خىتاي تەتقىقاتچىسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئىككىنچى ئوتتۇرا شەرق بەرپا قىلىش ئىش پىلانى


2007.01.05

خىتايدىكى سىنا تور بېتىگە مۇنداق بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان. ماقالىنى چېڭدۇ شەھەرلىك نەنياڭ يۇقىرى ۋە يېڭى ئىلغار تېخنىكا تەتقىقات مەركىزىدىن پېنسىيىگە چىققان تەتقىقاتچى پروفېسسور جاڭ شىشى يازغان بولۇپ، ماقالىنىڭ تېمىسى چىڭخەي-شىزاڭ ئېگىزلىكى تونېلى زور قۇرۇلۇش پىلانى. ماقالىدە يېزىلىشىچە، 82 ياشقا كىرگەن بۇ پروفېسسور ئۇزۇن يىللار تەتقىق قىلىش ئارقىلىق شىزاڭ تونىلى قۇرۇلۇشىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، پىلاننىڭ مەقسىتى 18 تونېل ئارقىلىق يالۇجىياڭ دەرياسىنىڭ سۈيىنى تارىم ئويمانلىقىغا باشلاپ، 800 مىليون مو چۆللۈكنى يېشىللاشتۇرۇپ،60 مىليارد توننا نېفىت قېزىپ يېڭى بىر ئوتتۇرا شەرق بەرپا قىلىش ۋە يىلىغا 200 مىليارت ۋات توك ئىشلەپ چىقىرىپ، 200 مىليون كۆچمەننى بېقىش، ئىكەن.

ماقالىدە يېزىلىشىچە يەنە، بۇ پىلان كېيىنكى 20 يىلنىڭ ئىچىدە باشلىنىشى كېرەككەن، يىلدا بۇ تونېل ئارقىلىق يۆتكىلىدىغان سۇ مىقتارى 30 مىليارد كۇپ مېتىر بولۇپ، 200 مىليارد ۋات توك ئىشلەپچىقارغىلىقى بولىدىكەن. ماقالىدە ئەگەر پىلان ئىشقا كىرىشكەن تەقدىردە بۇ قۇرۇلۇشنىڭ 3 يىل ئىچىدە پۈتىدىغانلىقى، ئالدى ئارقىدىكى ئىشلارنى ھېسابقا ئالغاندىمۇ 4 يىلدا پۈتۈدىغانلىقى دېيىلگەن. قۇرۇلۇش پۈتۈپ ئىشقا چۈشسە تارىم ئويمانلىقىنىڭ سۇ مىقتارى 900 مىليارت كۇپ مېتىرگە يېتىپ جۇڭگونىڭ ئەڭ چوڭ سۇ ئامبارلىرىدىن بىرى بولۇپ قالىدىكەن. مىڭلارچە يىلدىن بېرى ئېغىر ئۇيقىدا ياتقان تارىم ئويمانلىقى جانلىنىپ، گۈل- گۈلىستانلىققا ئايلىنىپ، ئىنسانلار ياشاشقا مۇۋاپىق بىر ھالەتكە كېلىدىكەن. بۇنىڭ بىلەن تارىم ئويمانلىقى جۇڭگونىڭ غايەت زور نېفىت تۇرۇبىسى ۋە ئىككىنچى ئوتتۇرا شەرق بولۇپ قالىدىكەن.

ماقالىدە يېزىلىشىچە يەنە، چېڭدۇدىكى مەشھۇر گېئولوگىيە مۇتەخەسسىسى ياڭ گۇئى گېئولوگىيە تېئورىسىگە ئاساسەن مۇنداق بىر نەزىرىيەنى ئوتتۇرىغا قويغان: تارىم، دۆلىتىمىزنىڭ ئەڭ چوڭ نېفىت بەلبىغى، دۆلىتىمىزنىنڭ نېفىت زاپىسى دۇنيادا بىرىنجى ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ، ئوتتۇرا شەرقنىمۇ بېسىپ چۈشمەكتە. 80-يىللاردا جۇڭگو- ئامېرىكا ئىكى دۆلەت تەكشۈرۈش ئەترىتى تارىمغا تەكشۈرۈشكە بارغان ئىدى. ئۇلارنىڭ تەخمىن قىلىشىچە، 268 مىڭ كۇۋادىرات كىلومېتىر يەردە 270 مىڭدىن 580 مىڭ توننىغىچە نېفىت بار ئىكەن. بۇنىڭغا ئاساسەن ھېسابلىغاندا پۈتۈن تارىم ئويمانلىقىدىكى ئومۇمى نېفىت زاپىسى 60 مىليارت توننىغا يېتىدىكەن. ئومۇمى قىممىتى 10 تىرىليون دوللاردىنمۇ جىق ئىكەن.

ماقالىدە يېزىلىشىچە، 10 نەچچە مۇتەخەسسىس ۋە پروفېسسوردىن تەركىپ تاپقان شىزاڭ تونىلى تەتقىقات گۇرۇپپىسى قۇرۇلغان، گەرچە ھازىر بۇ قۇرۇلۇش پىلانى قەغەز ئۈستىدە بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ جان -دىل بىلەن ئىشلەۋاتقان ئىكەن، جاڭ پروفېسسورنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە بۇ قۇرۇلۇش پىلانى گۇرۇپپىسى دەسلەپكى قەدەمدە بەزى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بولۇپ، ئۇ ئۆزلىرىنىڭ تېخىمۇ نۇرغۇن بىلىم ئەھلىنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى، دېگەن.

بۇ قۇرۇلۇش پىلانى ھەقىقەتەن ئىلمى، ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىغان بىر پىلانمۇ، ماقالىدە دېيىلگەندەك، ئىش پىلانى ئەمەلگە ئاشقان تەقدىردە ئۇيغۇر دىيارى ئىككىنچى ئوتتۇرا شەرق بولالامدۇ؟ بۇ سوئاللارغا جاۋاپ تېپىش ئۈچۈن بىز دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.