خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ 17 ‏- قۇرۇلتېيىدىن بۇرۇنقى ئالامەتلەر (3)


2007.09.21

HuJintao-200.jpg
خۇ جىنتاۋ، ۋېن جياباۋ ۋە زېڭ چىڭخوڭلار 3 - ئاينىڭ 16 - كۈنىدىكى، خىتاي مەملىكەتلىك خەلىق قۇرۇلتىيىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدا. AFP Photo

خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ چوڭ قۇرۇلتېيى ھەر بەش يىلدا بىر قېتىم ئېچىلىدۇ، ھەر قېتىم ئېچىلىشتىن بۇرۇن، سىياسىي كۆز قارىشى كوممۇنىست پارتىيە بىلەن ئوخشاش بولمىغان دۆلەت پۇقرالىرىنى قاتتىق باستۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ. كېلەر ئايدا خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ 17 ‏- قۇرۇلتېيى ئېچىلىش ئالدىدا يەنە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيە سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرى جۇ يۇڭكاڭ كوممۇنىست پارتىيىنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى دۈشمەنلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىپ جەمئىيەتنى تىنچلاندۇرۇش پىلانىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

جۇ يۇڭكاڭ بۇ ھەقتە قىلغان سۆزىدە، بولۇپمۇ شىنجاڭ، تېبەت قاتارلىق جايلاردىكى مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىشنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن ئىدى. ھازىر خىتايدا سىياسىي كۆز قارىشى كوممۇنىست پارتىيە بىلەن ئوخشاش بولمىغان دۆلەت پۇقرالىرىنى قاتتىق باستۇرۇش ھەرىكىتى داۋاملىشىۋاتىدۇ. ئەمما خۇ جىنتاۋ بىر مۇنچە قېيىن مەسىلىگە دۇچ كەلمەكتە. بۇنىڭ ئالامەتلىرى تۆۋەندىكىچە:

7‏- خۇ جىنتاۋنىڭ 'شاڭخەي گۇرۇھى'غا قوزغىغان ھۇجۇمى

ئامېرىكىدا خىتايچە چىقىدىغان Tycool ناملىق ئېلېكترونلۇق گېزىتتە بايان قىلىنىشىچە، 1989 ‏- يىلى بېيجىڭدا يۈز بەرگەن تيەنئەنمېن ۋەقەسىدىن كېيىن ھوقۇق تۇتقان جاڭ زېمىننىڭ، ياڭ فامىلىلىك گېنېراللارنى ۋە بېيجىڭ شەھىرىنىڭ باشلىقى چېن شىتوڭنى ئورنىدىن يۆتكىۋىتىپ، ئۆزىنىڭ ھوقۇقىنى مۇستەھكەملىشى ئۈچۈن ئالاھىدە خىزمەت كۆرسەتكەن زېڭ چىڭخۇڭ مۇئاۋىن دۆلەت رەئىسىلىككە ئېرىشكەن ئىدى. خۇ جىنتاۋ بۇ قېتىم ئاللىقاچان ئۆلگەن چوڭ ئەمەلدارلارنىڭ بالىلىرى تامامەن ئورۇن ئالغان كوممۇنىست پارتىيىنىڭ 'قانداشلىق تورى' نى شەكىللەندۈردى. خۇ جىنتاۋنىڭ 17 ‏- قۇرۇلتايدا ھوقۇق تەقسىماتىغا ئىگە بولىدىغانلار ئۈچۈن بەلگىلىگەن ياش چەكلىمىسى ۋە خىيانەتچى ئەمەسلىكى دېگەن شەرتى 68 ياشلىق زېڭ چىڭخۇڭنى ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىشكە قىستاشقا، جاڭ زېمىننىڭ شاڭخەي گۇرۇھىغا ھۇجۇم قوزغىشى ئۈچۈن يول ئاچتى.

'ئاسىيا ھەپتىلىك گېزىتى'دە بايان قىلىنىشىچە، مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شاڭخەيدە تەكشۈرۈۋاتقان دېلولىرى ھازىرغىچە جىددىي داۋام قىلىۋاتىدۇ. ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ھازىر يېقىندا ئۆلۈپ كەتكەن سىياسىي بيۇرونىڭ دائىمىي ئەزاسى خۇاڭجۈنىڭ ئائىلە -تەۋەلىرىنىڭمۇ چەتئەلگە بېرىشىنى چەكلىگەن. خوڭكوڭدا چىقىدىغان 'شەپە' ژۇرنىلىدا بايان قىلىنىشىچىمۇ، جاڭ زېمىننىڭ خوتۇنىنىڭ جىيەنى، شاڭخەي جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋۇ جژمىڭمۇ ئاللىقاچان خىيانەتچىلىك دېلوسى دائىرىسىدە تەكشۈرۈلمەكتە. مۇلاھىزىچىلەرنىڭ ئاساسەن بىرلىككە كەلگەن كۆز قارشى بۇيىچە ئېيتقاندا، بۇ خۇ جىنتاۋ بىلەن بۇنىڭدىن بىرنەچچە يىل بۇرۇن خىتاينىڭ 3 ‏- ئەۋلاد رەھبەرلىك يادروسى بولغان، ھازىرغىچە تېخى ھايات تۇرۇۋاتقان جاڭ زېمىن يەنى شاڭخەي گۇرۇھى ئوتتۇرىسىدىكى جىددىي ئىچكى ئۇرۇشنىڭ ئىنكاسى. بەزى مۇلاھىزىچىلەرنىڭ پەرەز قىلىشىچە، شىنجاڭدىكى ۋاڭ لېچۇەننىڭ ئورنىمۇ بۇ ئىچكى ئۇرۇشنىڭ تەرەققىياتىغا باغلىق.

8‏- كوممۇنىست پارتىيە بىلەن دېھقانلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، 17 ‏- قۇرۇلتاي ئېچىلىشتىن بۇرۇن، كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ستاتىستىكا ئىدارىسى، گەرچە خىتاينىڭ ئىقتىسادىي كۈچى ھازىر دۇنيا بۇيىچە 4 ‏- ئورۇندا تۇرىدىغان دۆلەتكە ئايلاندى، دۆلەت بۇيىچە ئادەم بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىم مىقدارى ئېشىپ بىر قاتلاندى، خەلق ھازىر پۇلنى ساناپ ئەمەس، بەلكى تۇتاملاپ خەجلەيدىغان بولدى، دەپ ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما يېقىندا ئېلىپ بېرىلغان راي سىناشتا مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدا بالىلارنى ئوقۇتۇش، كېسەل كۆرۈنۈش ۋە تورالغۇ مەسىلىسى خەلقنىڭ بېشىدىكى 'ئۈچ چوڭ تاغ' بولۇپ قالدى دەپ قارىغۇچىلارنىڭ نېسبىتى %76 گە يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە دېھقانلارنىڭ ئىنكاسى ئەڭ كۈچلۈك.

ب ب س نىڭ ئەركىن مۇنازىرە بېتىگە يېزىلغان ئوبزورلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر خىتايدا ئەمەلدارلارنىڭ يەر-زېمىن ۋە بايلىقلارنى ھەقسىز ئىشلىتىشى بىلەن ئەمگەك كۈچلىرىدىن ئەرزان پايدىلىنىشى ‏، جۇڭگو ئىقتىسادىنى تېز ئاشۇرۇشنىڭ بىرىدىن - بىر ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى بولۇپ قالغان.

تەيۋەندىن يوللانغان ئوبزوردا مۇنداق دەپ يېزىلىدۇ: چوڭ قۇرۇقلۇقتا كوممۇنىست پارتىيە ئۆزىنىڭ 17 ‏- قۇرۇلتېيىدىن بۇرۇن، سىياسىي كۆز قارىشى ئوخشىمىغانلىكى ئادەمنى باستۇرىۋاتىدۇ. ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن خەلقنىڭ يەر -زېمىنىنى بۇلاۋاتىدۇ. خىيانەتچىلىككە قارشى تۇرۇش دېگەن ھەرىكەتتىمۇ 'ئوغرىنى قاراقچى بۇلاش' ئويۇنىنى ئاشكارا ئويناۋاتىدۇ. پارتىيىگە دەرت ئېيتقىلى كەلگەن خەلىقنىمۇ قوغلاۋاتىدۇ. ھازىر خىتايدا خەلقنىڭ ھەممە نەرسىسى كوممۇنىستلارنىڭ قولىدا. 1 مىليارد 300 مىليون ئادەمنىڭ جېنىمۇ مۇشۇ بىر پارتىيىنىڭ قولىدا. ئەمدى بۇ 'جۇڭگوچە سوتسىيالىزم' گۇمران بولسا، خەلق قايتىدىن يەر ئىسلاھاتى ئېلىپ بارىدۇ.

ئەنگىلىيىدىن يوللانغان بىر ئوبزوردا مۇنداق دەپ يېزىلىدۇ: خىتايدىكى ئۇقۇم بۇيىچە ئېيتقاندا، خىتايدا يەر-زېمىن دۆلەتنىڭ، دۆلەت خەلقنىڭ، خەلق كوممۇنىست پارتىيىنىڭ قۇماندىسىغا بوي سۇنىدۇ، كوممۇنىست پارتىيە پۇلنىڭ قۇماندىسىغا بوي سۇنىدۇ، پۇل ھوقۇقتىن كېلىدۇ، ھوقۇق كوممۇنىست پارتىيىنىڭ قولىدا. خەلق قۇل، ئۇنىڭدىن كەلگەن قالدۇق قىممەتتىن كوممۇنىستلار ھۇزۇرلىنىدۇ. يەر-زېمىن تەلەپ قىلغان خەلق سىم توساققا كىرىپ قالىدۇ.

جياڭسۇدىن يوللانغان بىر قىسقا ئوبزوردا پەقەت "ئەمدى كوممۇنىست پارتىيىنى ئاغدۇرۇشتىن ئۆزگە يول قالمىدى' دەپ يېزىلغان. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.