12 ‏- دېكابىر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى ھەققىدە سۆھبەت


2007.12.12

بۈگۈن يەنى 12 ‏- دېكابىر كۈنى، " 12 - دېكابىر ئوقۇغۇچىلار مىللىي ھەرىكىتى" نىڭ 22 ‏ يىللىق خاتىرە كۈنى. 1985 - يىلىنىڭ بۇ كۈنىدە، ئۈرۈمچىدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى نامايىش ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ خىتاي ئاسارىتىگە قالغاندىن بۇيانقى دۇچ كەلگەن ئاساسلىق مەسىلىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

نامايىشتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەلەپلەر: دېموكراتىك سايلام ئېلىپ بېرىش، ئۇيغۇر ئېلىگە كۆچمەن يۆتكەشنى توختىتىش، مىللىي مائارىپنى يۈكسەلدۈرۈش، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا پىلانلىق تۇغۇت يۈرگۈزمەسلىك، لوپنۇر ئاتوم سىناق مەيدانىنى بىكار قىلىش، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىنى قوغداش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت بولغان.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، 12 - دېكابىر ۋەقەسىنىڭ يېتەكچىلىرىدىن دولقۇن ئەيسا، مەمەت توختى ۋە نۇرمەمەت مۇساباي ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىبى دولقۇن ئەيسا، 12 - دېكابىر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىلىرىدىن بىرى ھەم ئەنە ئەشۇ ھەرىكەتكە يېتەكچىلىك قىلغىنى ئۈچۈن ئۇنىۋېرسىتېتتىن ھەيدەلگەن.

شۇ نامايىشنىڭ يەنە بىر غوللۇق يېتەكچىسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ھەم كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مەھەممەد توختى. ئۇ، 12 ‏- دېكابىر ھەرىكىتىنى، "ئۇيغۇرلار خىتاي ئاسارىتىگە قالغاندىن بۇيان داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ يېقىنقى زاماندىكى بىر ھالقىسى،" دەيدۇ.

بۇ تارىخىي ھەرىكەتتە يىتەكچىلىك رول ئوينىغانلاردىن يەنە بىرى - ھازىر ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان نۇرمۇھەممەت مۇسابايدۇر. نۇرمۇھەممەت مۇساباي، 19 ‏- ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 20 ‏- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، يېڭى دەۋىر ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىغا ئۇل سالغان ئاتاقلىق مىللىي كارخانىچىلاردىن بولغان ھۈسەنباي ۋە باھاۋۇدۇنباي مۇسابايلارنىڭ نەۋرىسى. ئۇ، 12 - دېكابىر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ خاراكتېرى ھەققىدە توختىلىپ، 12 ‏- دېكابىر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنى، ئەينى زاماندىكى "ئۇيغۇر مىللىي روھىنىڭ نامايىشى ۋە ئۇيغۇر مىللىي ئىرادىسىنىڭ خىتاپنامىسىدۇر،" دەيدۇ. (شۆھرەت ھوشۇر)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.