خۇ جىنتاۋ ھوقۇقىنى مۇستەھكەملەپ كېتەلەمدۇ؟
2007.10.11

خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 17- قۇرۇلتىيى مۇشۇ ئاينىڭ 15- كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلىدىغان بولۇپ، بۇ يىغىنغا 2 مىڭدىن ئارتۇق خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ۋەكىللىرى قاتنىشىدۇ. خىتاي كومپارتىيىنىڭ بۇ يىغىنى ئېچىلىشتىن بۇرۇن خىتاي كومپارتىيىسى ئىچىدە بىر قاتار تەڭشەش ئېلىپ بېرىلغان ، مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ بۇ يىغىن ئارقىلىق ئۆز ھوقۇقىنى كۈچەيتىشنى باش مەقسەت قىلغان ئىكەن.
بۇ يىغىن خۇ جىنتاۋنىڭ كېيىنكى ھوقۇق سەپىرى ئۇچۇن ئىنتايىن مۇھىم
ھازىر خىتاينىڭ ھوقۇق دۇنياسىدا ئۈچ خىل مەزھەپ مەۋجۇد بولۇپ، بۇلار سابىق خىتاي رەئىسى جياڭ زېمىن باشچىلىقىدىكى شاڭخەي گۇرۇھى، ھازىر ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان خۇ جىنتاۋ باشچىلىقىدىكى كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى گۇرۇھى ۋە خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ھوقۇق تەختىگە يوشۇرۇن تەسىر كۆرسىتىپ تۇرىدىغان، كونا خىتاي كومپارتىيە رەھبەرلىرىنىڭ پەرزەنتلىرى چەمبىرىكى "بەگزادىلەر گۇرۇھى" قاتارلىقلار بار.
ئۇنداقتا ياشلار ئىتتىپاقى گۇرۇھى بۇ نۆۋەتلىك قۇرۇلتاي ئارقىلىق ئۆز ھوقۇق ئورنىنى مۇستەھكەملەپ كېتەلەمدۇ؟ مانا بۇ خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھازىر كومپارتىيە بېشىدا ھوقۇق تۇتۇپ تۇرغۇچى خۇ جىنتاۋنىڭ كېيىنكى ھوقۇق سەپىرى ئۇچۇن ئىنتايىن مۇھىم بولغان بۇ يىغىن مەيدانغا كەلتۈرگەن سۇئاللارنىڭ بىرى.
بۇرۇن مەلۇم بولغىنىدەك خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ يېقىندىن بۇيان ئوز يېقىنلىرىنى مۇھىم ئورۇنلارغا قويۇشقا باشلىدى. جۇڭگو تورىدا 20 - سېنتەبىر بېرىلگەن مەلۇماتقا قارىغاندا، لىڭ جىخۇا خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سېكرېتارىياتىنىڭ سېكرېتارى قىلىپ ئۆستۈرۈلۈپ ، ئەسلىدە بۇ ئورۇندا خىزمەت قىلىۋاتقان ۋاڭ گاڭنىڭ ئورنىغا دەسسىتىلگەن.
خۇ جىنتاۋ يەنە 2003 - يىلى خىتايدا سارس كېسىلى تارقالغاندا بېيجىڭ شەھىرىنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان مېڭ شۆنۇڭنى شەنشى ئۆلكىسىنىڭ رەئىسلىكىگە تەيىنلىگەن. لى ۋە مېڭلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى ئىلگىرى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى ياشلار ئىتتىپاقى ساھەسىدە خىزمەت قىلغان ئىكەن.
خۇ جىنتاۋ بىلەن بىردەكلىكنى ساقلاش خەلق ئاممىسىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداشتىن كۆپ مۇھىم
ئامېرىكىدا ئىنتېرنېت ئارقىلىق خىتاي تىلىدا تارقىتىلىدىغان پايدىلىنىش گېزىتنىڭ سابىق مۇھەررىرى لى خوڭكۇەن ئەپەندىنىڭ تەھلىلىگە قارىغاندا ، مېڭ شۆنۇڭ بولسا ئىتتىپاق گۇرۇھىغا تەۋە كىشى بولۇپ ئۆز ۋاقتىدا سارس كېسىلى تارقالغاندا ئۇچۇرنى قامال قىلىپ كېسەللىكنىڭ تارقىلىپ كىتىشىگە سەۋەب بولغان بىر ئادەمنىڭ يەنە قايتا ئۆستۈرۈلۈشى ئاساسى قاتلام خادىملىرىغا مەزھەپچىلىكنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلدۇرىدىكەن.
خۇ جىنتاۋ ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش دېگەن شوئارنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئەمەلىيەتتە ئۇ خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى نەزەرگە ئېلىپمۇ قويمايدۇ. ئۇنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئىچىدە ئۆز ئادەملىرىنىڭ قانچىلىك ئورۇنغا ئېرىشىشى. خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ بيۇروكرات تۈزۈمى بۇيىچە، خۇ جىنتاۋ ئورنىنى مۇستەھكەملەپ بولغاندىن كېيىن قول ئاستىدىكىلەر ئۆزلۈكىدىن جياڭ زېمىن گۇرۇھىنىڭ ئادەملىرىدىن يىراقلىشىپ ئۇنىڭغا يېقىنلىشىدۇ. شۇڭا مېڭ شۆنۇڭنىڭ قايتا ۋەزىپىگە تەيىنلىنىشىدىن باشقىلار خۇ جىنتاۋ بىلەن بىردەكلىكنى ساقلاش خەلق ئاممىسىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداشتىن كۆپ مۇھىم ئىكەن دېگەن سىگنالنى قوبۇل قىلىدۇ .
خىتاي سىياسىي سەھنىسىدىكى ئۆزگىرىشلەرگە يېقىندىن نەزەر سېلىپ تۇرغان سىياسىي تەھلىلچى شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق پروفېسسورى ئىلشات ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خۇ جىنتاۋنىڭ پەقەت ئۆز يېقىنلىرىنى مۇھىم ئورۇنلارغا كىرگۈزۈشىدىكى بىردىن - بىر سەۋەب خىتاي كومپارتىيىسى ئىچىدىكى ئورنىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ۋە ئۆز گۇرۇھىنى كۆپرەك مەنپەئەتكە ئېرىشتۈرۈش ئىكەن.
ھەقىقىي ۋەزىپىگە تەيىنلەش ۋە مەنپەئەت بۆلۈشۈش ئىشلىرى يىغىندىن بۇرۇن ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ بولغان
17 - قۇرۇلتاي ھارپىسىدا، بۇ قۇرۇلتاينىڭ ھەرخىل تەييارلىق ۋە خىزمەتلىرى ئىشلىنىپ بولدى. ئەمما خىتاي تەھلىلچى لى خۇڭكۇاڭنىڭ ئۆز مۇخبىرىمىزغا بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر قۇرۇلتاي بىر يوسۇن خاراكتېرىنى ئالغان بولۇپ ھېچقانداق ئەمەلىي رولغا ئىگە ئەمەسكەن. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، مەيلى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ قۇرۇلتايلىرى بولسۇن ۋە ياكى باشقا خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى بولسۇن ، ھەممىسى بىر خىل يالغان دېموكراتىيە شەكلىنى ئالغان بولۇپ، ئادەم بەلگىلەش ۋە ۋەزىپىگە قويۇش ئىشلىرى بۇنداق يىغىنلاردىن بۇرۇن بېكىتىلىپ بولىدىكەن.
ئۇ " خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ بۇنداق ۋەكىللەر يىغىنلىرى ئادەتتە قول كۆتىرىپ بېكىتىش ماشىنىسى. ھەقىقىي ۋەزىپىگە تەيىنلەش ۋە مەنپەئەت بۆلۈشۈش ئىشلىرى يىغىندىن بۇرۇن ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ بولغان بولىدۇ. شۇڭا يىغىن ئېچىش بولسا بىر خىل دېموكراتىيە يوسۇنىدا شۇنداقلا بىر كۆرسىتىپ قويۇشتىن ئىبارەت بولۇپ، يىغىن ئېچىلغاندا چوڭ چاتاق چىقمايدۇ " دەيدۇ.
ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە يەنە، ھازىرقى خىتاي دۆلىتى بىر خەلق جۇمھۇرىيىتى بولغانلىقتىن خىتاينىڭ ھاكىمىيەت تۈزۈملىرىدە ئازراق دېموكراتىيە تەكىتلىنىدىغان بولۇپ، دىڭ شياۋپىڭ دەۋرىدىكىدەك پادىشاھنىڭ دېگىنى دېگەن بولىدىغان دەۋر ئاياغلاشقان ئىكەن.
ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ " جۇمھۇرىيەت تۈزۈمى چوقۇم ئوچۇق - ئاشكارا بولۇشى، ئادىل سايلام ئۆتكۈزۈلۈشى كېرەك بولغاچقا ، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ھازىر قىلىۋاتقىنى، مەيلى ئومۇمى خەلق قۇرۇلتىيى بولسۇن ۋە مەيلى سىياسىي كېڭەشنىڭ يىغىنلىرى بولسۇن ھەممىسى ئوخشاشلا ساختا دېموكراتىيە شەكلىدىنلا ئىبارەت."
تەھلىلچىلەر: خۇ جىنتاۋنىڭ ئورۇن باسار تەيىنلەش ئىشلىرى توسالغۇغا ئۇچرىشى مۇمكىن
تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، خۇ جىنتاۋ ھازىر مۇشۇ قېتىملىق يىغىن جەريانىدا ئوز ئورۇن باسارىنى بېكىتىپ چىقىشى مۇمكىن ، مەلۇم بولۇشىچە، خۇ جىنتاۋ نەزىرىنى لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ پارتىيە سېكرېتارى لى كېچياڭغا تىكمەكتە ئىكەن. ئەمما، ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتىدە كۆرسىتىلىشىچە، خۇ جىنتاۋ ئوز ئىز باسارىنى بېكىتىش جەھەتتە بۇرۇنقى خىتاي رەھبەرلىرى ماۋ زېدۇڭ ۋە دېڭ شياۋپىڭغا ئوخشاش تەۋرەنمەس سىياسىي ئىمتىيازغا ئىگە ئەمەس ئىكەن.
سىياسىي كۆزەتكۈچى ئىلشات ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ھازىر خىتاي كومپارتىيىسى كرىزىس ئىچىدە تۇرۇۋاتقان بولۇپ، بۇ خىلدىكى قۇرۇلتاي ئالدىدا ھېچقاچان بۇنداق جىددىي ئادەم ئالماشتۇرۇش ئىشلىرى بولۇپ باقمىغان بولۇپ، ئىلشات ئەپەندىمۇ خۇ جىنتاۋنىڭ ئىزباسار تەيىنلەش جەريانىدا يولۇقىدىغان قىيىنچىلىقلىرى جەھەتتە ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتىدە كۆرسىتىلگەن سەۋەبلەرگە ئوخشاش قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويدى. (جۈمە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- يەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىدىكى ئەمەلدارلار ئازايتىلسا مەسىلە ھەل بولامدۇ؟
- خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ 17 - قۇرۇلتېيىدىن بۇرۇنقى ئالامەتلەر(4)
- خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ 17 - قۇرۇلتېيىدىن بۇرۇنقى ئالامەتلەر (3)
- خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ 17 - قۇرۇلتېيىدىن بۇرۇنقى ئالامەتلەر(2)
- خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ 17 - قۇرۇلتىيىدىن بۇرۇنقى ئالامەتلەر(1)
- ئاسىيا -تىنچ ئوكيان ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنى ھەققىدىكى يېڭى ئۇچۇرلار
- بۇش بىلەن خۇ جىنتاۋ سەزگۈر مەسىلىلەردە پىكىر ئالماشتۇردى
- بۇش بىلەن خۇجىنتاۋنىڭ مۇخبىرلارغا بەرگەن ئىزاھاتى نېمە ئۈچۈن ئوخشىمايدۇ؟
- خۇجىنتاۋ ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادى ھەمكارلىق يىغىنىدا بېسىملارغا دۇچ كېلىشى مۈمكىن
- " خۇ جىنتاۋ كومپارتىيە 17 - قۇرۇلتىيىدا جياڭ زېمىننىڭ تەسىرىنى تازىلاشنى مەقسەت قىلىدۇ "
- خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ 17 - قۇرۇلتىيى يېقىنلاشقانسىرى ئوخشىمىغان پىكىرلەرنى باستۇرۇش شۇنچە جىددىي تۈس ئالماقتا
- خۇ جىنتاۋنىڭ قىرغىزىستان زىيارىتى نېمىنى كۆزلىگەن؟
- خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ شۋېتسىيە زىيارىتىنىڭ ئالدى - كەينىدە