17 - قۇرۇلتاي ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قانداق ياخشىلىق ئېلىپ كېلىدۇ؟
2007.10.23
خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ 17 - قۇرۇلتېيى10 - ئاينىڭ 22 - كۈنى رادىئومىز مۇخبىرى لىن دىنىڭ بېيجىڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، 17- قۇرۇلتاي يەكشەنبە كۈنى ئاياغلاشقاندىن كېيىنلا، دۈشەنبە كۈنى ئېچىلغان 1 - ئومۇميىغىندا، خۇ جىنتاۋ مەركىزى كومىتېتنىڭ 9 نەپەر دائىمىي ئەزاسىنى سەھنىگە چىقىرىپ ئۇلارنى خەلققە كۆرسەتكەن.
"خىتايدا ئەمەل-مەنسەپ دېگەننى پۇلغا ساتىدۇ"
بېيجىڭدىكى بۈيۈك خەلق سارىيىنىڭ ئەتراپىنى ساقچىلار قاپلاپ كەتكەن. تيەنئەنمېن مەيدانى ئەتراپىدا ئادەملەر شالاڭ، مۇھىت ۋەھىمىلىك. كۇچا ئاپتوبوسلىرىدىمۇ ساقچىلار خەلقنى كۆزەتمەكتە. قۇرۇلتاينى ئالقىشلايدىغان ئاۋازلار تېلېۋىزورلاردىلا بار. ساقچىلار تيەنئەنمېن مەيدانىدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئاپتوبۇسلاردىن چۈشۈپ كېتىدۇ.
مۇخبىرىمىز بىر ئاشخانىدا ئولتۇرغان كىشىلەر بىلەن سۆزلەشكەندە، جاڭجاكۇدىن كەلگەن بىر بوۋاي " بېيجىڭدىكى ئادەملەرگە قارىسا، ئۇلارنىڭ ئادەم سىياقى بار ئىكەن، لېكىن بىز تەرەپتە ساپلا بۇلاڭچى، كۇچىلاردا ساپلا بۇلاڭچى، ئاياللار كۇچىلاردا سومكا تۇتۇپ ماڭالمايدۇ، سومكا تۇتۇپ ماڭسىلا بۇلاڭچىلار بۇلاپ كېتىدۇ. ھازىر ئەمەل -مەنسەپ دېگەننى پولغا ساتىدۇ، باشقارما دەرىجىلىك ئەمەلنىڭ باھاسى 150 مىڭ، بۇنداق ئەمەلنى سېتىۋالغان كىشى، سەرپ قىلغان پۇلنى بىر يىلدىلا تېپىۋالىدۇ" دېگەن.
"ئەھۋالنى ئۇقمايمىز "
مەركىزى ھەربىي كومىتېت مېھمانخانىسىنىڭ بىر خىزمەتچىسى مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، 17 - قۇرۇلتاي ھەققىدە توختالغاندا " قۇرۇلتاينى ھەممە كىشى ياخشى بولدى دېيىشىدىغۇ ؟ بىز تېلېۋىزور كۆرمىدۇق. ئەھۋالنى ئۇقمايمىز" دەپ جاۋاب بەرگەن.
خوڭكوڭدىكى 'ۋېنخۇيباۋ'، 'داگوڭباۋ' دېگەن گېزىتلەر كوممۇنىست پارتىيىنىڭ ئۆزىنىڭ گېزىتلىرى
خوڭكوڭدا چىقىدىغان شەپە ژۇرنىلىنىڭ مۇھەررىرى جىن جۇڭ ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، چوڭ قۇرۇقلۇقتا خوڭكوڭدىكى 'ۋېنخۇيباۋ'، 'داگوڭباۋ' دېگەن گېزىتلەرنى خوڭكوڭ خەلقنىڭ ئاۋازى دەپ دەۋاپتۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ گېزىتلەر كوممۇنىست پارتىيىنىڭ ئۆزىنىڭ گېزىتلىرى، ئۇنىڭدا دېيىلگەن گەپلەر خوڭكوڭ خەلقنىڭ ئاۋازى ئەمەس، ئۇنىڭ خوڭكوڭ خەلقىگە ۋەكىللىك قىلىش ھوقۇقى يوق.
ئامېرىكىدىكى ۋە تەيۋەندىكى سايلاملاردا نامزاتلار ئۆزىنىڭ خەلققە نېمە ئىش قىلىپ بېرىدىغانلىقى ھەققىدە تەپسىلىي ۋەدە بېرىدۇ. خەلق شۇنىڭغا قاراپ سايلاش ياكى سايلىماسلىقنى بەلگىلەيدۇ. خىتايدا ئۇنداق ئەمەس، خىتايدا سايلام يوق. 'سايلاندى' دېگەن كىشىلەرنى ئۇلار ئۆزلىرى ئالدىن بەلگىلىۋالغان.
خۇ جىنتاۋ 62 قېتىم تىلغا ئالغان 'دېموكراتىيە' ئەمەلىيەتتە دۇنيانىڭ چۈشەنچىسىدىكى دېموكراتىيە ئەمەس
ئامېرىكىدىكى غەرب ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ياڭ لىيى ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، خۇ جىنتاۋ 17 - قۇرۇلتايدا قىلغان سۆزىدە، دۇنيانىڭ بېسىمىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن 'دېموكراتىيە' دېگەن ئاتالغۇنى 62 قېتىم تىلغا ئالدى. ئەمما ئۇ دېگەن 'دېموكراتىيە' پۈتۈن دۇنيادا دېيىلىۋاتقان دېموكراتىيە ئەمەس، ئۇ يەنىلا كوممۇنىست پارتىيىنىڭ مۇستەبىتلىكى، خەلق سايلام ئۆتكۈزىدىغان دېموكراتىيە ئەمەس.
17 - قۇرۇلتاي ئۇيغۇر خەلقىگە ياخشىلىق ئېلىپ كەلمەيدۇ
ياۋرۇپادا چىقىدىغان غەرب شامىلى ژۇرنىلىنىڭ تەھرىرى ئابدىرېشىت ھاجى كېرىمى ئەپەندى ئۆزىنىڭ 17 - قۇرۇلتاي ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، 17 - قۇرۇلتاي ئۇيغۇر خەلقىگە ياخشىلىق ئېلىپ كەلمەيدۇ.
ئابدۇرېشىت ھاجى كېرىمى ئەپەندى ئىسمائىل تىلىۋالدى، ئابلەت ئابدۇرېشىت، نۇر بەكرىلەرنىڭ خىتاي مەركىزى كومىتېت ئەزاسى بولغانلىقى ھەققىدىمۇ توختالدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ كىشىلەر ئۇيغۇرلارغا ۋەكىللىك قىلىدىغان ئادەملەر ئەمەس. (ۋەلى)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- 17 - قۇرۇلتاي ۋە ئۇيغۇرلار
- ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ئىشلار بىرلەشمە كومىتېتى 2007- يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى ئېلان قىلدى (3)
- غەرب مەتبۇئاتلىرى ۋە مۇتەخەسسىسلەر خىتاي كومپارتىيىىسنىڭ 17 - نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىغا قانداق باھا بەردى؟
- 17 - قۇرۇلتاينىڭ سىگنالى: خىتاي غەرب يولىدا ماڭمايدۇ
- خۇ جىنتاۋ ھوقۇقىنى مۇستەھكەملەپ كېتەلەمدۇ؟
- يەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىدىكى ئەمەلدارلار ئازايتىلسا مەسىلە ھەل بولامدۇ؟
- خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ 17 - قۇرۇلتېيىدىن بۇرۇنقى ئالامەتلەر(4)
- خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ 17 - قۇرۇلتېيىدىن بۇرۇنقى ئالامەتلەر (3)
- خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ 17 - قۇرۇلتېيىدىن بۇرۇنقى ئالامەتلەر(2)
- خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ 17 - قۇرۇلتىيىدىن بۇرۇنقى ئالامەتلەر(1)
- ئاسىيا -تىنچ ئوكيان ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنى ھەققىدىكى يېڭى ئۇچۇرلار
- بۇش بىلەن خۇ جىنتاۋ سەزگۈر مەسىلىلەردە پىكىر ئالماشتۇردى
- بۇش بىلەن خۇجىنتاۋنىڭ مۇخبىرلارغا بەرگەن ئىزاھاتى نېمە ئۈچۈن ئوخشىمايدۇ؟
- خۇجىنتاۋ ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادى ھەمكارلىق يىغىنىدا بېسىملارغا دۇچ كېلىشى مۈمكىن
- " خۇ جىنتاۋ كومپارتىيە 17 - قۇرۇلتىيىدا جياڭ زېمىننىڭ تەسىرىنى تازىلاشنى مەقسەت قىلىدۇ "
- خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ 17 - قۇرۇلتىيى يېقىنلاشقانسىرى ئوخشىمىغان پىكىرلەرنى باستۇرۇش شۇنچە جىددىي تۈس ئالماقتا