ئۇيغۇر 12 مۇقام ئانسامبىلى تۈركىيىدە
2006.11.14
مۇقام ئانسامبىلى 20 يىل ئارىدىن كېيىن تۇنجى قېتىم تۈركىيىدە. تۈركىيە بىلەن خىتاينىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 35 يىللىق مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىكىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن تۈركىيىگە كەلگەن مۇقام ئانسامبىلى ئىستانبۇل، ئىزمىر، ئەنقەرە قاتارلىق شەھەرلەردە ئويۇن قويغاندىن كېيىن 11-ئاينىڭ 24 –كۈنى ئۈرۈمچىگە قايتىدىكەن.
مۇقام ئانسامبىلى 48 كىشىدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، بۇلارنىڭ 11 ئى ئۆمەك باشلىقلىرى ئىكەن. 11-ئاينىڭ 11-كۈنى تۈركىيىگە يېتىپ كەلگەن مۇقام ئانسامبىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى ئىستانبۇلدىكى ئەڭ چوڭ ئويۇن قويۇش مەركىزىدىن بىرى بولغان ئاتا تۈرك مەدەنىيەت مەركىزىدە ئويۇن قويدى. ئويۇننى تۈركىيە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرى ئاتىللا كوچ باشچىلىقىدىكى كوپ ساندا رەھبەرلەرمۇ كوردى. ئويۇن تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا سازاۋەر بولدى.
بىزنىڭ ئىگىلىشىمىزچە، ئۆمەكتىكىلەرنىڭ پاسپورتى خىتاي ئۆمەك باشلىقى تەرىپىدىن يىغىۋېلىنغان بولۇپ، ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن ۋە ئۇلارنىڭ يېقىنلىرى بىلەن كۆرۈشىشىگىمۇ رۇخسەت قىلىنمىغان. خىتاي تەرەپ باشتا ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئويۇنغا كېلىشىنى توسۇش ئۈچۈن ئويۇنغا كىرىش بىلىتىنى ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق خىتاي كونسۇلى ۋە قازاق ۋەخپىلىرى ئارقىلىق تارقاتقان بولسىمۇ، تۈرك ساقچىلىرى ئويۇنغا كەلگەن ئۇيغۇرلارنى بىلەت سورىماستىنلا كىرگۈزىۋەتكەن. نېمە ئۈچۈن بۇنداق چەكلىمە قويىلىۋاتقانلىقىنى ئۆگىنىش ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرگە تېلېفون قىلغان ۋاقتىمىزدا ئۇلار خىتايلارنىڭ بۇ سەنئەتچىلەرنىڭمۇ كاناداغا بېرىپ قېپقالغان سېرىكچىلەرگە ئوخشاش قېلىۋەلىشىدىن ئەنسىرەپ شۇنداق قىلغانلىقىنى ئېيتتى.
بىز بۇ ئويۇننى كۆرگىلى بارغان ئۇيغۇرلار بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ تۇيغۇلىرىنى ئالدۇق. ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئابدۇلخەمىت ئاكتاش ئەپەندى، زەينۇرە خانىم قاتارلىقلار ئويۇننى كۆرگەندىن كېيىنكى تەسىراتىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى. ماقام ئانسامبىلىنىڭ ئويۇنىغا بارمىغان ئۇيغۇرلارمۇ بار بولۇپ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ باماسلىقىدىكى سەۋەبنى ئىزاھلىدى.
بۇ ئويۇننى كۆرگەن ئاينۇر بالكان ئىسىملىك بىر تۈرك خانىم ئويۇننى كۆرگەندىن كېيىنكى تەسىراتىنى ئاڭلىتىپ مۇنداق دېدى:
"ئاجايىپ گۇزەل ئىدى. كىشىنى سەھىرلىگۇدەك دەرىجىدە گۈزەل ئىدى. بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيىتىنىڭ بۇنچىۋالا باي، بۇنچىۋالا ئېسىل، كىيىم كېچەكلىرىنىڭ بۇ دەرىجىدە كۆركەم ئىكەنلىكىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن. بىز ھەقىقەتەن مەست بولۇپ كەتتۇق. بۇ گۈزەل مەدەنىيەت سەنئەتكە ياۋروپا بىرلىكى دۆلەتلىرىنىڭ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىگە چىقىشىنى ئارزۇ قىلىمەن".
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- دولان مۇقامى دەۋرىمىزگە كەلگەندە نېمە ئۈچۈن يوقاپ كېتىش گىردابىغا كېلىپ قالدى؟
- تۈركىيىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار تەنتەنىلىك مۇراسىم بىلەن دىپلوما ئالدى
- ئۇيغۇرلار مونتېئارالدىكى "دۇنيا خەلقلىرىنىڭ تويلىرى" فېستىۋالىدا
- ناخشا چولپىنى ئەركىن ئابدۇللا يېڭى ئالبۇمى ھەققىدە چىققان تالاش-تارتىشلار مۇناسىۋىتى بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى
- خەيرۇللا ئەپەندى تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابدۇللاھ گۈل بىلەن كۆرۈشتى
- ياپونىيىلىك ئۇيغۇر مۇزىكا تەتقىقاتچىسى يۈكو ۋاشىئو خانمىمنىڭ ئۇيغۇر مۇزىكىلىرى ھەققىدىكى قاراشلىرى
- "ئۈرۈمچى، قەشقەر ۋە تەكلىماكان چولىدە 4 كۈن "