ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار دېموكراتىك كۈرىشى: 12 - دېكابىر ياشلار ھەرىكىتى

1985 - يىلى 12 - دېكابىر پارتلىغان، ئونلارچە ئالىي مەكتەپتىن 15 مىڭغا يېقىن ئوقۇغۇچى ياشلار قاتناشقان، تەرتىپلىك، تىنچ يول بىلەن ئېلىپ بېرىلغان بۇ زور كۆلەملىك ئوقۇغۇچى ياشلار ھەرىكىتىنى، ئۇيغۇر دىيارى يېقىنقى زامان تارىخىدىكى دېموكراتىك كۈرەشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى شۇنداقلا يېڭى بىر مىللىي ئويغىنىشنىڭ چوقان كەبى ئىپادىلىنىشى دەپ ئېيتىشقا بولاتتى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ
2008.12.12
kok-batyarq-305.jpg ﺋﺎﻱ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻟﯘﻕ ﻛﻮﻙ ﺑﺎﻳﺮﺍﻕ.
Photo: RFA

23 يىل ئىلگىرى يۈز بەرگەن بۇ ياشلار ھەرىكىتى ئەينى دەۋردە جەمئىيەتتە، ياشلار ئارىسىدا زور تەسىر قوزغاپلا قالماي ھېلىھەم ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ھەم ياشلىرىغا ئىلھام بولۇپ كەلمەكتە.

تىنچلىق بىلەن ئېلىپ بېرىلغان نامايىش

1985 - يىلى 12 - دېكابىر ئۈرۈمچىدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تەشكىللىنىپ كوچىغا چىقىپ تىنچ يول بىلەن ئېلىپ بارغان نامايىشىنى، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى 20 ‏ - ئەسىردىكى ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دېموكراتىك كۈرىشىنىڭ پەللىسى دەپ باھالايدۇ.

چەتئەللەردىكى 12 ‏ - دېكابىر ياشلار ھەرىكىتى قاتناشقۇچىلىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئەينى دەۋر خىتايدا جۈملىدىن ئۇيغۇر ئېلىدە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە مائارىپ، پەن تېخنىكا ھەر جەھەتتە قايتىدىن ئويغىنىش، راۋاجلىنىش باسقۇچىغا قەدەم قويغان ئىدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى، خىتاي كۆچمەنلىرىنى يۆتكەش سىياسىتى، يەر ئېچىش، بايلىق قېزىش قاتارلىق ناھەق سىياسەتلىرى قاتتىق داۋام قىلىۋاتقان پەيت ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي زوراۋانلىق، ئالدامچىلىق سىياسىتى پۈتۈن ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە زور نارازىلىق، ئىسيانى روھ پەيدا قىلدى، بۇ نارازىلىق، بۇ روھ، دەۋرنىڭ، مىللەتنىڭ ئاۋانگارتلىرى بولغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ1985 ‏ - يىلى دېكابىرنىڭ 12سى كوچىلارغا چىقىپ نامايىش قىلىپ ھۆكۈمەتكە نارازىلىقىنى ئىپادىلىشىگە تۈرتكە بولغان.

مەزكۈر نامايىش ئۈرۈمچىنىڭ قاتتىق قار شىۋىرغانلىق كۈنىدە ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ،يۈرىكىدە ۋەتىنى، مىللىتىگە بولغان مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى كۈچىيىۋاتقان، سەزگۈر، مىللىي روھى ئۇرغۇپ تۇرغان ئۇيغۇر ياش زىيالىيلىرىنىڭ يولىنى توسۇپ قالالمىغان، ھەتتا مەكتەپلەرنىڭ تۈرمىلەرگە ئوخشاش ئىگىز سېپىل تاملىرى، تۆمۈر دەرۋازىلىرى، مەكتەپ رەھبەرلىرى، ئوقۇتقۇچىلىرى، خىتاي ساقچىلىرىمۇ توسۇپ قالالمىغان.

15 مىڭغا يېقىن ئوقۇغۇچىلار قاتناشقان

پۇختا تەييارلىق بىلەن پىلانلىق، تەشكىللىك، تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلغان شۇ قېتىملىق نامايىشقا،شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلىرىنى ئاساس قىلىپ يەتتە ئالىي مەكتەپتىن 15 مىڭغا يېقىن ئوقۇغۇچىلار قاتناشقان.

مەزكۈر نامايىش كېڭىيىپ، ھەتتا قەشقەر، ئاقسۇ، خوتەن ئى بۆرتالا قاتارلىق شەھەرلەردىكى ئالىي بىلىم يۇرتلىرى ئوقۇغۇچىلىرى ۋە يەنە خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارمۇ دەرس تاشلاپ كوچىلارغا چىققان ھەم ھۆكۈمەت بىنالىرىنىڭ ئالدىغا يىغىلىپ نامايىش قىلغان. ئۈرۈمچىنى مەركەز قىلىپ ئېلىپ بېرىلغان نامايىش بىر ھەپتىگە قەدەر داۋام قىلغان.

"مىللىي كەمسىتىشكە نارازىلىق بىلدۈرىمىز، ياشىسۇن مىللىي باراۋەرلىك، خىتايلارنىڭ قۇل قىلىشىغا قارشى تۇرىمىز، خىتايلار شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەتسۇن، مائارىپىمىزنى قوغداپ قالايلى ..." دېگەندەك خەلقىنىڭ ئارزۇلىرى، نارازىلىقلىرىنى لوزۇنكىلارغا يېزىپ، جەڭگىۋار شوئار توۋلاپ، شىۋىرغاننى يېرىپ ماڭغان جۇشقۇن نامايىشچىلار قوشۇنىدىن ھاياجانلانغان ۋە تەسىرلەنگەن خەلق ئاممىسىمۇ، ئوقۇغۇچىلارنى ھىمايە قىلىپ يولنىڭ قاسناقلىرىدا خۇددى ئۆزىنىڭ ئەركىنلىك جەڭچىلىرىنى، ئۇرۇش قەھرىمانلىرىنى كۈتكەندەك ھاياجان بىلەن كۆزلىرىگە ئىسسىق ياش ئېلىپ ئالقىشلىغان.

ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۈچلۈك قارشىلىق كۈرەشلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا قويغان پارتكوم ھەم ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر قىلغان. سۆھبەت گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى پەيدا قىلغان تەھدىتى بىر كەيپىيات ئىچىدە ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ، ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى ئۇيغۇر ئېلى خەلقىنىڭ ئارزۇلىرىنى، ھەققانىي تەلەپلىرىنى، پاكىتلىق، قايىل قىلارلىق ھالدا مەردانە، كەسكىن ئوتتۇرىغا قويغاندا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قويغان بۇ قورچاق رەھبەرلىرى قايمۇقۇپ پاسسىپ ھالەتكە چۈشۈپ، بىلىمسىزلىكىنى، قابىليەتسىزلىكىنى ئاشكارىلاپ قويغان.

كۈرەش ئاتاخان ئەپەندىنىڭ ئەسلىمىسى

12 ‏ - دېكابىر ياشلار ھەرىكىتىنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە تەسىر قىلغان سىياسىي، ئىجتىمائىي سەۋەبلەر، نامايىشنىڭ تەشكىللىنىش، يۈز بېرىش ھەمدە باستۇرۇلۇش جەريانلىرى ھەققىدە،بۇنىڭدىن 23 يىل بۇرۇنقى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر ئوقۇغۇچىسى، مەزكۈر نامايىشنىڭ ئاساسلىق تەشكىللىگۈچىسى ھەم قاتناشقۇچىسى، جۈملىدىن شۇ جەرياندا ھۆكۈمەت تەرەپ بىلەن سۆھبەتكە قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرىدىن بىرى بولغان گېرمانىيىدە ياشاۋاتقان يازغۇچى، نۆۋەتتە فرانكفورتتىكى شەرقىي تۈركىستان بىرلىكىنىڭ رەئىسى بولغان كۈرەش ئاتاخان ئەپەندى رادىئومىزغا، ئەينى ۋاقىتتىكى كۈرەش ئەسلىمىسىنى ھاياجان ئىلكىدە بايان قىلدى.

ئۇنىڭ دېيىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 1985 - يىلىدىكى بۇ ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنى دىكتاتۇرا يۈرگۈزۈش بىلەن ئاخىرلاشتۇردى ھەمدە بۇ دېموكراتىك ياشلار ھەرىكىتىنى 12 ‏ - دېكابىر جېدەل چىقىرىش ۋەقەسى دەپ ئەيىبلىدى. بۇ جەرياندا ئوقۇغۇچىلار رەھبەرلىرى تەقىبكە ئېلىنىپ، نۇرغۇنلىغان ۋىجدانلىق، بىلىملىك ئۇيغۇر ياشلىرى خىتاينىڭ سىياسىي قەستىگە ئۇچرىدى.

مەكتەپلەردىن قوغلاندى ھەمدە نازارەت قىلىندى ۋە قىلىنماقتا، ئۇلارنىڭ ئاز بىر قىسمى چەتئەللەردە پاناھلىنىشقا مەجبۇر بولدى. ئۇلار دېموكراتىك ئەللەردە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ، ۋەتىنىنىڭ مۇستەقىللىق كۈرەشلىرىنى داۋام قىلماقتا. ئۇلارنىڭ قەلبىدە - 12 ‏ - دېكابىر ھەرىكىتى ياندۇرغان بۇ مىللىي روھ، ئىشەنچ ئوتلىرى ھېلىھەم يالقۇنلايدۇ.
 


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.