خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ 17 - قۇرۇلتىيى يېقىنلاشقانسىرى ئوخشىمىغان پىكىرلەرنى باستۇرۇش شۇنچە جىددىي تۈس ئالماقتا
2007.08.20
دۇنياغا ئېنگىلىزچە ۋە خىتايچە يېزىقلاردا كەڭ تارقىلىدىغان، كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشنى نىشان قىلغان 'تيەنۋاڭ' يەنى 'تەڭرىنىڭ تورى' ناملىق ئىنتېرنېت تور بېتىنىڭ سىنگاپور، دانىيە، سىچۇئەنلەردىكى خىزمەتچىلىرى بۈگۈن، مەزكۇر 'تيەنۋاڭ تور بېتى' نىڭ مەڭگۈلۈك تاقالغانلىقىنى ئامېرىكا شىركەتلىرى ئارقىلىق ئېنىقلىغان. 'بوشۈن تور بېتى' نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشنى نىشان قىلغان مەزكۇر 'تيەنۋاڭ تور بېتىگە ئۇلىنىدىغان بەزى باشقا تور بەتلىرىمۇ بۇنىڭ بىلەن تەڭ چەكلەنگەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، تيەنۋاڭ تور بېتىنىڭ ئۇچۇر ئىسكىلاتى ناھايىتى چوڭ، ئۇچۇر ئىزدەش ياكى تارقىتىش قابىلىيىتى ناھايىتى كۈچلۈك بولغانلىقى ئۈچۈن، ئىنتېرنېت شىركەتلىرى مەزكۇر تور بېتىنى تاقاش جەھەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادىي بېسىمىغا ئۇچرىغان بولۇشى مۇمكىن.
كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى ئوخشىمىغان پىكىرلەرنى باستۇرۇش جەھەتتە يېقىندا ئەڭ قاتتىق باستۇرغىنى 'تيەنۋاڭ تور بېتى'
بۇ قېتىم مەڭگۈلۈك تاقىۋېتىلگەن 'تيەنۋاڭ تور بېتى' نىڭ ساھىبى خۇئاڭچى ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى 4 - ئىيۇن ۋەقەلىرىنى ئاشكارىلايدىغان 'تيەنۋاڭ" تور بېتىنى باستۇرۇشنى 2000 - يىلى باشلىغان ئىدى. ئەمدى يېقىندا، كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى ئوخشىمىغان پىكىرلەرنى باستۇرۇش جەھەتتە ئەڭ قاتتىق باستۇرغىنى يەنىلا 'تيەنۋاڭ تور بېتى' بولۇپ قالدى.
ئامېرىكىنىڭ 2002 - يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىدا 'خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقنىڭ دىنىي ئېتىقات ئەركىنلىكى، ئاز سانلىق مىللەتلەر سىياسىتى، سىياسىي مەھبۇسلار سىياسىتى ۋە ئىنتېرنېت ئۇچۇرلىرى قانۇنى جەھەتلەردە كىشىلىك ھوقۇقنى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلدى' دەپ بايان قىلىنغان ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا شۇ دوكلاتتا مەشۇر ئۇيغۇر كارخانىچى رابىيە قادىر بىلەن تيەنۋاڭ تور بېتىنىڭ ساھىبى خۇئاڭ چى ئەپەندىنىڭ بەتنام بىلەن جازاللانغانلىقى تىپىك مىسال قىلىپ تىلغا ئېلىنغان ئىدى.
بۇ قېتىم خىتاي ھۆكۈمىتى مەڭگۈلۈك تاقىۋەتكەنلىكىنى ئېلان قىلغان 'تيەنۋاڭ تور بېتى' نىڭ ساھىبى خۇئاڭچى ئەپەندى ھەققىدىكى ئۇچۇر ئارخىپلىرىغا ئاساسلانغاندا، خۇئاڭ چى ئەپەندى 1998 - يىلى تيەنۋاڭ ناملىق ئادەم ئىزدەش تور پونكىتى قۇرغان، بىر يىلدىن كېيىن 1989 - يىلىدىكى 4 - ئىيۇن ۋەقەسىنى ئاشكارىلايدىغان تيەنۋاڭ تور پونكىتى قۇرۇپ، خەلق ئىچىدىكى 4 - ئىيۇن ۋەقەسى توغرىسىدىكى ئىنكاسلار ۋە تەلەپ ۋە قارشىلىق ھەرىكەتلەر، بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ قانداق نەتىجىگە ئېرىشكەنلىكى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلىشقا باشلىغان. 2000 - يىلى 6 - ئايدا كوممۇنىست ساقچىلىرى خۇئاڭچى ئەپەندىنى سىچۇئەندە قولغا ئېلىپ، نەق جىنايەت پاكىتلىرى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا 5 يىللىق قاما جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. خۇئاڭ چى ئەپەندى قاماق مۇددىتى توشۇپ 2005 - يىلى تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن، 'تيەنۋاڭ كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى' قۇرغان. 2007 - يىلى 6 - ئايدا، خۇئاڭ چى ئەپەندى ئامېرىكىدا 'تيەنۋاڭ كىشىلىك ھوقۇق مەركىزى' دېگەن بىر تەشكىلاتنى قانۇن بويىچە تىزىمغا ئالدۇرغان.
خۇئاڭ چى: خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنتېرنېت مۇھاسىرىسىنى بۇزۇپ تاشلاشقا بىزنىڭ قابىلىيىتىمىز تامامەن يېتىدۇ
--- تيەنۋاڭ تو بېتىنىڭ مەڭگۈلۈك تاقالغانلىقى ھازىر بىزگە مەلۇم بولدى، دەيدۇ خۇئاڭچى ئەپەندى،--- خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنتېرنېت مۇھاسىرىسىنى بۇزۇپ تاشلاشقا بىزنىڭ قابىلىيىتىمىز تامامەن يېتىدۇ. ئۇ تەرەپ قاراڭغۇ بولسا، دۇنيانىڭ يەنە بىر تەرىپىدە يورۇقلۇق بار. بىز بىر نەچچە كۈن ئىچىدىلا بۇنداق تور بېتىدىن يەنە بىرنى ۋۇجۇتقا چىقىرالايمىز. ئەمما ھازىرقى دەۋر قانۇن دەۋرى، قانۇنلۇق دەۋا قىلىش ئۈچۈن قولدا نەق پاكىت بولۇشى كېرەك. گەرچە بۇ تور بېتىنىڭ كوممۇنىست پارتىيە تەرىپىدىن باستۇرۇلغانلىقى شەك-شۈبھىسىز بولسىمۇ، ئەمما قانداق باستۇرغانلىقنىڭ نەق پاكىتلىرىنى سوتتا كۆرسىتىش كېرەك. --- خۇئاڭ چى ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار ھازىر پاكىتلارنى ئېنىقلاۋاتىدۇ.
كوممۇنىست ھۆكۈمىتى خەلقنىڭ پۇلىنى خەلقنى باستۇرۇش ئۈچۈن ئايىماي سەرپ قىلىدۇ
كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ليۇنيەنچۈننىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ 17 - قۇرۇلتىيى ئېچىلىشقا ئاز قالدى، ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىدىغان ۋاقتىمۇ يېقىنلاۋاتىدۇ، كوممۇنىسىت خىتاي ھۆكۈمىتى ھەر يىلى ئۆكتەبىر ئېيىدىن بۇرۇن بىر قېتىم چوڭ باستۇرىدىغان مەۋسۈممۇ كېلىۋاتىدۇ. ھازىر 'تيەنۋاڭ تور بېتى' نىڭ باستۇرۇلغانلىقى بۇنداق بىر چوڭ باستۇرۇشنىڭ ئالدىنقى شەپىسى.
خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر، ھېچ بولمىغاندا 'تيەنۋاڭ تور بېتى' دەك كىشىلىك ھوقۇق ئاۋازلىرىنى ئەڭ ئاجىز ھالەتكە چۈشۈرۈشنىڭ چارىسىنى قىلىۋاتىدۇ. كوممۇنىست ھۆكۈمىتى خەلقنىڭ پۇلىنى خەلقنى باستۇرۇش ئۈچۈن ئايىماي سەرپ قىلىدۇ. ئوخشىمىغان پىكىردىكى كىشىلەرنى ھېچنېمە قىلالمىسا، ساقچى قويۇپ قانۇنسىز نەزەربەند ئاستىغا ئالىدۇ، ھۆكۈمەت بۇنداق ئۇلارنى پۇلغا سېتىۋېلىپ، تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈپ چىقالايدۇ.
ئۇيغۇرچە تور بەتلىرىدىمۇ ھۆكۈمەت ھازىر ئوخشىمىغان پىكىرلەرنى قوپاللىق بىلەن چەكلەيدۇ
ھازىر ئۇيغۇرچە تور بەتلىرىگە قارايدىغان بولساقمۇ، ئۇنىڭدا ئوخشىمىغان كۆز قاراشلارنى قوپاللىق بىلەن چەكلەيدىغان ھادىسىلەر كۆپ. ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە 'بۇ تور بېتىگە كىرىشكە رۇخسەت قىلىنمىدى'، 'بۇ ماقالىنى چاپلاش مەنئى قىلىندى' دېگەندەك ئوخشىمىغان پىكىرلەرنى ئۇچۇق-ئاشكارا چەكلەيدىغان ئەخلاقسىزلىق -قانۇنسىزلىق ھادىسىلىرى كۆپ ئۇچرايدۇ.
ھەتتا تورغا كىرىدىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى كىملىكى تەكشۈرۈپ، ساقچىلار تەرىپىدىن تىزىمغا ئېلىنىدۇ. شۇنداقلا ھازىر كۆپىنچە ئادەمنىڭ چەتئەلدىكى تۇغقانلىرى بىلەن خەت ياكى تېلېفون ئالاقىسى ئۈزۈپ تاشلىنىۋاتىدۇ.(ۋەلى)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خۇ جىنتاۋنىڭ قىرغىزىستان زىيارىتى نېمىنى كۆزلىگەن؟
- رۇسىيىنىڭ مەخپىي ئارخىپلىرى داۋاملىق ئاشكارىلانماقتا
- خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ شۋېتسىيە زىيارىتىنىڭ ئالدى - كەينىدە
- ئابلىز نۇرەكنىڭ ھەقىقىي ھېكايىسى
- 'بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم' ھەققىدە قوزغالغان بەس-مۇنازىرە
- جۇمھۇرىيەتچى پارتىيە پرېزىدېنت نامزاتلىرىنىڭ خىتاي ھەققىدىكى قاراشلىرى
- خىتاي كومپارتىيىسى سىياسى ئىدىيىۋى تەربىيىنى تېخىمۇ كۈچەيتمەكتە