
2001 - يىلى 9 - ئاينىڭ 11 - كۈنى يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ يۈز بەرگىنىگە 6 يىل توشقان بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكا خەلقى بۇ كۈننىڭ ئۆزلىرىگە ئېلىپ كەلگەن زەربىسىنى ئۇنۇتقىنى يوق. تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ قۇربانىغا ئايلانغان 2973 نەپەر بىگۇناھ ئىنسانلار ئىچىدە گۆھەر سېيىت ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر قىزىمۇ بار ئىدى.
" 11 - سېنتەبىر " تېررورلۇق ھۇجۇمى، ئۇيغۇرلارغىمۇ قاتتىق تەسىر كۆرسەتتى
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مەمەت توختى ئەپەندى، 11 - سېنتەبىر ۋەقەسىنىڭ ئوخشاشلا ئۇيغۇرلار تارىخىغىمۇ چوڭقۇر ئىزلارنى قالدۇرغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
گۆھەرنىڭ ئاتىسى، ئانىسى ۋە بىر تۇققان قېرىنداشلىرى، ھازىرغا قەدەر ئۇنىڭدىن ئايرىلغىنىغا ئىشەنمەيۋاتقانلىقىنى ئۇنى خۇددى يېنىدا ياشاۋاتقاندەك ھىس قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ.
ئامېرىكىنىڭ تاشقى سىياسىتى ۋە ئىقتىسادىغا زور قېيىنچىلىقلارنى تۇغدۇرغان " 11 - سېنتەبىر" نىڭ زەربىسى، پۈتۈن دۇنيا سىياسىتىگە ۋە ئىقتىسادىغا تېگىشلىك سەلبىي تەسىرىنى كۆرسەتكەن بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن تەڭ ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى، دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىكنىڭ دۈشمىنى بولغان تېررورچىلارغا زەربە بېرىش كۈرىشى باشلىنىپ كەتتى.
خىتاي، تېررورلۇققا قارشى كۈرەشنى باھانە قىلىپ ئۇيغۇرلارنى باستۇردى
ئامېرىكىنىڭ " 11 - سېنتەبىر " تېررورچىلىققا زەربە بېرىش كۈرىشىدىن پايدىلانغان بىر قىسىم دۆلەتلەر ئۆز ھاكىمىيىتىگە قارشى ئۆكتىچىلەرنى باستۇرۇش ھەرىكىتى ئېلىپ باردى. شۇ قاتاردا خىتاي ھۆكۈمىتى، ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تەشكىلات ۋە پائالىيەتچىلىرىنى " تېررورچىلار" ۋە " تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى" دەپ دۇنيا جامائەتچىلىكىگە قارىلاشقا ئۇرۇندى.
بۇ ھەقتە، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ باش كاتىپى ئالىم سېيىتوف ئەپەندى قاراشلىرىنى ئوتتۇرغا قويۇپ، خىتاينىڭ ئەپتى - بەشىرىسىنى سۆكىدۇ. (ئەقىدە)