17 - قۇرۇلتايدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان دەسلەپكى تەقسىماتتا ئادىل بولۇش دېگەن سىياسەت ھەققىدە مۇلاھىزە
2007.10.25
خۇ جىنتاۋ 17 - قۇرۇلتايدا ئىقتىسادىي سىياسەت ھەققىدىمۇ سۆز ئېچىپ 'دەسلەپكى تەقسىمات' ۋە 'قايتا تەقسىمات' دېگەن ئىقتىسادشۇناسلىق ئاتالغۇلىرىنى تىلغا ئېلىپ، 'دەسلەپكى تەقسىماتتا ئادىل بولۇش' كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن ئىدى. خەلقئارادا مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بۇھەقتىكى مۇلاھىزىلىرى ئېلان قىلىندى.
خىتايدىكى بايلار بىلەن نامراتلارنىڭ پەرقىنى 'دەسلەپكى تەقسىمات' تىكى ئادالەتسىزلىك پەيدا قىلغان
بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىساد ئىنىستىتۇتى پروفېسسورى شاڭ دېۋېننىڭ ئامېرىكا ئاۋازىدا ئېلان قىلغان ئوبزورىدا بايان قىلىنىشىچە، 17 - قۇرۇلتاينىڭ دوكلاتىدا 'دەسلەپكى تەقسىماتتا ئادىل بولۇش' كېرەكلىكى تىلغا ئېلىندى. بۇ جۇڭگودا ھازىر بايلار بىلەن نامراتلارنىڭ پەرقى ناھايىتى چوڭ بولۇپ كەتكەنلىكىگە قارىتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەدبىر. ئەمەلىيەتتە بايلار بىلەن نامراتلارنىڭ پەرقىنىڭ ھازىرقىدەك چوڭ بولۇشىنى دېڭ شاۋپىڭ، جاڭ زېمىنلەرنىڭ 'بىر قىسىم كىشىلەر ئالدى بىلەن باي بولسۇن' دېگەن سىياسىتى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
غەرب تەرەپتىكى رايونلار بىلەن شەرق تەرەپتىكى رايونلارنىڭ پەرقىنىڭ چوڭ بولۇشىنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقاردى. ھازىرقى 'جۇڭگوچە سوتسيالىزم' دېيىلگەن جەمئىيەت، ئەمەلىيەتتە ھوقۇقۋازلارنىڭ كاپىتالىزمى. بۇخىل ئىجتىمائىي تۈزۈمدە تەقسىمات پۈتۈنلەي ھوقۇقۋازلارغا يان باسىدىغان تەقسىمات. ھازىرقى بايلار بولسا دەسلەپكى تەقسىماتتا كۆپ مىقدارغا ئىگە بولغان بۇ بىر قىسىم كىشىلەر ، نامراتلار بولسا دەسلەپكى تەقسىماتتا ناھايىتى ئاز مىقدارغا ئىگە بولغان بىر قىسىم كىشىلەر ئىدى. ئۆزىنىڭ ئەمگىكىدىن كىرگەن كىرىمگە تايىنىدىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى، كىرىمى تۆۋەن ھەم ھەرگىز تېز ئۆسمەيدىغان، ئەڭ تۆۋەن ياكى ئوتتۇرا ھال تۇرمۇش سەۋىيىسىدە ياشايدىغان كىشىلەر. خۇ جىنتاۋ 17 -قۇرۇلتايدا بۇنى تەڭشەشكە ۋەدە بەردى. ئەمما خەلق ھازىر كوممۇنىست پارتىيىگە ئىشەنمەيدۇ، كوممۇنىست پارتىيە گەپنى چىرايلىق قىلغىنى بىلەن قىلغان ئىشى ئۇنىڭ تەتۇرىسىچە بولۇپ كەلمەكتە.
پروفېسسور شاڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ھازىر خىتايدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىيات پەقەت كۆپلەپ مەبلەغ سېلىشقا، تۇرخۇنلاردىن زەھەرلىك ماددىلارنى كۆپلەپ چىقىرىشقا، خەلقنىڭ ھاياتلىق مۇھىتىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغاشقا مەجبۇر. ئۇنداق بولمىسا يۈرۈشمەيدۇ، ئەگەر تۆۋەن نىسبەتتە تەرەققى قىلدۇرۇلسا، بۇ دۆلەت ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلىيالمايدۇ.
كوممۇنىست پارتىيىنىڭ مەۋجۇتلۇقى جەمئىيەتتىكى مەنپەتدار گۇرۇھلاردىن ئايرىلالمايدۇ
'بېيجىڭ باھارى ژۇرنىلى'نىڭ مۇھەررىرى خۇ پىڭ ئەپەندىنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدا ئېلان قىلغان ئوبزورىدا بايان قىلىنىشىچە، 17 - قۇرۇلتاي كوممۇنىست پارتىيىنىڭ يىغىنى، ئۇنىڭدا سۆزلەنگەن ئىقتىسادىي مەسىلىلەر، بولۇپمۇ بايلار بىلەن نامراتلارنىڭ پەرقىنى ھەل قىلىش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش دېگەن سۆزلەر، پارتىيىنى ھەممە ئىشقا، بولۇپمۇ خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان قىلىشىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن دېيىلگەن سۆزلەر.
گەرچە كوممۇنىست پارتىيىنىڭ يۇقىرى قاتلىمى ھازىر دۇنيانىڭ بېسىمىغا بەرداشلىق بېرەلمەي، بۇ دۆلەتتىكى بايلار بىلەن نامراتلارنىڭ پەرقىنى كىچىكلىتىشنى، خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى ئاز-تولا ياخشىلاپ قويۇشنى ئويلىدى دېگەندىمۇ، ھازىرقى ئەھۋالدا كوممۇنىست پارتىيىنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بۇ سىياسەتلەر ئاساسىي قاتلاملاردا ئەمەلىيلەشمەيدۇ. چۈنكى خىتايدا ھازىر داۋام قىلىۋاتقان بايلار بىلەن نامراتلارنىڭ پەرقىنى تارىخ كەلتۈرۈپ چىقارمىغان ياكى بازار ئىگىلىكى كەلتۈرۈپ چىقارمىغان. ئۇنى دەل كوممۇنىست پارتىيە ئۆزى 'ئىنقىلاب' دېگەن نام بىلەن ئىقتىساد ئىگىلىرىنى يوقىتىپ، ئۇلارنىڭ خۇسۇسىي مۈلكىنى ئومۇمنىڭ قىلىۋېتىپ، ئۇنى كېيىن يەنە 'ئىسلاھات' دېگەن نام بىلەن پارتىيىنىڭ ئۆزىنىڭ خۇسۇسىي مۈلكىگە ئايلاندۇرۇۋالدى.
گەرچە كوممۇنىست پارتىيىنىڭ يۇقىرى قاتلىمى ھازىر دۇنيانىڭ بېسىمىغا بەرداشلىق بېرەلمەي، بۇ دۆلەتتىكى بايلار بىلەن نامراتلارنىڭ پەرقىنى كىچىكلىتىشنى، خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى ئاز-تولا ياخشىلاپ قويۇشنى ئويلىدى دېگەندىمۇ، ھازىرقى ئەھۋالدا كوممۇنىست پارتىيىنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بۇ سىياسەتلەر ئاساسىي قاتلاملاردا ئەمەلىيلەشمەيدۇ. چۈنكى خىتايدا ھازىر داۋام قىلىۋاتقان بايلار بىلەن نامراتلارنىڭ پەرقىنى تارىخ كەلتۈرۈپ چىقارمىغان ياكى بازار ئىگىلىكى كەلتۈرۈپ چىقارمىغان. ئۇنى دەل كوممۇنىست پارتىيە ئۆزى 'ئىنقىلاب' دېگەن نام بىلەن ئىقتىساد ئىگىلىرىنى يوقىتىپ، ئۇلارنىڭ خۇسۇسىي مۈلكىنى ئومۇمنىڭ قىلىۋېتىپ، ئۇنى كېيىن يەنە 'ئىسلاھات' دېگەن نام بىلەن پارتىيىنىڭ ئۆزىنىڭ خۇسۇسىي مۈلكىگە ئايلاندۇرۇۋالدى.
ھازىرقى بايلار بىلەن نامراتلارنىڭ پەرقى مۇشۇ جەرياندا پەيدا بولدى. كوممۇنىست پارتىيىنىڭ مەۋجۇتلۇقى جەمئىيەتتىكى مەنپەتدار گۇرۇھلاردىن ئايرىلالمايدۇ. خىيانەت ئارقىلىق باي بولغان كوممۇنىست ھوقۇقۋازلىرى، مەنپەئەت ئىگىلىرى ئۇنى خەلققە قايتۇرۇپ بەرمەيدۇ. خۇ جىنتاۋنىڭ 'تەقسىماتتا ئادىل بولۇش' سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىدىن ئۈمىد يوق. (ۋەلى)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- 17 - قۇرۇلتاي ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قانداق ياخشىلىق ئېلىپ كېلىدۇ؟
- خىتاي پۇقرالىرى سىياسەتتىن سوۋۇۋاتامدۇ؟
- 17 - قۇرۇلتاي ۋە ئۇيغۇرلار
- ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ئىشلار بىرلەشمە كومىتېتى 2007- يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى ئېلان قىلدى (3)
- غەرب مەتبۇئاتلىرى ۋە مۇتەخەسسىسلەر خىتاي كومپارتىيىىسنىڭ 17 - نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىغا قانداق باھا بەردى؟
- 17 - قۇرۇلتاينىڭ سىگنالى: خىتاي غەرب يولىدا ماڭمايدۇ
- خۇ جىنتاۋ ھوقۇقىنى مۇستەھكەملەپ كېتەلەمدۇ؟
- يەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىدىكى ئەمەلدارلار ئازايتىلسا مەسىلە ھەل بولامدۇ؟
- خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ 17 - قۇرۇلتېيىدىن بۇرۇنقى ئالامەتلەر(4)
- خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ 17 - قۇرۇلتېيىدىن بۇرۇنقى ئالامەتلەر (3)
- خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ 17 - قۇرۇلتېيىدىن بۇرۇنقى ئالامەتلەر(2)
- خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ 17 - قۇرۇلتىيىدىن بۇرۇنقى ئالامەتلەر(1)