خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ 17 ‏- قۇرۇلتېيىدىن بۇرۇنقى ئالامەتلەر(4)


2007-09-24
Share

خۇ جىنتاۋ، ۋېن جياباۋ ۋە زېڭ چىڭخوڭلار 3 - ئاينىڭ 16 - كۈنىدىكى، خىتاي مەملىكەتلىك خەلىق قۇرۇلتىيىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدا. AFP Photo

خىتايدا، كوممۇنىست پارتىيىنىڭ 17 ‏- قۇرۇلتېيى ئېچىلىشتىن بۇرۇن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سىياسىي كۆز قارىشى كوممۇنىست پارتىيە بىلەن ئوخشاش بولمىغان دۆلەت پۇقرالىرىنى قاتتىق باستۇرۇش ھەرىكىتى جەريانىدا، پىشقەدەم كوممۇنىستلاردىن 170 كىشى خۇ جىنتاۋغا خەت يېزىش ئارقىلىق، ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا ماۋزېدۇڭنى ھېمايە قىلىپ، دېڭ شاۋپىڭنى تەنقىدلىدى. بۇ ھازىر خۇ جىنتاۋ دۇچ كېلىۋاتقان يەنە بىر قېيىن مەسىلە.

8 ‏- يېقىندا 170 كىشىنىڭ خۇ جىنتاۋغا خەت يېزىپ دېڭ شاۋپىڭغا قارشى تەنقىد ئاچقانلىقى

'ئامېرىكا ئاۋازى'نىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ 17 ‏- قۇرۇلتېيى ئېچىلىش ۋاقتى يېقىنلىشىۋاتقان مۇشۇ پەيتتە، پارتىيە مەركىزى كومىتېت ئورگانلىرىدا، يەرلىك تارماقلاردا ئارامغا چىققان ئەمەلدارلار، مەركىزى پارتىيە مەكتىپى ۋە بەزى ئالىي مەكتەپلەردىكى پروفېسسورلاردىن 170 كىشى بىرلىكتە خۇ جىنتاۋغا 24 مىڭ خەتلىك تەپسىلىي تەكلىپ يازغان. بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسەت تەتقىقاتچىسى جاڭ زۇخۇا ئەپەندىنىڭ چۈشەندۈرۈشى بۇيىچە ئېيتقاندا، بۇ قېتىم خۇ جىنتاۋغا خەت يازغان كونا سولچىلار دېڭ شاۋپىڭنى 'كاپىتالىزم يولىغا ماڭغان ھوقۇقدار' دەپ كېلىۋاتقانلار ئىدى. ئۇلار بۇ قېتىم يەنە دېڭ شاۋپىڭنى ماركىسىزم -ماۋزېدۇڭ ئىدىيىسىنى ئۆزگەرتىپ، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنى، ھەتتا كاپىتالىستلارمۇ ئەزا بولۇپ كىرەلەيدىغان 'ئومۇمخەلىق پارتىيىسى' گە ئۆزگەرتىۋەتتى؛ دېڭ شاۋپىڭنىڭ غايىسىدىكى كاپىتالىزمنى جاڭ زېمىن ئەمەلگە ئاشۇردى، دەپ ئوتتۇرىغا چىققان.

بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئىقتىسادشۇناس پروفېسسور شا يېلياڭنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، خۇ جىنتاۋغا خەت يازغان كوممۇنىست سولچىلىرى بۇ قېتىم ئېچىلىدىغان 17 ‏- قۇرۇلتاي ئارقىلىق 'ماۋزېدۇڭ دەۋرى'دىكى 'پىلانلىق ئىگىلىك' كە قايتىشنى تەشەببۇس قىلغان. ئۇلار كوممۇنىست پارتىيە ئىچىدىكى ھازىرقى خىيانەتچىلىك- چىرىكلىشىشنى دېڭ شاۋپىڭ نەزىرىيىسى كەلتۈرۈپ چىقاردى دەپ قارىغان.

بۇ مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، خۇ جىنتاۋ 6 ‏- ئاينىڭ 25 ‏- كۈنى قىلغان سۆزىدە، بۇنىڭدىن كېيىن 'پەن-ئىلىمنى تەرەققى قىلدۇرۇش' شۇئارىنى ئاساسىي ئورۇنغا قويۇشنى تەكىتلەش ئارقىلىق، بۇنىڭدىن بۇرۇنقى 'ئىقىتىسادنى تەرەققى قىلدۇرۇش' شۇئارى ئاساسىي ئورۇنغا قويۇلغان يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن ئىدى. ئەمدى خۇ جىنتاۋ ماۋزېدۇڭنى ياقلايدىغان تەرەپتە تۇرامدۇ ياكى دېڭ شاۋپىڭنى ياقلايدىغان تەرەپتە تۇرامدۇ؟ خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ئىككىگە پارچىلىنامدۇ ياكى خۇ جىنتاۋ ئۇنى بىرلىككە كەلتۈرەمدۇ؟ خۇ جىنتاۋ ھازىر راستىنى ئېيتمىسا بولمايدىغان ۋاقىت بولۇپ قالدى.

9 ‏- ماۋزېدۇڭ دەۋرىدىكى 'ئوڭچى'لارغا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى ھەققىدىكى تەتقىقاتلارنىڭ ئەۋج ئېلىۋاتقانلىغى

خۇ جىنتاۋ ھازىر دۇچ كېلىۋاتقان يەنە بىر قېيىن مەسىلە شۇكى، گەرچە ھازىر كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇچۇر ۋاستىلىرىغا بولغان كونتروللۇقى ناھايىتى قاتتىق بولسىمۇ، ئەمما دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى زىيالىيلار قاتتىق بېسىمغا قارىماي، يەنىلا ماۋزېدۇڭ دەۋرىدىكى 'ئوڭچى'لارغا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى ھەققىدىكى تەتقىقاتلارنى كەڭ دائىرىدە يولغا قويۇپ، ماۋزېدۇڭنىڭ خەلققە سالغان زۇلۇملىرىنى پاش قىلىۋاتىدۇ.

'كۆزىتىش ژۇرنىلى'نىڭ باش مۇھەررىرى چېن كۇيدﯤ ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، ماۋزېدۇڭ دەۋرىدە 'ئوڭچى' دېگەن جىنايى نام جازالانغان كىشىلەر نېمە ئىش قىلغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى رىئال ئەھۋالنى راستچىللىق بىلەن ئىنكاس قىلغانلىقىدىن جازالانغان كىشىلەر. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، زىيالىيلار ئەركىن پىكىر بايان قىلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ، بۇ ئۇلارنىڭ ئورتاق بەلگىسى ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا خىتايدا 5 مىليون زىيالىي بار دېيىلەتتى. ھۆكۈمەتنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، 'ئوڭچى' دەپ بېكىتىلگەن كىشىلەرنىڭ سانى 550 مىڭ. ئەمما بۇ سانغا يېزا- بازار دەرىجىلىك ئورۇنلاردىكى زىيالىيلار كىرگۈزۈلمىگەن. ئۇنى قوشقاندا 10 مىليوندىن ئاشىدۇ.

خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئالى تەتقىقاتچىسى گو لوجى ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، 'پارتىيىگە، سوتسىيالىزمغا قارشى تۇرۇش جىنايىتى' دېگەن جىنايى ناممۇ 1957 ‏- يىلىدىكى ئوڭچىلارغا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىدىن باشلاپ ئوتتۇرىغا چىققان. كوممۇنىست سولچىلىرى ھازىرمۇ بۇ جىنايى نامنى قوللىنىۋاتىدۇ.

ئامېرىكىدىكى پرىنستون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، 21 ‏- ئەسر فوند جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى پېرى لىنك ئەپەندىنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، خىتايدا 1950 ‏- يىللارنىڭ بېشىدا كەينى -كەينىدىن ئېلىپ بېرىلغان يەر ئىسلاھاتى، ئەكسىيەتچىلەرنى بېسىقتۇرۇش، ئەكسىلئىنقىلابچىلارنى تازىلاش دېگەن ھەرىكەتلەر، گەرچە ناھايىتى قەبىھ ئۇسۇل بىلەن ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ، ئۇچاغدا كىشىلەر قانداق ئازاپقا ئۇچرىغانلىقىنى بىركىمگە سۆزلەپ بېرەلەيتتى.

دەردىنى باشقىلارغا ئېيتىپ بېرىش ئارقىلىق بولسىمۇ، سىقىنجىدىن خالىي بولالايتتى. ئەمما 1957 ‏- يىلىدىن كېيىن، ئۆزىنىڭ كۆڭلىدىكى ئارزۇ- ئىستەكلەرنى راستچىللىق بىلەن ئىپادىلەش مۇمكىن بولمايدىغان بىر ئىشقا ئايلاندى. شۇنىڭدىن كېيىن كىشىلەر يالغان سۆزلەشكە مەجبۇر بولدى. خىتاي جەمئىيىتىدە، يالغان سۆزلەش، يالغان مال ئىشلەپچىقىرىش، يالغان دورا ياساش دېگەندەك خىلمۇ ‏-خىل يالغانچىلىق ماۋزېدۇڭنىڭ ئوڭچىلارغا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىدىن كېيىن پەيدا بولغان ھادىسە. (ۋەلى)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت