'ئىسلام دۇنياسى ئىجتىمائى تەشكىلاتلار بىرلىكى' قاتارلىق تەشكىلاتلار كامبۇدژا ۋە خىتايغا قارشى بايانات ئېلان قىلدى

ئىسلام دۇنياسى ئىجتىمائى تەشكىلاتلار بىرلىكى، كامبۇدژانىڭ 20 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىنى ئەيىبلەپ بايانات ئېلان قىلدى. بۇ بايانات، تەشكىلاتنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنىپ، كامبۇدژانىڭ 20 نەپەر سىياسىي پاناھلىق تەلەپ قىلغان ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكى ئەيىبلەنگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﺎﺭﯨﺴﻼﻥ
2009.12.30
Faruk-unsal-ependi-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﻫﻪﻗﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﻣﻪﺯﻟﯘﻣﻼﺭ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﻫﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﺸﯩﺶ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺋﺎﺧﻤﻪﺕ ﻓﺎﺭﯗﻙ ﺋﯘﻧﺴﺎﻝ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ.
www.mazlumder.org ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

باياناتتا، ئىسلام دۇنياسى ئىجتىمائى تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ باش كاتىپى نەجمى سادىق ئوغلۇ، ئۇيغۇر سىياسىي پاناھلىق تەلەپ قىلغۇچىلارنىڭ قايتۇرۇلۇشىنى ئەپسۇسلىنارلىق بىلەن ئەيىبلەيمىز، دېدى.

باياناتتا بىلدۈرۈشىچە، ئىسلام دۇنياسى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ باش كاتىپى نەجمى سادىق ئوغلۇ، تايلاند ۋە كامبۇدژا قاتارلىق دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان رايونلىرىدا سىياسىي پاناھلىق تەلەپ قىلىپ ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركسىتانلىق ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇشىنى غەزەپ بىلەن ئەيىبلىدى. باياناتتا نەجمى سادىق ئوغلۇ، "خىتاينىڭ ئۈرۈمچى ۋە باشقا شەھەرلەردە ئېلىپ بارغان مىللىي قىرغىنچىلىق كۇپايە قىلمىغاندەك، ئەمدى چەتئەللەردە قىيىن ئەھۋاللاردا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنى ھۇجۇم نىشانى قىلىشى كىشىلىك ھوقۇق ۋە ھۆررىيەتلىرىگە ئۇيغۇنمۇ؟" دەپ سوئال قويدى.

خىتايغا قايتۇرۇلغان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنىڭ ھەر خىل ئەزىيەت ۋە قىيناشلار بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنىڭ ئېنىق ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىگەن سادىق ئوغلۇ، "خىتاي دۆلىتى ھەممىمىزنىڭ بىلگىنىدەك، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا بېسىم ئىشىلىتىپ، قىرغىنچىلىق قىلىۋاتىدۇ، ھەممىمىز بۇ ۋەھشىيلىكنى ئۆتكەن ئايلاردا كۆزىمىز بىلەن كۆردۇق، ھازىرمۇ زۇلۇم ئاستىدا قالغان شەرقىي تۈركسىتانلىق قېرىنداشلىرىمىزغا زۇلۇم قىلىۋاتقان خىتايغا قارىتا، نېمە ئۈچۈن دۇنيا سۈكۈتتە تۇرۇش يولىنى تاللايدۇ؟ ئەمدى سۈكۈتتە تۇرۇشقا خاتىمە بېرىشنىڭ ۋاقتى كەلدى ۋە ياكى ئۆتۈپ كەتتى،" دېدى.

باياناتتا نەجمى سادىق ئوغلۇ يەنە، سىياسى ۋە ئىنسانى بىر شەكىلدە ياشاش ئۈچۈن سىياسىي پاناھلىق تەلەپ قىلغان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلار، تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەردە تۇتقۇن قىلىنىپ، مەجبۇرىي خىتايغا قايتۇرۇلغانلىقىنىڭ ئوچۇق ‏- ئاشكارا كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى ۋە ئەڭ ئاز ئىپادە بىلەن ۋەقەنى ئەيىبلىگەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە باشقا تەشكىلاتلار "نېمە ئۈچۈن بۇ ۋەزىيەتكە ئالاقىدار خىتايغا ھاكىمىيىتىگە بېسىم قىلمايدۇ" دەپ سۇئال قويدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، تۈركىيىنىڭ ئەڭ چوڭ تەشكىلاتلىرىدىن بىرى بولغان ئىنسان ھەقلىرى ۋە مەزلۇملار ئۈچۈن ھەمكارلىشىش جەمئىيىتى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلدى ۋە مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنى ئۇيۇشتۇردى.

تۈركىيىنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدە كىشىلىك ھوقۇققا ئالاقىدار ئاكتىپ پائالىيەت قىلىۋاتقان، ئىنسان ھەقلىرى ۋە مەزلۇملار ئۈچۈن ھەمكارلىشىش جەمئىيتىنىڭ رەئىسى ئەھمەت فارۇق ئۈنسال ئەپەندى، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاسسىملياتىسىيە قىلىش سىياسىتىنى ئەيىبلەپ جەمئىيتىنىڭ رەسمىي تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، خىتاينى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىش ۋە ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان ئايرىمىچىلىق ۋە ئاسسىملياتىسىيە سىياسىتىگە خاتىمە بېرىشكە چاقىردى.

باياناتتا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: "شەرقىي تۈركسىتاندا 5 ‏- ئىيۇل كۈنى باشلانغان ۋەقەلەر، خىتاي ھاكىمىيتىنى ئون نەچچە يىلدىن بىرى ئاسسىملياتىسىيە قىلىش سىياسىتىنىڭ بېسىمى ئاستىدا قالغان ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىلىرىنى خەلقئارا جامائەتنىڭ كۈنتەرتىپىگە يېڭىدىن كەلتۈردى. ۋەقەلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغان كىشىلەر دەپ 17 ئۇيغۇرنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلدى ۋە نەچچە يۈز كىشى سوتقا تارتىلىش ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىندى. 7 ‏- ئايدا يۈز بەرگەن بۇ ۋەقەلەردىن كېيىن نۇرغۇن ئۇيغۇرلار ئانا ۋەتىنىنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇر بولدى ۋە ئوخشىمىغان دۆلەتلەرگە قېچىپ پاناھلىق تەلەپ قىلدى. 10 ‏- ئاينىڭ ئاخىرى ۋە 11 ‏- ئاينىڭ باشلىرىدا ۋەقەلەرگە ئالاقىدار ھايات بىخەتەرلىكى تەھدىت ئاستىدا قالغانلىقى ئۈچۈن ئانا ۋەتىنىنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇر بولغان 22 ئۇيغۇر كامبۇدژاغا قېچىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار كومىتېتىنىڭ پىھنوم پېنھدىكى ئىشخانىسىدىن سىياسىي پاناھلىق تەلەپ قىلدى. تەخمىنەن ئىككى ئاي بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇساپىرلار مەركىزىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بىر كىچىك بالا، ئىككى ئايال جەمئىي 22 نەپەر ئۇيغۇر كامبۇژدا ساقچى خادىملىرى تەرىپىدىن 12 ‏- ئاينىڭ 16 ‏- كۈنى تۇتقۇن قىلىندى. كامبۇدژا ھۆكۈمىتى خەلقئارا جامائەتنىڭ قارشلىقىغا ئۇچرىشى بىلەن ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇشنى كېچىكتۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى ئەمما 12 ‏- ئاينىڭ 19 ‏- كۈنى بۇ ئۇيغۇرلار مەجبۇرىي ھالدا خىتايغا قايتۇرۇلدى. كامبۇدژا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 1967 ‏- يىلىدىكى كېلىشىمىگە ئىمزا قىلغان دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۆز دۆلىتىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىن پاناھلىق تەلەپ قىلغان كىشىلەرنىڭ ھەق ‏- ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىپ، خەلقئارا قانۇنغا ھۆرمەت قىلمىدى."
 
باياناتتا يەنە خىتاينى ئەيىبلەپ مۇنداق دېيىلگەن: "خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ 10 نەچچە يىللاردىن بىرى تىبەت ۋە شەرقىي تۈركسىتاندا يۈرگۈزۈۋاتقان ئاسسىملياتىسىيە سىياسەتلىرى، خەلقئارا كىشلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن كۆپ قېتىم تىلغا ئېلىنغان بىر مەسىلە. دۆلەت ئىچىدە يۈز بەرگەن دەپسەندىچىلىكلەرگە قوشۇمچە قىلىپ، يېقىندا يۈز بەرگەن ۋەقەلەردە كۆرۈلگەنگە ئوخشاش، خىتاي دۆلەت تەۋەلىكىنىڭ چېگىرا سىرتىدىمۇ ئوخشاش سىياسەتلەر يۈرگۈزمەكتە. خىتاينىڭ يېقىنقى زاماندا بۇ كىشىلەرنى قايتۇرۇش ئۈچۈن، كامبۇدژا پادىشاھلىقىغا بېسىم قىلغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇرلار ئاخباراتلاردا تارقالدى. خىتاي دۆلىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى كامبۇدژانى زىيارەت قىلىشتىن ئىككى كۈن ئىلگىرى، ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي قايتۇرۇش جىنايىتىنىڭ مەيدانغا كېلىشى ۋە خىتاي زىيارىتىدە ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا ئىنئام قلىنغانغا ئوخشاش بىر مىليارد دوللارلىق ئىقتىسادى كېلىشىم بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ قايتۇرۇلۇشىنىڭ ئاساسى پىلانى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. باياناتتا يەنە، ئىنسان ھەقلىرى ۋە مەزلۇملار ئۈچۈن ھەمكارلىشىش جەمئىيتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېيىلگەن: بۈگۈنكى كۈنگىچە، قىيىن - قىستاق ۋە تەن جازاسىغا ئوخشاش نۇرغۇن كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئىشلىگەن خىتاي دائىرىلىرى، بۇ كىشىلەر ھەققىدە ئادىل سوت ئېچىشى ۋە كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئاساسى نۇقتىسىدا خەلقئارا قانۇندا بەلگىلەنگەن ماددىلارغا ھۆرمەت قىلىشى كېرەك. دۇنيادا ئۆلۈم جازاسىنى يالغان سوت بىلەن ئەڭ كۆپ ئىجرا قىلغان ۋە سىياسىي مەقسەت ئۈچۈن قوللانغان خىتاينى بۇ قىلمىشلىرىدىن ۋاز كېچىشكە چاقىرىق قىلىمىز."
 
باياناتتا بلدۈرۈشىچە يەنە، ئىنسان ھەقلىرى ۋە مەزلۇملار ئۈچۈن ھەمكارلىشىش جەمئىيتى كامبۇدژادىن سىياسىي پاناھلىق تەلەپ قىلغان 22 ئۇيغۇرنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە ئىككى ئايدىن بىرى رەسمىي ۋە غەيرى رەسمىي ئىدارە ‏- ئورگانلارغا دوكلات سۇنغانلىقى ئىپادىلەنگەن.

باياناتنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېيىلگەن: "بۈگۈنگىچە بۇ ھەقتە قانداق خىزمەت ئىشلىگەن بولساق، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئوخشاشلا بۇ ئىشنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتىمىز. باشتا خىتاي ھاكىمىيىتى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرىنى شۇنداقلا سۈكۈتتە تۇرغان دۆلەتلەرنى ئەيىبلەيمىز ۋە كامبۇدژادىن قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن خىتايغا بېسىم قىلىشىقا چاقىرىق قىلىمىز."

ئىنسان ھەقلىرى ۋە مەزلۇملار ئۈچۈن ھەمكارلىشىش جەمئىيتى تۈركىيىدىكى ئەڭ چوڭ ئىجتىمائىي تەشكىلاتلاردىن بىرى. بۇ تەشكىلاتنىڭ مەركىزى ئەنقەرەدە بولۇپ، تۈركىينىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدە شۆبىلىرى بار. بۇ تەشكىلات 5 ‏- ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن ۋاڭ لېچۈەن قاتارلىق خىتاينىڭ 8 چوڭ ئەمەلدارىلىرىنى ئىنساني جىنايەت سادىر قىلغانلىق بىلەن ئەيىبلەپ تۈركىينىڭ ئىستانبۇل سوت مەھكىمىسىدە سوتقا تارتىش ئۈچۈن ئەرز قىلغان ئىدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.