ئۇيغۇر 12 مۇقام ئانسامبىلى تۈركىيىنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدە


2006.11.23
12-muqam-turkiye-250.jpg
تۈركىيە دۆلەت مىنىستىرى مەمەتئەلى شاھىن مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرمەكتە. RFA

12 مۇقام ئانسامبىلى 20 يىل ئارىدىن كېيىن تۇنجى قېتىم كەلگەن تۈركىيىدە ئىستانبۇل، ئىزمىر قاتارلىق شەھەرلەردە ئويۇن قويغاندىن كېيىن 22 - چېسلا تۈركىيىنىڭ پايتەختى ئەنقەرەگە يېتىپ كەلدى. ئۇلار ئەنقەرەدىكى لەيلە گەنجەر سەھنىسىدە ئويۇن قويدى. ئويۇن قويۇش مەركىزىدە يەنە ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەدەنىي يادىكارلىقلار، شەھەرلەر، تاغ دەريا مەنزىرىلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ ئادەتلىرى تەسۋىرلەنگەن فوتو رەسىملەرمۇ كۆرگەزمە قىلىنغان بولۇپ، تۈركىيىنىڭ دۆلەت مىنىستىرى مەمەتئەلى ساھىن بۇ رەسىم كۆرگەزمىسىنى ۋە ئويۇننى كوردى.

ئويۇن باشلاشتىن بۇرۇن رەسىم كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىشى ئۈچۈن لېنتا كېسىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. كۆرگەزمىگە قويۇلغان رەسىملەر مىنىستىرگە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى كۈرەش مەھسۇدى تەرىپىدىن تەپسىلى چۈشەندۈرۈلدى. بۇ رەسىملەردە ئۇيغۇرلارنىڭ بەخىت سائادەت ئىچىدە خوشال خورام ھالدا ياشاۋاتقانلىقى، بولۇپمۇ مەسچىتلەردە ناماز قىلىۋاتقان كىشىلەر، ھەتتا كومپيۇتېرنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ قۇرئان ئۆگىنىۋاتقان ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ رەسىملىرى ئارقىلىق دىنى ئەركىنلىككە ئىگە ئىكەنلىكى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈلگەن ئىدى.

خىتاي ئەلچىخانىسى خادىملىرىنىڭ تەھدىتى

كۆرگەزمە ئاخىرىدا دۆلەت مىنىستىرى مەمەتئەلى شاھىن مۇخبىرلارغا بايانات بەردى. ئۇ باياناتىدا مۇنداق دېدى:

گەرچە ئارىسى ئۇزاق بولسىمۇ، كۆڭۈللىرى بىر بىرىگە تولىمۇ يېقىن ئىككى دۆلەتمىز. مەن خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىگە ئىككى قېتىم زىيارەتكە باردىم. ئۇ يەردە شۇنداق ياخشى كۈتۈۋېلىندىمكى، ئۆزۈمنى خۇددى تۈركىيىدىكىدەكلا ھەس قىلدىم. شۇڭا خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىدىكى دۆلەت رەھبەرلىرىگە ۋە خەلقىگە ئالاھىدە بىر مۇھەببىتىم بار. بۈگۈن مەن بۇ يەردە كۆرگەزمىنى كۆردۇم. بۇ رەسىملەردىن خىتايدىكى رەسىم سەنئىتىنىڭ قايسى سەۋىيەلەرگە كەلگەنلىكىنى كۆرۈۋالدىم. مەن ئىكى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ كۈچىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنىڭ ئىكى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

بىز مىنىستىرنىڭ سوزى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، مىنىستىرگە سوئال قويدۇق:

- سىز ئۇيغۇر دىيارىغا باردىڭىزمۇ؟ - شىنجاڭ ئۇيغۇر رايونىغا تەخى بارالمىدىم. ئالدىمىزدىكى ئايلاردا خىتايغا 3-قەتىملىق زىيارىتىمىزنى ئېلىپ بارىمەن. ئۇ ۋاقىتتا ئۇيغۇر دىيارىغىمۇ بېرىشنى ئويلاۋاتىمەن. - ئۇ يەردىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىلىرى ھەققىدە نىمە دېمەكچى سىز؟ - ھازىر بۇ ھەقتە تېخى بىر نەرسە ئويلاشمىدىم.

12-muqam-turkiye1-250.jpg

مىنىستىر بۇ سوئالىمغا جاۋاپ بېرىشكە باشلا باشلىمايلا 3 ساقچى مەنى دەرھال توسۇپ، ئۇ يەردىن ئۇزاقلاشتۇردى. ئۇ يەردىكى ئۇيغۇر دىيارىدىن كەلگەن ۋە ئەلچىلىكتىن كەلگەن پۈتۈن خىتايلار رادىئومىزنىڭ مۇخبىرلىرىنىڭ ئۇ يەردە بولغانلىقىدىن قاتتىق بىئارام بولىۋاتقان ئىدى. ئۇلار قانچە قېتىم يېزىمىزغا كېلىپ بۇ يەردە ئىش چىقارماڭلار، ئىش چىقارغان تەقدىردە سىلەرنى قولغا ئالدۇرۇۋېتىمىز، دېگەندەك گەپلەر بىلەن بىزنى تەھدىت قىلدى. بىز ئۆزىمىزنىڭ ئەركىن پىكىر قىلىدىغان مۇخبىر ئىكەنلىكىمىزنى، بۇ يەرنىڭ مۇستەبىت خىتاي دۆلىتى ئەمەسلىكىنى، بىزنى قولغا ئالدۇرىدىغان ھوقۇقىنىڭ يوقلىقىنى ئېيتىپ، ئۇلارغا رەددىيە بەردۇق.

بىز يەنە ئۇ يەردە خىتاي ئەلچىلىكىدىكى مەدەنىيەتكە مەسئۇل ئەلچى شى رۇيلىنگە سوئال قويدۇق:

- سىلەر ئۇيغۇر سەنئەتچىلەرنىڭ پاسپورتلىرىنى يىغىۋېلىپ ئۇلارنى ھېچكىم بىلەن كۆرۈشتۈرمەيۋېتىپسىلەر، بۇ توغرىمۇ؟ - ئۇنداق ئىش يوق. بۇ جۆيلىگەنلىك، پۈتۈنلەي يالغان. سىلەر يالغان گەپ قىلىۋاتىسىلەر. نەدىمۇ ئۇنداق ئىش بولسۇن.

بىز شى رۇيلىن ئەپەندىنىڭ بەرگەن جاۋابىدىن خىتاي ئەلچىلىكىنىڭ مەدەنىيەتكە مەسئۇل ئەلچىسىنىڭ ئۆزىنىڭ مەدەنىيىتىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى ئىنتايىن ياخشى كۆرۈۋالغان بولدۇق.

ئەگەر خىتاي بۇ سىياسىتىنى داۋام قىلدۇرىدىغان بولسا، بىر كۇن بولماي بىر كۈنى يىمىرىلىدۇ

بىز بۇ ئىشلاردىن كېيىن، كۆرگەزمىنى ئايلىنىۋاتقان سىياسەتچىلەر ۋە خەلققە مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق. كەچىئورەن رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى تۇرغۇت ئالتىنوكمۇ رەسىم كۆرگەزمىسىنى كۆرگەن ئىدى.

- رەسىملەرنى كۆرگەندىن كېيىن نىمىلەرنى ھەس قىلدىڭىز؟ - ئۇ يەرلەر تۈركىيىگە ناھايىتى بەك ئوخشايدىكەن. تارىخىمىز، مەدەنىيىتىمىز، تۇرمۇش ئادىتىمىز، تەبىئەت گۈزەللىكلىرىمىز بىر بىرىگە ئوخشايدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ مەدەنىيەتنى ياراتقان ئۇلۇغلۇقىنىمۇ كۆرىۋالالايمىز بۇ كۆرگەزمىدىن. مەن ئۇيغۇر دىيارىدىن سەنئەتچىلەرنىڭ كېلىشىنى ناھايىتى ياخشى بىر ئىش، ياخشى بىر باشلانغۇچ دەپ قارايمەن. - كۆرگىنىنغىزدەك رەسىملەردە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنتايىن بەختلىك ياشاۋاتقانلىقى گەۋدىلەندۈرگەن. ئەمما بۇ سەنئەتچىلەرنىڭ پاسپورتلىرى يىغىۋېلىنغان بولۇپ، ئۇلار ھەتتا تۇغقانلىرى بىلەنمۇ كۆرۈشەلمەيۋېتىپتۇ. بۇنىڭغا نىمە دەيسىز؟ - بۇ توغرا ئەمەس، بۇنداق سىياسەتتىن خىتاي ۋاز كېچىشى لازىم. ئۇزۇن يىللاردىن كېيىن تۈركىيىگە كەلگەن بۇ قېرىنداشلىرىمىز ئۇرۇق تۇغقانلىرى بىلەن كۆرۈشەلىشى، خالىغان يېرىگە بارالىشى كېرەك. ئەگەر خىتاي بۇ سىياسىتىنى داۋام قىلدۇرىدىغان بولسا، بىر كۇن بولماي بىر كۈنى يىمىرىلىدۇ. تۈركىيە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىككىنچى ۋەتىنىدۇر. بۇ يەردە ئۇلارنىڭ ئەركىنلىكىنىڭ چەكلىمىگە ئۇچرىشى ناھايىتى خاتا.

تۈركىيىگە سەپەر قىلىشتىن بۇرۇنقى سىياسىي ئۆگىنىش

ئىسمىنى ئاشكارلاشنى خالىمىغان بىرىنىڭ دېيىشىچە، سەنئەتچىلەر تۈركىيىگە كېلىشتىن بۇرۇن 3 ئۆگىنىش ئېلىپ بارغان بولۇپ، ئۇيغۇرلار بىلەن كۆرۈشمەسلىك، رۇخسەتسىز ھەرىكەت قىلماسلىق ھەققىدە دەرس بەرگەن ئىكەن. بىزنىڭ ئۇ يەردىن كۆرگىنىمىز بويىچىمۇ ئۇيغۇر سەنئەتچىلەر ھېچكىم بىلەن ئەركىن سۆزلىشەلمەيۋاتقان بولۇپ، خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلار نامايىش قىلىدۇ، دەپ تەلەپ قىلىشى بويىچە كەلگەن ئامانلىق ساقلىغۇچىلارنىڭمۇ ئىنتايىن جىقلىقى كۆزلەردىن قاچمىدى.

رەسىم كۆرگەزمىسىدىن كېيىن ئۇيغۇر 12 مۇقام ئانسامبىلىنىڭ ئويۇنلىرى باشلىدى. ئويۇن باشلاشتىن بۇرۇن رىياسەتچى ئۇيغۇر 12 مۇقامنىڭ تارىخى، كېلىپ چىقىشىنى تاماشىبىنلارغا قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. (ئەركىن تارىم)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.