12 – دېكابىر ھەرىكىتىنىڭ 21 يىللىقى خاتىرىلەندى


2006.12.14

بۇ يىل 12 – ئاينىڭ 12 – كۈنى "12 – دېكابىر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى" يۈز بەرگەنلىكىنىڭ 21 يىللىق خاتىرە كۈنىدۇر. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، د ئۇ ق نىڭ رەئىسى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم 12 – ئاينىڭ 12 – كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، 12 – دېكابىر ھەرىكىتىنىڭ 21 يىللىقىنى خاتىرىلىدى.

ئۇيغۇر يېقىنقى زامان تارىخىدىكى ئۆچمەس ئىز

رابىيە قادىر خانىم بۇ باياناتتا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەرىپىدىن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ "ياشلار كۈنى" دەپ بېكىتىلگەن 12 – دېكابىر كۈنىنى، ئۇيغۇر دېموكراتىك ھەرىكىتى تارىخىدىكى شانلىق بىر سەھىپە، دەپ ئاتىغان ھەمدە 1985 – يىلى 12 – ئاينىڭ 12 – كۈنى، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئونمىڭلىغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خىتاي مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى ئېلىپ بارغان ھەيۋەتلىك نامايىشى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كوممۇنىزمى رېجىمىغا قارشى ئىرادىسىنى نامايەن قىلىش بىلەن بىرگە، ئەركىنلىك، دېموكراتىيە، ئىنسان ھەقلىرىغا بولغان ئارزۇ – تەلەپلىرىنى دۇنياغا جاكارلاپلا قالماستىن، پۈتكۈل خىتايدىكى دېموكراتىك ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ، جۈملىدىن 1989 – يىلى يۈز بەرگەن تيەنئەنمىن ۋەقەسىنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىپ، يالغۇز ئۇيغۇر تارىخىدىلا ئەمەس، خىتاي يېقىنقى زامان تارىخىدىمۇ ئۆچمەس ئىز قالدۇرغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

مىللى ھەرىكىتىمىزنىڭ ئىلھام مەنبەسى

د ئۇ ق نىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم شەرقىي تۈركىستان يېقىنقى زامان تارىخىدىكى مىللىي ھەرىكىتىمىزنىڭ داۋامى، راۋاجى ۋە دېموكراتىك كۈرەشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى، دەپ قارالغان 12 – دېكابىر ھەرىكىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن:

"بىز بۇ كۈننى ئىپتىخار بىلەن ياد ئەتكەن ۋاقتىمىزدا، بۇندىن 21 يىل ئىلگىرى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ كېلەچەك تەقدىرى ئۈچۈن كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىققان باتۇر ئەزىمەتلىرىمىزدىن پەخىرلەنمەي تۇرالمايمىز. ئۇلارنىڭ پىلانلىق تۇغۇتقا قارشى تۇرۇش، ئاتوم سىناقلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، كۆچمەن يۆتكەشنى توختۇتۇش قاتارلىق سەككىز ماددىلىق شۇئار بىلەن خىتاي مۇستەبىت ھۆكۈمىتىگە جەڭ ئېلان قىلغان جاسارىتىدىن غۇرۇرلانماي تۇرالمايمىز. يېرىم ئەسىر داۋام قىلغان قاباھەتلىك سۈكۈت باغرىنى يېرىپ چىقىپ، مىللىي ئىرادىمىزنى دۇنيا جامائىتىگە بىلدۈرگەن ۋە ئەۋلادلارنى ئۆز تەقدىرى ھەققىدە ئويلىنىشقا ئىلھاملاندۇرغان پىداكارلىقى ئۈچۈن ئاپىرىن ئېيتماي تۇرالمايمىز. 12 – دېكابىر ھەرىكىتى نۆۋەتتىكى مىللىي ھەرىكىتىمىزنىڭ راۋاجى ھەم تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىلھام مەنبەسىدۇر".

شەرقىي تۈركىستان ياشلىرىنىڭ بايرىمى

شەرقىي تۈركىستان ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى بولغان، 1985 يىلى يۈز بەرگەن 12 – دېكابىر ھەرىكىتىگە ئاكتىپ ئىشتىراك قىلغان، بۈگۈن د ئۇ ق نىڭ باش كاتىپلىق ۋەزىپىسىنى ۋە ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسلىكىنى ئۆتەۋاتقان دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتە ئۆز پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.

13 – دېكابىر كۈنى، گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھرىدىكى قۇرۇلتاي باش شىتابىدا، د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەرجان، ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئابلىكىم ئىدرىس ۋە قۇرۇلتاي باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىلەر يېتەكچىلىكىدە قۇرۇلتاي خادىملىرى ئارا 12 – دېكابىر ھەرىكىتىنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ۋە ياشلار بايرىمى بولۇپ ئۆتتى.

بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە قاتناشقان قۇرۇلتاي خادىملىرى 1985 – يىلى 12 – دېكابىر كۈنى يۈز بەرگەن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنى ئەسلەپ ئۆتۈش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر دېموكراتىك ھەرىكىتىنىڭ تۇنجى سىگنالىنى ياڭراتقان 12 – دېكابىر ھەرىكىتىنىڭ قەھرىمان ئوغۇل – قىزلىرىغا بولغان ھۆرمەت – ئېھتىراملىرىنى بىلدۈردى.

د ئۇ ق خادىملىرىنىڭ ئېيتىشىچە، 12 – دېكابىر كۈنى تەدرىجى ھالدا بارلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ياشلار بايرىمىغا ئايلىنىپ، ھەر يىلى تەن – تەنە بىلەن ئۆتكۈزىلىدىكەن ۋە بۇ مەقسەدنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا ئۈزلۈكسىز تېرىشچانلىق كۆرسىتىلىدىكەن. (ئەكرەم)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.