17 ‏- قۇرۇلتاينىڭ سىگنالى: خىتاي غەرب يولىدا ماڭمايدۇ


2007.10.15

HJT-200.jpg
خىتاي پرېزىدېنتى خۇ جىنتاۋ، 17 - قۇرۇلتايدا سۆز بەرمەكتە. AFP Photo

15 ‏- ئۆكتەبىر، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ 17 ‏- قۇرۇلتىيى رەسمىي ئېچىلدى. يىغىنغا 2213 نەپەر رەسمىي ۋەكىل، 57 نەپەر تەكلىپ قىلىنغان ئالاھىدە ۋەكىل بولۇپ جەمئىي 2270 كىشى قاتناشتى. يىغىندا، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ رەئىسى، خۇ جىنتاۋ ، پارتىيىسىنىڭ ئۆتكەن بەش يىللىق خىزمەتلىرىدىن دوكلات بەردى ۋە كېلەر بەش يىللىق خىزمەت پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

خۇنىڭ دوكلاتىدا نىمە يېڭىلىق؟

ئىككى يېرىم سائەت داۋام قىلغان دوكلاتتا، نۇقتىلىق ھالدا، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى يەنىلا بىرىنچى ئورۇنغا قويىدىغانلىقى، بۇنىڭغا ماس قەدەمدە، سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭمۇ داۋاملىشىدىغانلىقى،ئەمما بۇ ئىسلاھاتنىڭ خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقى بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى . بۇنىڭدىن باشقا دوكلاتتا، تەيۋەن بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە ، خىتاينىڭ پۈتۈنلۈكىنى شەرت قىلغان ئاساستا تېنچلىق سۆھبىتىنى ئېلىپ بېرىپ، تەيۋەن -خىتاي مۇناسىۋىتىنى تېنچ بىر تەرەپ قىلىشقا تىرىشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

دوكلاتتا يەنە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى دۇچ كەلگەن تەھدىتلەردىن بىرىنىڭ پارىخورلۇق ئىكەنلىكى ۋە بۇنىڭغا خاتىمە بېرىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن . دوكلات خىتاينىڭ دۆلەت مۇداپىئە سىياسىتىدە، كېڭەيمىچىلىك يولىدا ئەمەس، قوغدىنىش پرىنسىپىدا چىڭ تۇرىدىغانلىقى ، بۇ مەقسەتتە ھەربىي ساھەدىكى زامانىۋىيلىشىش قەدىمىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

" جياڭ زېمىن دەۋرىگە نىسبەتەن ئىلگىرىلەش بار"

خۇ جىنتاۋنىڭ دوكلاتىدىكى بۇ مەزمۇنلارغا قارىتا خىتاي ئىچى-سىرتىدىكى ئىنكاسلار ھەر خىل: بۇ ئىنكاسلار دوكلاتتا، چ ك پ نىڭ كېلەر بەش يىللىق سىياسىتىدە بۇرۇلۇش خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشتىن ئىشارەت بەرمىگەنلىكىدە ئورتاق بولسىمۇ، ئەمما خۇ جىنتاۋنىڭ دوكلاتىدا يېڭىلىقنىڭ مەۋجۇت ياكى ئەمەسلىكى ھەققىدە پەرقلىق پىكىرلەر ئوتتۇرىغا چىقتى.

بېيجىڭدىكى بىر تەرەپسىز تەتقىقاتچى دەپ قارالغان جۇ دۇ ئىسىملىك ئانالىزچى خۇ جىنتاۋنىڭ دوكلاتىدا يېڭى نۇقتىلار بار دەپ قارىغۇچىلاردىن بېرى. ئۇ بۇ يېڭىلىق ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: "جياڭ زېمىن دەۋرىدە، سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ئۇياقتا تۇرسۇن، دېموكراتىيىلىشىش دېگەن سۆزمۇ بىرلا يەردە تىلغا ئېلىنغان ۋە ئۈستىدە تەپسىلىي توختالمىغان. خۇ جىنتاۋنىڭ دوكلاتىدا بولسا، بۇ ئاتالغۇلار باشتىن - ئاخىر كۆپ قېتىم تەكرارلىنىدۇ. مانا بۇ تەكرارلاش، خۇ جىنتاۋنىڭ سىياسىي ئىسلاھاتتىكى جىددىيىتىنى كۆرسىتىدۇ."

" يىگىرمە يىل ئاۋۋالقىچىلىكمۇ ئۆزگۈرۈش يوق"

كارنىگ خەلقئارالىق تىنچلىق ۋەخپىنىڭ تەتقىقاتچىسى مىكسىن پېى، خۇ جىنتاۋنىڭ دوكلاتىدا ھېچقانداق بىر يېڭىلىق يوق دەپ قارىغۇچىلاردىن . ئۇ مۇنداق دەيدۇ: خىتاي بۈگۈن شۇنچە كۆپ مەسىلىلەرگە دۇچ كەلدى، بۇنىڭ بىرقىسمى دوكلاتتا ئاشكارا تىلغا ئېلىنغان ؛ ئەمما ، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ھېچقانداق چارىسى ئوتتۇرىغا قويۇلمىغان. خۇ جىنتاۋ گۇرۇھىدىن ئىسلاھات قەدىمىنى كۈتۈش مۇمكىن ئەمەس. بۇلار ھەتتا 20 يىل بۇرۇنقى پارتىيە سېكرېتارى، جاۋ زىياڭچىلىكمۇ ئىسلاھاتچى روھىنى كۆرسىتەلمىدى.

ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ مۇخبىرى جاڭنەن، بېيجىڭ ئاھالىسىنى زىيارەت قىلغاندا زىيارەت قىلىنغۇچىلار، خۇ جىنتاۋنىڭ دوكلاتىدا ئەمەلىي چارە -تەدبىرلەر ئۈستىدە توختالماي، قۇرۇق چاقىرىق ۋە مەۋھۇم ۋەدىلەر بىلەن تولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەن " بىزگە كېرىكى قۇرۇق نەزەرىيە ئەمەس، قۇرۇق شۇئار ئەمەس، يالغان ۋەدە تېخىمۇ ئەمەس، بىزگە كېرىكى ئۇن ، بىزگە كېرىكى ئۆي ، بىزگە كېرىكى كۆمۈر، بىزگە ئىش كېرەك ، قۇرۇق ۋەدە ئەمەس."

" مەسىلە تىلغا ئېلىنغان، چارە ئوتتۇرىغا قويۇلمىغان"

خوڭكوڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، داۋىد زېىگ" خۇ جىنتاۋنىڭ چىرىكلىكنى خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ئۈچۈن زور تەھدىت دەپ ئېتىراپ قىلىشى بىر ئىلگىرىلەش دەپ قارايدۇ، ئەمما، چىرىكلىكنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ كونكرېت چارىسىنى ئوتتۇرىغا قويماسلىقىنى بولسا ھەيران قالارلىق ئىش دەپ ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

خۇ جىنتاۋنىڭ دوكلاتىدا ھېچبىر يېڭىلىق يوق دەپ قارىغۇچىلاردىن ئانالىزچى پۇ جىڭ ، ئەگەر بىر يېڭىلىق بار دېيىلسە، ئۇ پەقەت، كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ ، ماركىسىزم- لېنىنىزم نەزەرىيىسى، ماۋزېدۇڭ ئىدىيىسى، دېڭشاۋپىڭ نەزەرىيىسى ، ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش دېگەن شۇئارلار زەنجىرىگە، ئىناق جەمئىيەت دېگەن بىر ھالقىنى قېتىش" دەپ كۆرسىتىدۇ.

چاقىرىقلار بىر-بىرىگە زىت

خۇ جىنتاۋنىڭ دوكلاتىدىكى سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش دېگەن چاقىرىق بىلەن كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ يېتەكچىلىكىدە كۆپ پارتىيە ھەمكارلىشىشنى داۋاملاشتۇرۇش چاقىرىقىنى بىر ‏- بىرىگە زىت دەپ قارىغان ئانالىزچىلار، بۇنى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ 4 ‏-ئەۋلاد رەھبەرلىرىنىڭمۇ كوممۇنىست پارتىيىنىڭ بىر پارتىيىلىك تۈزۈمىدىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنىڭ بىشارىتى دەپ قاراشماقتا.

خۇ جىنتاۋنىڭ دوكلاتىدا، ئىسلاھات روھى بار دەپ قارىغۇچى ئانالىزچىلاردىن جۇدۇ ،خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئۆزلىرىگە زۆرۈر دەپ قارىشىنىڭ ئۆزىنى ئىسلاھات روھىنىڭ ئىپادىسى دەپ قارايدۇ ھەم بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: " سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى كىچىك ئىش ئەمەس ، ئاستا ‏- ئاستا قەدەم باسقۇچ بىلەن بولىدۇ ، بۇ تۈر ئىسلاھاتنىڭ دراماتىك شەكىلدە بىردىنلا ئوتتۇرىغا چىقىشىنى كۈتۈش توغرا ئەمەس."

4 ‏- ئەۋلاد كوممۇنىستلاردىمۇ ئۈمىت يوق

بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايدا ، دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ ئەڭ دىققىتىنى تارتقان نۇقتا، 17 ‏- قۇرۇلتاي ئاخبارات باياناتچىسى لى دۇشېڭنىڭ قۇرۇلتاي ھارپىسىدا قىلغان سۆزىدىكى مۇنۇ بايانلار، " خىتاي سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى داۋاملاشتۇرىدۇ، ئەمما، غەربچە سىياسىي تۈزۈلمىنى ئۈلگە ئالمايدۇ ."

ئانالىزچىلار مانا بۇ باياننى 17 ‏- قۇرۇلتاينىڭ خۇلاسە سۆزى دەپ قارىماقتا ۋە 4 ‏- ئەۋلات خىتاي كوممۇنىست پارتىيە رەھبەرلىكىدىن خىتاينىڭ سىياسىي تۈزۈلمىسىگە تۈپ خاراكتېرلىك ئۆزگەرتىش ئەكىلىش ئۈمىدىنى كۈتۈشكە بولمايدۇ دەپ خۇلاسە چىقارماقتا. (شۆھرەت ھوشۇر)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.