" خۇ جىنتاۋ كومپارتىيە 17 ‏- قۇرۇلتىيىدا جياڭ زېمىننىڭ تەسىرىنى تازىلاشنى مەقسەت قىلىدۇ "

0:00 / 0:00
BUSH-XU-200.jpg
بۇش، 2007 - يىلى 8 - ئىيۇندىكى G 8 دۆلەتلىرى باشلىقلىرى يىغىنىدا، خۇ جىنتائو بىلەن. AFP PHOTO

ھەر بەش يىلدا بىر نۆۋەت ئېچىلىدىغان خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 17 - قۇرۇلتىيى، بۇ يىل 15 - ئۆكتەبىر بېيجىڭدا ئېچىلىدىغان بولۇپ، بۇ يىغىندا خىتاينىڭ كەلگۈسى بەش يىللىق سىياسىي ۋە ئىقتىسادى پىلانى بېكىتىلىدۇ.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ، بېيجىڭ تېخنولوگىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى خىتاي سىياسى تەتقىقاتچى خۇ شىڭدۇنىڭ ئېيتقانلىرىنى نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، خۇ، ھازىر پۈتۈن دۇنيا خىتايغا دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە "خىتاي كومپارتىيىسى زىددىيەتلەر بىلەن تولغان جەمئىيەتنى ئىناق جەمئىيەتكە ئۆزگەرتىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان پەيتتە ئېلىپ بېرىلىدىغان، پارتىيە 17 ‏- قۇرۇلتىيى خىتاي ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا بەك مۇھىم ئىش" دېدى.

خىتاي كومپارتىيىسى 1921- يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ھازىرغا قەدەر 73 مىليون ئەزا تەرەققي قىلدۇرغان ، بۇ نۆۋەتلىك يىغىنغا 2217 نەپەر ۋەكىل قاتنىشىدۇ.

شېن شۆ :"بۇ يىغىننىڭ كېچىكتۈرۈلۈشى پارتىيىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ھوقۇق تەڭپۇڭسىزلىقىدىن كېلىپ چىققان"

سەيشەنبە كۈنى شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خۇ جىنتاۋنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئېچىلغان بىر نۆۋەتلىك سىياسىي يىغىندا خىتاي كومپارتىيىسى پارتىيە 17- قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىش ۋاقتى بۇ يىل 10- ئاينىڭ 15- كۈنىگە بىكىتىلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

ئەسلى بۇ يىغىن 9 ‏- ئايلاردا ئېچىلاتتى. ھازىر كانادادا خىزمەت قىلىۋاتقان سىياسىي تەھلىلچى شېن شۆنىڭ قارىشىچە، بۇ يىغىننىڭ كېچىكتۈرۈلۈپ 10 -ئايغا بېكىتىلىشى يەنىلا پارتىيىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ھوقۇق تەڭپۇڭسىزلىقىدىن كېلىپ چىققان ئىكەن.

شېن شۆ مۇنداق دېدى: "ئەمەلىيەتتە، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ بۇ خىلدىكى يىغىنى كۆپىنچە ھاللاردا، ئۆزىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ھوقۇق تەڭشەش ئېلىپ بېرىشنى مەقسەت قىلىدۇ . بىز بۇ يىغىننىڭ 9 - ئايلاردا ئېچىلىدىغانلىقىنى بىلەتتۇق، ئەمما كېچىكتۈرۈلۈپ ئەمدى 10- ئاينىڭ 15 - كۈنى ئېچىلىدىغانلىقى ئېلان قىلىندى. ئىشىنىمەنكى، مۇشۇ جەرياندا ئۇلارنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ھوقۇق تەڭپۇڭلاشمىغان ھەمدە ئىچكى قىسىمدىكى كۈرەش كەسكىن بولۇپ كەتكەنلىكى سەۋەبلىك، ئۇلار يىغىننىڭ كېچىكتۈرۈلۈشى بىلەن ئىچكى قىسىمدا بەزىبىر تەرەپلەردە ھوقۇق تەڭشەش ئېلىپ بارغان."

شېن شۆ سۆزىدە يەنە، بۇرۇنقى رەھبەرلەر سىياسىي مەنپەئەت تالىشىپ كۈرەش قىلغان بولسا ، ھازىرقى رەھبەرلەرنىڭ ئىقتىسادى مەنپەئەت كۆزلەيدىغانلىقىنى ، شۇڭا ھازىر خىتايدا نۇرغۇن خىيانەتچى ئەمەلدارنىڭ بارلىقىنى، مۇشۇنداق شارائىتتا ھەتتا ھاكىمىيەتنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكى رەھبەرلەرنىڭ پەرزەنتلىرىمۇ مۇشۇ مەنپەئەت تالىشىش چەمبىرىكىگە كىرگەنلىكىنى كۆرسەتتى ۋە " چوڭ جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا بۇ تەرەپتىكى تەڭشەش مەنپەئەت تالىشىش كۈرىشىگە بېرىپ تاقىلىدۇ" دېدى.

تەھلىلچىلەر، پارتىيە 17 - قۇرۇلتىيى ئارقىلىق خۇ جىنتاۋ ئۆز ئورنىنى مۇستەھكەملەشنى مەقسەت قىلغان

ھازىر ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان، شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق ئوقۇتقۇچىسى، سىياسى كۆزەتچى ئىلشات ئەپەندى خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەنئەنىسى بۇيىچە ئېلىپ ئېيتقاندا، ئەمەلىيەتتە بىر خىتاي كوممۇنىست ھوقۇق سەھنىسىگە چىققاندا ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ھوقۇقتا تۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى، گەرچە پېنسىيىگە چىققان تەقدىردىمۇ ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا پەردە ئارقىسدا تۇرۇپ يېتەكچىلىك قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى خۇ جىنتاۋنىڭ سابىق دۆلەت رەئىسى جياڭ زېمىننىڭ تەسىرىنى تازىلاشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.

جەنۇبى خىتاي سەھەر گېزىتىدە كۆرسىتىلىشىچە، 17 - قۇرۇلتاي پارتىيە ۋە مەركىزى ھەربىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى خۇ جىنتاۋ، باش مىنىستىر ۋېن جياباۋ، مۇئاۋىن مىنىستىر زېڭ چىڭخۇڭنىڭ يادرولۇقىدىكى رەھبەرلىكنى قوللاشنى تەشەببۇس قىلىدىكەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ نۆۋەتلىك يىغىندىن كىيىن خىتاي كومپارتىيىسى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ باش سېكرېتارى ۋۇ گۇەنجېڭ، سىياسىي بيۇرو ئەزاسى لوگەن قاتارلىقلار سىياسىي بيۇروغا كىرگۈزۈلمەسلىكى مۇمكىن ئىكەن.

بۇ جەھەتتە سىياسىي كۆزەتچى ئىلشات ئەپەندىمۇ يۇقىرىغا ئوخشاش قاراشنى ئوتتۇرىغا قويدى. تەھلىلچىلەر، بۇ نۆۋەتلىك پارتىيە 17 - قۇرۇلتىيىدىن كىيىن خۇ جىنتاۋ ئۆز قوللىغۇچىلىرىنى يۇقىرى ئورۇنلارغا قويۇش ئارقىلىق ئۆز ھوقۇقىنى مۇستەھكەملەپ يەنە كەلگۈسى بەش يىل ھوقۇق ئىگىلەپ تۇرۇشىنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.

خىتاي كومپارتىيىسى سىياسىي بيۇروسىدا 9 دائىمىي ئەزا بار بولۇپ ، بۇلارنىڭ ئارىسىدىكى مۇئاۋىن مىنىستىر خۇاڭ جۇ بۇ يىل 6- ئايدا راك كېسەل بىلەن ئالەمدىن ئۆتكەندىن كىيىن 8 ئورۇن قالغان . مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي كومپارتىيىسى مۇشۇ نۆۋەتلىك يىغىندا سىياسىي بيۇرونىڭ ئەزالىرىدىن بىر نەچچىنى ئالماشتۇرىدىكەن. (جۈمە)