خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ 17 - قۇرۇلتىيىدىن بۇرۇنقى ئالامەتلەر(1)
2007.09.18

خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ چوڭ قۇرۇلتىيى ھەر بەش يىلدا بىر قېتىم ئېچىلىدۇ، ھەر قېتىم ئېچىلىشتىن بۇرۇن، كوممۇنىست پارتىيە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنىدا دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ ئاساسىي ھوقۇقى ھەققىدە بەلگىلەنگەن ماددىلارغا قارىمۇ-قارشى ھالدا سىياسەت بەلگىلەپ، سىياسىي كۆز قارىشى كوممۇنىست پارتىيە بىلەن ئوخشاش بولمىغان دۆلەت پۇقرالىرىنى قاتتىق باستۇرىدۇ. ھازىر خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ 17 - قۇرۇلتىيى ئېچىلىش ئالدىدا تۇرماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قېتىم يەنە سىياسىي كۆز قارىشى كوممۇنىست پارتىيە بىلەن ئوخشاش بولمىغان دۆلەت پۇقرالىرىنى قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتى قوللىنىشقا باشلىدى.
خىتاي كوممۇنىست پارتىيە سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرى جۇ يۇڭكاڭ كوممۇنىست پارتىيىنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى دۈشمەنلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىپ جەمئىيەتنى تىنچلاندۇرۇش پىلانىنى ئېلان قىلدى. جۇ يۇڭكاڭ بۇ ھەقتە قىلغان سۆزىدە بولۇپمۇ شىنجاڭ، تېبەت قاتارلىق جايلاردىكى مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىشنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
ھازىر خەلقئارادىكى ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا ئىنكاس قىلىنىۋاتقان خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ 17 - قۇرۇلتىيىدىن بۇرۇنقى ئالامەتلەر تۆۋەندىكىچە.
1 - خۇجىنتاۋنىڭ قايتىدىن ھوقۇق تەقسىملىشى
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ مۇخبىرلىرى ئېنىقلىغان خەۋەرگە قارىغاندا، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى 4 - ئايدا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقى، دۆلەت يەر-بايلىق مىنىستىرلىقى، سۇ ئىنشائاتى مىنىستىرلىقى قاتارلىق مىنىستىرلىقلارنىڭ مىنىستىرلىرىنى ئالماشتۇرغاندىن كېيىن، 8 - ئاينىڭ 30 - كۈنى يەنە مالىيە مىنىستىرلىقى، كادىرلار مىنىستىرلىقى، بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى، تەپتىش مىنىستىرلىقى، دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى كومىتېتى، دۆلەت باج ئىدارىسى قاتارلىق مۇھىم تارماقلارنىڭ مىنىستىرلىرىنى ئالماشتۇردى.
خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى قاتلامدىكى كادىرلار ئەھۋالىنى بىلىدىغان گاۋ شىن ئەپەندىنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدا ئېلان قىلغان ئوبزورىدا ئېيتىلىشىچە، 17 - قۇرۇلتايدىن بۇرۇنقى ئەمەلدار ئالماشتۇرۇش بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدۇ.
بۇ قېتىم قۇرۇلتايدىن خېلى بۇرۇنلا ئاشكارا ئېلان قىلىپ ئالماشتۇرغان ئەمەلدارلارنىڭ 12 سى 1950 - يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغان ، بەلكى يۇقىرى بىلىم ئۇنۋانى بار كوممۇنىستلار. خۇ جىنتاۋنىڭ بۇ تەدبىرى ئاساسەن 17 - قۇرۇلتايدىكى 'سايلام'دا ئۇقۇشماسلىق يۈز بېرىپ، ئۇلارنىڭ سايلىنالماي قېلىشىدىن ساقلىنىشنى مەقسەت قىلىدۇ.
2 - خىتايدا 12 مىليون دانە قورال جەمئىيەتكە تاراپ كەتكەنلىكى
خوڭكوڭدا چىقىدىغان 'شەپە' ژۇرنىلىنىڭ 6-7 - ئايلىق سانىدا بايان قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى 5 - ئاينىڭ 25 - كۈنى ھەر قايسى ئۆلكە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىملارغا "قانۇنسىز مىلتىق ۋە ئوق-دورىلارنى ئېنىقلاش، يىغىۋېلىش ھەققىدە پىكىر" دېگەن ھۆججەتنى چۈشۈرگەندىن كېيىن، 5 - ئاينىڭ 28 - كۈنى يەنە دۆلەت كابىنېتى ۋە دۆلەت ھەربىي كومىتېتى "شەخسىيلەرنىڭ قولىدا ساقلىنىۋاتقان مىلتىق، ئوق-دورىلارنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش ھەققىدە بەلگىلىمە" دېگەن ئىككى ھۆججەتنى تارقاتقان.
سىياسىي بيۇرونىڭ دائىمىي ئەزاسى لو گەننىڭ ئېيتىشىچە، ھازىر جەمئىيەتكە تارقىلىپ كەتكەن قورال سانى تەخمىنەن 12 مىليون. ئەگەر جەمئىيەتكە تارقىلىپ كەتكەن بۇ قورال ۋە ئوق-دورىلار ھازىرلا بىر تەرەپ قىلىنمىسا، بۇنىڭدىن كېيىن دۆلەتتە تىنچ كۈن بولمايدۇ.
9 - ئاينىڭ 18 - كۈنى خىتاينىڭ 'شىنجاڭ خەۋەر تورى' دا بايان قىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى 9 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، قىزىل قىيا كۆلى شىمالى يول 8 - كوچىدىكى بىر پوجاڭزا ئىسكىلاتىنى مۇھاسىرىگە ئېلىپ، 8791 ساندۇق ساليوت، پوجاڭزا قاتارلىق 8 تۈرلۈك پارتلاتقۇچ ئولجا ئالغان، ئومۇمىي قىممىتى 800 مىڭ يۈەن. ساقچىلار بۇ ئىسكىلاتنىڭ خىزمەتچىلىرىنى تۇتقان. ئىسكىلاتنىڭ ۋېي فامىلىلىك خوجايىنى ھازىر قاچاقتا.
3 - ئىنتېرنېتنى توسۇشقا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىدارى ئاجىز كېلىۋاتقانلىقى
ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ تەشۋىقات مىنىستىرلىقى 7 - ئاي ۋە 8 - ئايلاردىلا ھۆججەت تارقىتىپ، ئادەتتىكى دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ ئىنتېرنېتكە كىرىشىنى ئىمكان قەدەر توسۇش ۋە 17 - قۇرۇلتاينى كۈتىۋېلىش ئۈچۈن، گېزىتلەردە ئېلان قىلىنىدىغان خەۋەرلەر ۋە فوتو سۈرەتلەرنىڭ مەزمۇنى ئوخشاش بولۇشى، يەر-زېمىن ھوقۇقى دەۋاسى ئىنكاس قىلىنماسلىقى لازىم، دەپ تەكىتلىگەن ئىدى.
ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيىدىكى دەيۋىس كومپيۇتېر تەتقىقات ئورنى ۋە يېڭى مېكىسكو تەتقىقات ئورنىنىڭ ئېنىقلىشىچە، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ئىنتېرنېتنى توسۇش ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرغان 'ئوتلۇق تام' دەپ ئاتىلىدىغان ئۇچۇر سۈزگۈچ يۇمشاق دېتاللىرىنىڭ ئۈنۈمى ياخشى بولمايۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇچۇر سۈزگۈچى يۇمشاق دېتاللىرى، گەرچە كوممۇنىست پارتىيە يامان كۆرىدىغان سەزگۈر سۆز-ئىبارىلەرنى سۈزۈپ توسۇش ۋە بۇزۇشقا تىرىشقان بولسىمۇ، ئەمما پۈتۈن دۇنيا بىرلا ۋاقىتتا كىرىدىغان چوڭ ئىنتېرنېت تور بەتلىرىدىكى 'دۈشمەن' لەرنى توسۇشتا ئۇنىڭ ئىقتىدارى ئاجىز كەلمەكتە. (ۋەلى)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئاسىيا -تىنچ ئوكيان ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنى ھەققىدىكى يېڭى ئۇچۇرلار
- بۇش بىلەن خۇ جىنتاۋ سەزگۈر مەسىلىلەردە پىكىر ئالماشتۇردى
- بۇش بىلەن خۇجىنتاۋنىڭ مۇخبىرلارغا بەرگەن ئىزاھاتى نېمە ئۈچۈن ئوخشىمايدۇ؟
- خۇجىنتاۋ ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادى ھەمكارلىق يىغىنىدا بېسىملارغا دۇچ كېلىشى مۈمكىن
- " خۇ جىنتاۋ كومپارتىيە 17 - قۇرۇلتىيىدا جياڭ زېمىننىڭ تەسىرىنى تازىلاشنى مەقسەت قىلىدۇ "
- خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ 17 - قۇرۇلتىيى يېقىنلاشقانسىرى ئوخشىمىغان پىكىرلەرنى باستۇرۇش شۇنچە جىددىي تۈس ئالماقتا
- خۇ جىنتاۋنىڭ قىرغىزىستان زىيارىتى نېمىنى كۆزلىگەن؟
- خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ شۋېتسىيە زىيارىتىنىڭ ئالدى - كەينىدە