسلىقى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا. ئەمما خەلقئارا مەتبۇئاتلار بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاي خەۋەرلىرىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئالاھىدە ئېتىبار بەردى.

دىلشات رىشىت: " باياناتلىرىمىزدىن مەقسەت، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى خەلقارا كۈنتەرتىپتە تۇتۇش"

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى، رويتېرس ئاگېنتلىقى، ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى قاتارلىق داڭلىق ئاخبارات ۋاستىلىرى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ باياناتىغا كەڭ ئورۇن بەردى. بولۇپمۇ دىلشات رىشىتنىڭ، 11 ‏ - قۇرۇلتايدا، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى مۇزاكىرە قىلىنىشى كېرەكلىكى، ئۇيغۇر ۋەتىنىنىڭ نامىنىڭ شەرقى تۈركىستان دېگەن قەدىمىي ۋە قانۇنىي نامىنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈشى كېرەكلىكى ھەققىدىكى تەكلىپى خەۋەرلەرنىڭ سەرلەۋھىسى قىلىندى.

دىلشات رىشىت 11 ‏ - قۇرۇلتاي ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە توختۇلۇپ مۇنداق دەيدۇ: ‏11 - " قۇرۇلتاينىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئالمايدىغانلىقىنى بىلىمىز، چۈنكى خىتاينىڭ مەقسىتى، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى خەلقئارا كۈنتەرتىپتىن ئۇزاق تۇتۇش؛ بىز ئۇيغۇر مەسىلىسىنى خەلقئارا كۈنتەرتىپكە ئەكىلىش، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ھەق - ھوقۇقىدىن مەڭگۈ ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى خىتاي ۋە دۇنيا جامائىتىگە بىلدۈرۈش ئۈچۈنلا بۇ باياناتلارنى بېرىۋاتىمىز. بۇ باياناتىمىز ھەرگىز، خىتاينىڭ قۇرۇلتايلىرىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ دەردىگە داۋا تېپىش ئۈچۈن ئەمەس. ئۇيغۇر مەسىلىسىنى خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى ئەمەس، كەلگۈسىدىكى شەرقى تۈركىستان پارلامېنتىلا مۇزاكىرە قىلىدۇ ۋە ھەل قىلالايدۇ. بىزنىڭ مەقسىتىمىز مەسىلىنى كۈنتەرتىپكە ئەكىلىش ۋە كۈنتەرتىپتە تۇتۇپ تۇرۇش."

خىتاي ۋاقىت گېزىتىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، دىلشات رىشىت، 11 - قۇرۇلتاي مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ۋەكىللىرىگە مۇراجىئەت ئېلان قىلغان. ئۇ مۇراجىئىتىدە مۇنداق دېگەن: مەزكۇر ۋەكىللەرنى ئۇيغۇر خەلقى ئۈز ئىرادىسى بىلەن سايلاپ چىقمىدى، شۇنداقتىمۇ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە مىللىتىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن سۆز قىلىشنى ئويلايدىغان بىرقانچە كىشىنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىمىز. ئۇلار، قۇرۇلتايدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنى تەنقىد قىلمىسىمۇ، ئەيىبلىمىسىمۇ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ مەۋجۇت مەسىلىسىدىن بىر - ئىككىنى ئوتتۇرىغا قويسا، ھەم مىللىي، ھەم ئىنسانىي مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلغان بولىدۇ دەپ قارايمىز. ئۇلارنىڭ بۇ خىزمىتىنى بۈگۈن ئۇيغۇر خەلقى مۇكاپاتلىيالمايدىغانلىقى ئېنىق، ئەمما تارىخ بۇنىڭغا جاۋاب قايتۇرىدۇ.

ۋەكىل دىلنار ئابدۇللا ئەھۋاللىشىشقىمۇ جۈرئەت قىلالمىدى

بۇ قېتىمقى يىغىنغا ئۇيغۇر رايونىدىن كەلگەن ۋەكىللەر 60تىن ئارتۇق بولۇپ، بۇنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى ئۇيغۇرلار ئىگىلەيدۇ. بىز بېيجىڭدىكى شىنجاڭ ۋەكىللىرى ئۆمىكىنىڭ باشلىقىغا تېلېفون قىلغىنىمىزدا، تېلېفون ئېلىنمىدى، ۋەكىللەردىن سەنئەتچى دىلنار ئابدۇللاغا تېلېفون قىلدۇق. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان دىلنار ئەھۋاللىشىشقىمۇ جۈرئەت قىلالمىدى.

بۇ ئاۋاز، گەپ قىلالايدىغان تۇرۇپ گەپ قىلمايۋاتقان ياكى گەپ قىلالمايۋاتقان ۋە ياكى قىلدۇرۇلمايۋاتقان، بۇ قېتىمقى ئۇيغۇر رايونىدىن كەلگەن ۋەكىللەردىن بىرى، گۈلنار ئابدۇللانىڭ ئاۋازىدۇر. بۇ يەردە گەپ قىلالمايۋاتقان يالغۇز دىلنار ئابدۇللاھمۇ ياكى ئۇيغۇر مىللىتىمۇ؟ بۇ سوئالنىڭ جاۋابى ئاڭلىغۇچىلىرىمىزنىڭ دىققىتىگە ھاۋالە.

تۆۋەندە، يېقىنقى زامان ئۇيغۇر سىياسىي تارىخىدا، بىر ئۇيغۇر ۋەكىل تەرىپىدىن ئۇيغۇر مەسىلىسى ئاشكارا تىلغا ئېلىنغان بىر يىغىننى ئەسلەپ ئۆتۈش بىلەن پروگىرامىمىزنى ئاخىرلاشتۇرىمىز، بۇ يىغىن، 1996 ‏ - يىلى بېيجىڭدا ئېچىلغان مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش يىغىنىدۇر، يىغىندا ۋاڭ لېچۈئەننىڭ ئۇيغۇر خەلقىنى سىياسىي، ئىقتىسادى، مائارىپ ۋە پىلانلىق تۇغۇت قاتارلىق جەھەتلەردە چەتكە قاققانلىقى قاتتىق تەنقىد قىلىنغان. بۇ تەنقىدنى ئوتتۇرىغا قويغان كىشى سابىق سىياسىي كېڭەش ۋەكىلى، نۆۋەتتە غۇلجىدا " ئۇ ئۇيغۇر خەلقىنى بەخىتكە ئېرىشتۈرەلەمدۇ " دەپ تەنقىد قىلىنىۋاتقان، ھازىر مۇھاجىرەتتە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمدۇر. (شۆھرەت ھوشۇر)