ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرى 18 - قۇرۇلتايدا يەنە قاتتىق زەربە بېرىشنى تەكىتلىدى

خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 18 - قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىۋاتقان ئۇيغۇر ئېلى پارتكوم سېكرىتارى جاڭ چۈنشيەن ۋە رەئىسى نۇر بەكرى بۈگۈن قۇرۇلتايدا قىلغان سۆزىدە يەنىلا قاتتىق زەربە بېرىشنى تەكىتلىدى.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2012-11-09
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى باستۇرۇشتا ئۈرۈمچىگە كىرگەن ھەربىيلەر. 2009-يىلى ئىيۇل.
ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى باستۇرۇشتا ئۈرۈمچىگە كىرگەن ھەربىيلەر. 2009-يىلى ئىيۇل.
RFA

دېموكراتىك ئەللەر خىتاينىڭ بۇ نۆۋەت ئالمىشىدىغان يېڭى رەھبەرلىرىدىن ئىسلاھات ئۈمىدى كۈتۈۋاتقاندا قىلىنغان بۇ سۆزلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى قاتتىق قول سىياسىتىنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىدىن بىشارەت بېرىپ تۇرماقتا.

0122 - يىلى 8 - نويابىر ئەتىگەندە خىتاي كومپارتىيىسى 18 - قۇرۇلتىيى رەسمىي باشلاندى. قۇرۇلتايغا 2300 دىن كۆپرەك ۋەكىل قاتناشقان بولۇپ، شى جىنپىڭ دۆلەت رەئىسلىكىنى تاپشۇرۇۋالىدىغان بۇ قۇرۇلتاينى چەتئەل ئاخباراتلىرىمۇ يېقىندىن كۆزەتمەكتە. چۈنكى، بۇ قۇرۇلتاي خىتايدا ئىقتىسادىي تەرەققىيات سۈرئىتى ئاستىلاپ قالغان، خىتايدىكى ئىشچىلارنىڭ نارازىلىق نامايىشلىرى كەڭ قوزغىلىپ كەتكەن، ئىجتىمائىي مەسىلىلەر بارغانسېرى چوڭقۇرلىشىپ خەلقنىڭ نارازىلىقى كۈنسايىن كۈچىيىۋاتقان بىر مەزگىلدە ئېچىلغان ئىدى.

دۇنيا جامائەتچىلىكى بولسا مۇشۇنداق بىر مەزگىلدە ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالىدىغان شى جىنپىڭنىڭ قانداق يول تۇتىدىغانلىقىغا قىزىقماقتا. دۆلەت رەئىسى بولۇپ سايلانغان ئىلگىرىكى رەھبەرلەر ئىچىدە ئەڭ ياش ھىسابلىنىدىغان 59 ياشلىق شى جىنپىڭ خىتايدىكى سىياسىي ئىسلاھاتقا باشلامچى بولامدۇ؟ مانا بۇ سوئال نۆۋەتتە خەلقئارادىكى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئەڭ قىزىق تېمىسى. بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنىۋاتقان مۇلاھىزىلەرگە قارايدىغان بولساق، كۆزەتكۈچىلەرنىڭ كۆپى كىشىلەرنىڭ 10 يىل ئالدىدا 61 ياش ۋاقىتىدا ۋەزىپىگە ئولتۇرغان ۋە شۇ ۋاقىتتىمۇ ئەڭ ياش دۆلەت رەئىسى ھېسابلىنىدىغان خۇ جىنتاۋدىنمۇ خەلقنىڭ زور ئۈمىد كۈتكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئون يىل ئاۋۋال سۆزلىگەن نۇتقىدىمۇ ئوخشاشلا ئىسلاھاتتىن، چىرىكلىككە قارشى كۈرەشتىن سۆز قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ سىياسى تۈزۈلمىدە ھېچقانداق بىر ئۆزگىرىش ئېلىپ كەلمىگەنلىكىنى بايان قىلىپ، شى جىنپىڭدىنمۇ بىر ئۈمىد كۈتۈپ ئولتۇرۇشنىڭ ئورنى يوقلۇقى، چۈنكى كومپارتىيىگە ناھايىتى سادىق كىشىلەرنىڭلا دۆلەت رەئىسلىكىگە تاللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

ئەمما ئەلۋەتتە بۇنىڭغا ئوخشىمايدىغان ۋە شى جىنپىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئىلگىرىكىلەردىن پەرقلىق بولىدىغانلىقىنى پەرەز قىلغۇچىلارمۇ ئاز ئەمەس. ئەمما مەيلى شى جىنپىڭ خىتاينىڭ سىياسىي تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتسۇن - ئۆزگەرتمىسۇن، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قاراتقان قاتتىق قول سىياسىتىنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقى مەلۇم بولماقتا.

بۇ نۆۋەتلىك قۇرۇلتايغا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەكىللىرىدىن جەمئىي 42 نەپەر كىشى قاتناشقان بولۇپ ۋەكىللەر ئۆمىكىگە يېتەكچىلىك قىلىپ بارغان ئۇيغۇر ئېلى پارتكوم سېكرىتارى جاڭ چۈنشيەن ۋە رەئىسى نۇر بەكرىلەر 9 - نويابىر كۈنى مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە مۇقىملىققا ئېرىشكەنلىكىنى ئېيتقان.

جاڭ چۈنشيەن «ھازىر شىنجاڭدا جەمئىيەت بارغانسېرى مۇقىم، مىللەتلەر بارغانسېرى ئىناق بولماقتا. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئىقتىساد تەرەققىي قىلىپ، خەلق تۇرمۇشى ياخشىلىنىشقا باشلىدى. پۈتۈن جەمئىيەت دەسلەپكى قەدەمدىكى مۇقىملىققا ئېرىشتى. كەلگۈسىگە ئىشەنچىمىز چوڭقۇر» دېگەن.

ئەمما دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى جاڭ چۈنشيەننىڭ يۇقىرىدىكى سۆزلىرىنى رەت قىلىپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەمەلىي ۋەزىيەتنى يوشۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىگىلىنىشىچە، قۇرۇلتاينىڭ 9 - نويابىر كۈنىدىكى يىغىنلىرى مۇخبىرلارغا ئېچىۋېتىلگەن بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ رەئىسى نۇر بەكرى بۈگۈن دوكلات بەرگەن. ئۇ دوكلاتىدا ئۇيغۇر ئېلىدە بۇ يىل ئىچىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاساسىي كەيپىياتنى ئۆزگەرتەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ يەنە بىر تەرەپتىن مۇقىملىق ۋەزىيىتى يەنىلا جىددىي دەپ كۆرسەتكەن. ئۇ ئۇيغۇر ئېلىدە ۋەزىيەتنى كونترول قىلىش ئۈچۈن «تېررور ۋەقەلىرى ۋە ھەرقانداق جىنايى ئىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىش، قاتتىق قوغداش، قاتتىق باشقۇرۇش، قاتتىق تۈزۈم ئارقىلىق بىخەتەر ۋە مۇقىم جەمئىيەت بەرپا قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئاشۇرىمىز» دېگەن.

نۇر بەكرى ھەربىر قەدەمدە قاتتىق زەربە بېرىشنى تەكىتلەش بىلەن تونۇلىدىغان رەھبەر. ئەمما چەتئەللەردىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىگە قىلغان چاقىرىقلىرىدا مۇقىملىققا قاتتىق زەربە بېرىش ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھەق - ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلىش ئارقىلىق ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كەلگەن. دىلشات رىشىت ئەپەندىمۇ سۆزىدە بۇ نوقتىنى ئەسكەرتىپ، رايوندىكى مۇقىمسىزلىقنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزى يارىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت