18 - قۇرۇلتاي مەزگىلىدە تۈرمىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلىلىرى ۋە ئەرزدارلار نۇقتىلىق نازارەت ئوبىكتى قىلىندى

8 - نويابىر باشلانغان خىتاينىڭ 18 - قۇرۇلتىيى مەزگىلىدە خىتايدا قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىنغانلىقى يېقىندىن بۇيان چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىدىكى ئاساسلىق خەۋەرلەرنىڭ بىرى بولماقتا. رادىئومىز ئۇيغۇر ئېلىدىن ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرى 18 - قۇرۇلتاي مەزگىلىدە بالىلىرى ۋە ئۇرۇق - تۇغقانلىرى ھەر خىل سىياسى جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلىنىپ تۈرمىدە يېتىۋاتقان ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنى نۇقتىلىق نازارەت ئوبىكتى قىلغان.
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2012-11-09
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن غايىب بولغان ئۇيغۇرلار.
ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن غايىب بولغان ئۇيغۇرلار.
RFA


ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بېيجىڭدا ئېچىلىۋاتقان خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 18 - قۇرۇلتىيى مەزگىلىدە، ھەرقايسى ۋىلايەت، شەھەر، ناھىيىلەردە قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىنغان. بولۇپمۇ سىياسى جىنايەتلەر ۋە دىنىي ئەسەبىيلىك بىلەن ئەيىبلىنىپ تۈرمىلەردە يېتىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە - تاۋاباتلىرى ۋە 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن غايىب بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە - تاۋابىئاتلىرى نۇقتىلىق تەكشۈرۈش ئوبىكتى قىلىنىپ، تەقىب ئاستىغا ئېلىنغان.

ئوغۇللىرى دىنىي كىتاب ساتقانلىقى ئۈچۈنلا سىياسى جىنايەت بىلەن ئەيىبلىنىپ قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان بىر ئاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 18 - قۇرۇلتىيى مەزگىلىدە ئۇلارنىڭ ئائىلىسى يەنە نۇقتىلىق نازارەت ئوبىكتىغا ئايلانغان.

ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇلارنىڭ ئائىلىسىگە قارىتىلغان تەقىپ قىلىش ئوغۇللىرى قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغاندىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئائىلىسى شۇ ناھىيىدىكى نۇقتىلىق تەكشۈرۈش ئوبىكتى قىلىنغان. بۇ ئائىلىگە كېلىدىغان خەت، خالتا قاتارلىق پوچتا يوللانمىلىرى ئاۋۋال ئېچىپ تەكشۈرۈلگەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئېلىپ كېتىشىگە رۇخسەت قىلىنغان. دائىرىلەر بۇلتۇردىن بۇيان يەنە ئۇلار ئولتۇرۇشلۇق مەھەللە كومىتېتىغا رەسمىي ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، بۇ ئائىلىنى ۋە بۇ ئائىلىگە كېلىدىغان مېھمانلارنى نازارەت قىلىشنى ئورۇنلاشتۇرغىنى ئۈچۈن، ئىككى يىلدىن بۇيان ئۇلارنىڭ ئۆيىگە كېلىدىغان مېھمانلارمۇ ئازلاپ كەتكەن.

ئىلگىرى سىياسىي جىنايەت بىلەن ئەيىبلىنىپ 10 نەچچە يىللىق تۈرمە ھاياتىدىن كېيىن جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەن بىر ئۇيغۇرنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ كىشى تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىنمۇ ئۇنىڭ ئۆز مەھەللىسىدىن رۇخسەتسىز ئايرىلىشىغا يول قويۇلمىغان. بۇ ئائىلە نۇقتىلىق نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان.

ئۆزىنىڭ قوشنا يېزىدىكى ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنىڭ توي - تۆكۈن، نەزىر - چىراق پائالىيەتلىرىگىمۇ بېرىشى چەكلەنگىنىنى بىلدۈرگەن بۇ كىشى، نۆۋەتتە بېيجىڭدا ئېچىلىۋاتقان 18 - قۇرۇلتاي مەزگىلىدە يېزىلىق ساقچىخانىنىڭ مەخسۇس ئادەم ئاجرىتىپ، ئۇ تۇرۇشلۇق مەھەللىگە ئامانلىق ساقلاشقا ئەۋەتكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، تۈرمىدىن چىققاندىن بۇيان ئۆزىنىڭ بۇ خىل نازارەت ۋە تەقىپ قىلىشلارغا داۋاملىق ئۇچراپ كەلگىنى ئۈچۈن، ھازىر بۇ خىل ئەھۋاللارغا پەرۋا قىلمايدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئىگىلىگەن باشقا ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەت، شەھەر ۋە ناھىيىلەردىكى قانۇن ئىجرا قىلىش تارماقلىرى، مۇقىملىقنى قوغدىغۇچى خادىملار، ج خ ئورگانلىرى ۋە ھۆكۈمەت تارماقلىرى بىرلىشىپ، ئۈرۈمچى، غۇلجا، قەشقەر قاتارلىق شەھەر كوچىلىرىدىكى يايمىچى، كىتاب، پلاستىنكا ساتقۇچىلارنى خالىغان جايغا يايما يېيىپ تىجارەت قىلىشتىن چەكلىگەن. ئۈرۈمچىدە ئولتۇرۇشلۇق ئاھالىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دۆڭكۆۋرۈك قاتارلىق ئۇيغۇرلار توپلاشقان جايلاردا تەكشۈرۈش كۈچەيتىلىپ، خەلقئارا چوڭ بازارغا كىرگەن - چىققانلارنىڭ سومكىسىنى ئېچىپ تەكشۈرۈش ئىشلىرىمۇ ئېلىپ بېرىلغان.

خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 18 - قۇرۇلتىيى مەزگىلىدە يەنە، ئەرز ئۈچۈن بېيجىڭغا بارغان ئۇيغۇرلارمۇ تۇتقۇن قىلىنىشقا ئۇچرىغان. ئۇيغۇر بىز تورىنىڭ خەلقئارا تور بېكىتىدىكى خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، قەشقەر شامالباغ يېزىدىكى ئۆيى چېقىلغان 100 نەچچە ئائىلىگە ۋەكىل بولۇپ ئەرز ئۈچۈن بېيجىڭغا بارغان ئەرزدارلاردىن ئۈچ كىشى قەشقەر دائىرىلىرى تەرىپىتىن تۇتقۇن قىلىنىپ 5 - نويابىر كۈنى بېيجىڭدىن قايتۇرۇپ كېلىنگەندىن كېيىن، قەشقەردىكى مەلۇم قاماقخانىغا سولاپ قويۇلغان.

د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىت رادىئومىز ئارقىلىق بايانات بېرىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قۇرۇلتاينى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدە تەكشۈرۈش ۋە تەقىپ قىلىشنى كۈچەيتكەنلىكىنى ئەيىبلىدى. قۇرۇلتاي باياناتچىسى دىلشات رىشىت سۆزىدە دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان نازارەتنى كۈچەيتكەنلىكىنى، بولۇپمۇ ھەر خىل سىياسىي جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلىنىپ تۈرمىدە يېتىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئائىلىسىنىڭ نۇقتىلىق نازارەت ئوبىكتى قىلىنىشى ۋە قۇرۇلتاي مەزگىلىدە ئەرز ئۈچۈن بېيجىڭغا بارغان ئەرزدارلارنىڭ ھېچقانداق قانۇنىي رەسمىيەتسىز سولاپ قويۇلۇشىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئېغىر مىللىي كەمسىتىش قىلمىشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت