خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ 17 ‏- قۇرۇلتېيىدىن بۇرۇنقى ئالامەتلەر(2)


2007.09.20

HuJintao-200.jpg
خۇ جىنتاۋ، ۋېن جياباۋ ۋە زېڭ چىڭخوڭلار 3 - ئاينىڭ 16 - كۈنىدىكى، خىتاي مەملىكەتلىك خەلىق قۇرۇلتىيىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدا. AFP Photo

خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ چوڭ قۇرۇلتېيى ھەر بەش يىلدا بىر قېتىم ئېچىلىدۇ. ھەر قېتىم ئېچىلىشتىن بۇرۇن ، سىياسىي كۆز قارىشى كوممۇنىست پارتىيە بىلەن ئوخشاش بولمىغان دۆلەت پۇقرالىرىنى قاتتىق باستۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ. ئەمدى، كېلەر ئايدا 17 ‏- قۇرۇلتاي ئېچىلىش ئالدىدا تۇرغاندا يەنە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيە سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرى جۇ يۇڭكاڭ كوممۇنىست پارتىيىنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى دۈشمەنلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىپ جەمئىيەتنى تىنچلاندۇرۇش پىلانىنى ئېلان قىلدى.

جۇ يۇڭكاڭ بۇ ھەقتە قىلغان سۆزىدە، بولۇپمۇ شىنجاڭ، تېبەت قاتارلىق جايلاردىكى مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىشنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. مۇلاھىزىلەرگە قارىغاندا ، ھازىر خۇ جىنتاۋ بىر مۇنچە قېيىن مەسىلىگە دۇچ كەلگەن.

4 ‏- خۇ جىنتاۋنىڭ 'ئىز باسار بەلگىلەش' جەھەتتە قېيىن مەسىلىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقى

'يېڭى ئەسر ژۇرنىلى'دا ئېلان قىلىنغان "ئون يەتتىنچى قۇرۇلتاي ۋە ئىز باسارنى قانۇنلاشتۇرۇش كرىزىسى" دېگەن ئوبزوردا بايان قىلىنىشىچە، خۇ جىنتاۋ ھازىر 'ئىز باسار بەلگىلەش' جەھەتتە قېيىن مەسىلىگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ. كوممۇنىست پارتىيىنىڭ نىزامنامىسىدا، گەرچە پارتىيە قۇرۇلتېيى پارتىيىنىڭ ئەڭ ئالىي ھوقۇقلۇق ئورگىنى دەپ بەلگىلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما ئەمەلىيەتتە پارتىيە قۇرۇلتىيىدا پەقەت ئالدىن تەييارلانغان سېھىرلىك 'ئويۇنلار' سەھنىدە ئوينىلىپ داغدۇغا قىلىنىدۇ. 'ۋەكىل' لەرنىڭ ئالدىن يادلىۋالغان تېكىستلەرنى ئوقۇپ بىلدۈرگەن خوشامەتلىرى تېلېۋىزوردا كۆرۈنگەندە، خەلق ئۇلارغا لەنەت ئوقۇيدۇ. بۇنداق قۇرۇلتايدا ئاساسەن، ئەڭ نوپۇزلۇق كىشىلەر ۋە 5 يىلدىن كېيىن سىياسىي سەھنىگە چىقىدىغان 'ئىزباسارلار' ئۆزىنى كۆرسىتىدۇ.

مەزكۇر ئوبزوردا بايان قىلىنىشىچە، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇشتىن بۇرۇن، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىىسنىڭ باشلىقلىرىنى سوۋېت ئىتتىپاقى موسكۋادىن بەلگىلەيتتى. كېيىن ماۋزېدۇڭ ئۆزى بەلگىلەيدىغان بولدى. ئۇ ئىككىنى بەلگىلەپ، ھەر ئىككىلىسىنى ئۆزى يوقاتتى. ئۇنىڭدىن كېيىن دېڭ شاۋپىڭمۇ ئۆزىنىڭ ئىككى ئىز باسارىنى يوقىتىپ، جاڭ زېمىننى بەلگىلىدى. ئەمما جاڭ زېمىن ئۆزىنىڭ ئىز باسارىنى بەلگىلىيەلمىدى، چۈنكى دېڭشاۋپىڭ ئۇنىڭ ئىز باسارى خۇ جىنتاۋ بولىدىغانلىقىنى ئالدىن بەلگىلەپ قويغان ئىدى.

مۇستەبىتلەرنىڭ 'قۇرۇلتاي' ، 'سايلام' دېگەن شەكىللەردىن پايدىلىنىش نەيرەڭلىرىگە ۋارىسلىق قىلغان خۇ جىنتاۋ، 17 ‏- قۇرۇلتاي ئېچىلىشتىن بۇرۇن ئېلان قىلىنغان 2217 نەپەر قۇرۇلتاي ۋەكىلىنىڭ ئىچىگە، سىياسىي بيۇرونىڭ ھازىرقى 8 نەپەر دائىمىي ئەزاسىدىن باشقا ، دۆلەت كابىنىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى زېڭ سەننىڭ ئوغلى زېڭ چىڭخۇڭ، ھەربى قوماندان يېتىشتۈرۈش ئىنستىتۇتىدىكى گېنېرال ۋۇنىڭ ئوغلى ۋۇ باڭگو، يېزا ئىگىلىك مىىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ليۇ رۇيلۇڭنىڭ قىزى ليۇ يەندۇڭ، سابىق مۇئاۋىن باش مىنىستىر بو يىبونىڭ ئوغلى بو شىلەي، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ پارتىيە گۇرۇپپا باشلىقى خۇاڭ جېننىڭ كۆيئوغلى دەي بىڭگو، خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى تيەن يىڭنىڭ ئوغلى تيەن چېڭپىڭ، سابىق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شى جۇڭشۈننىڭ ئوغلى شى جىنپىڭ، ماشىنىسازلىق مىنىسىتىرلىقىنىڭ مىنىستىرى جۇ جەننەننىڭ ئوغلى جۇ شاۋچۇەن ... قاتارلىق پەقەت قانداشلىق مۇناسىۋىتىگە تايىنىپلا دۆلەتنىڭ بايلىقلىرىنى تەخسىىملىۋالغان كىشىلەرنىمۇ كىرگۈزگەن. خۇ جىنتاۋ ھەتتا دېڭ شاۋپىڭنىڭ ئوغلى دېڭ بۇفاڭ، قىزى دېڭ نەن، ليۇ شاۋچىنىڭ ئوغلى ليۇ يۇەن، چېن يىنىڭ ئوغلى چېن خاۋسۇ، خۇ ياۋباڭنىڭ ئوغلى خۇ دېپىڭ قاتارلىقلارنىمۇ بۇ ئىسىملىككە كىرگۈزۈشنى ئۇنتۇپ قالمىغان. خۇ جىنتاۋ بۇ ئارقىلىق سابىق كوممۇنىست ئەمەلدارلىرىنىڭ 'قانداشلىق تورى' نى شەكىللەندۈرگەن.

مەزكۇر ئوبزوردا بايان قىلىنىشىچە، گەرچە خۇ جىنتاۋ 'قۇرۇلتاي' ، 'سايلام' دېگەن شەكىللەردىن پايدىلىنىشقا ھەر قانچە كۆپ تىرىشىپ باققان بولسىمۇ، ئەمما خۇ جىنتاۋنىڭ كىشىنى قايىل قىلالىغۇدەك چوڭ نەتىجىسى ياكى نوپۇزى بولمىغانلىقتىن، ئۇنىڭ ھازىر ئىز باسار بەلگىلەشكە ئىقتىدارى يەتمەيۋاتىدۇ. قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى ئىسىملىكىدە جاڭ زېمىننىڭ نامى بولمىغانلىقىمۇ ئىز باسار بەلگىلەش جەھەتتىكى ئىچكى ئۇرۇشنىڭ ئىنكاسى.

5 ‏- مىڭدىن ئارتۇق داڭلىق زىيالىيلار، ئادۋوكاتلار ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ ئەركىنلىك تەلەپ قىلغانلىقى

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ 17 ‏- قۇرۇلتېيى ئېچىلىشتىن بۇرۇنقى بۇنداق ۋەزىيەتتە، 8 ‏- ئاينىڭ ئاخىرىدا، خىتايدا مىڭدىن ئارتۇق داڭلىق زىيالىيلار، ئادۋوكاتلار ئىمزا قويۇپ ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، كوممۇنىست پارتىيىدىن ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى ۋەدىلىرىگە ئەمەل قىلىپ، ئولىمپىك مۇسابىقسىدىن بۇرۇن ئەركىنلىكنى يولغا قويۇشنى، كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشنى، كىشىلەرنىڭ پىكىر ‏- بايان ئەركىنلىكىنى، ئىنتېرنېت ئەركىنلىكىنى يولغا قويۇشنى، قىسقىسى 'ئېغىز خاتالىقى' دېگەن جىنايەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشىنى تەلەپ قىلدى.

بۇ ھازىر كوممۇنىست پارتىيە بىلەن خەلق ئوتتۇرىسىدىكى جىددىي قارىمۇ-قارشىلىقنىڭ ئىپادىسى.

6 ‏- خىتايدا مىللەتچىلىكنىڭ ئەۋج ئېلىۋاتقانلىغى

كۆزىتىش ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان 'خىتايدا ئەۋج ئېلىۋاتقان مىللەتچىلىك تەتۈر ئېقىمى' دېگەن ئوبزوردا بايان قىلىنىشىچە، چوڭ قۇرۇقلۇقتا ھازىر خىتاي مىللەتچىلىكى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلمەكتە. خىتايدا ھازىر ئەۋج ئېلىۋاتقان خىتاي مىللەتچىلىكىنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى 'ئۆزى بىلەن ئوخشىمىغان مىللەتلەرنى خىتايلاشتۇرۇش' ئارقىلىق ئىنسىانىيەت دۇنياسىدىكى ئىلغار مەدەنىيەتلەرنى چەتكە قېقىشقا ئۇرۇنۇشتىن ئىبارەت.

خوڭكوڭدا ئېلان قىلىنىۋاتقان مۇلاھىزىلەرگە قارىغاندا، ھازىرقى خىتاي مىللەتچىلىك ئەسەبىيلىكى ، بىرىنچىدىن، سىياسىي بىلەن دىننى بىرلەشتۈرگەن ' كۇڭزىچىلىق سوتسىيالىزمى' قۇرۇپ، بۇ ئارقىلىق ئىنسانىيەتتىكى باشقا ئىلغار مەدەنىيەتلەرنى چەتكە قېقىش؛ ئىككىنچىدىن، ئىقتىسادىي پائالىيەتلەرنى سىياسىيلاشتۇرۇش ئارقىلىق دۆلەت بايلىقىنى ۋە چەتئەللەر بىلەن شىرىكلىشىپ تەرەققى قىلدۇرۇلغان ئىگىلىكنى ئۆزىنىڭ خۇسۇسىي مۈلكىگە ئايلاندۇرۇۋېلىش؛ ئۈچىنچىدىن، ئۇرۇش ۋەھىمىسى پەيدا قىلىش ئارقىلىق كوممۇنىست پارتىيىنىڭ ھەربىي كۈچىنى ئاشۇرۇش؛ تۆتىنچىدىن مائارىپ ساھەسىدە بالىلارغا خىتاي مىللەتچىلىكىنى سىڭدۈرۈش، باشقا مىللەتلەرنىڭ تىل -يېزىق ۋە مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىنى ۋەيران قىلىش؛ بەشىنچىدىن، خىتاي مىللىتىنىڭ مىللەت گەۋدىسىنى تەكىتلەش ئارقىلىق باشقا مىللەتلەرنى ئاسسىمىلاتسىيە قىلىشنى تېزلىتىش؛ ئالتىنچىدىن، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدە تېررورچىلىق تۇيغۇسىنى پەيدا قىلىپ، دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ ئەركىنلىك روھىنى چەكلەش، ئەسەبىي سولچىلارغا تايىنىپ پۇقرالارغا خالىغانچە قالپاق كىيگۈزۈش، بەدنام توقۇپ زەربە بېرىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ھازىر خىتايدا ئەۋج ئېلىۋاتقان بۇنداق خىتاي مىللەتچىلىكىنىڭ مەزمۇنلىرى كوممۇنىست ھۆكۈمىتى تارقاتقان ھۆججەتلەردە ئىپادىلىنىدۇ. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.