كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي كىشىلىك ھوقۇقى خاتىرىسىنىڭ 2007 - يىلقى ئەھۋالىنى تەنقىد قىلدى
2008.01.31
مەركىزى ئامېرىكىنىڭ نيۇ يورك شەھىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى پەيشەنبە كۈنى دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ 2007 - يىلقى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى توغرىسىدا دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينى بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنى ئۆتكۈزۈشكە ئاز قالغان بولسىمۇ، لېكىن پۇقرالارنىڭ ئاساسى كىشىلىك ھوقۇقى، جۈملىدىن ئىپادە ئەركىنلىكى، يىغىلىش ئەركىنلىكى ۋە دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ئۈزلۈكسىز چەكلەشكە ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈردى. بولۇپمۇ بۇ ساھەلەردىكى چەكلىمىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە تېخىمۇ قاتتىق يولغا قويۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي دائىرىلىرى ۋەدىسىدە تۇرمىدى
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان دوكلاتنىڭ خىتايغا دائىر قىسمىدا خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ 2007 - يىلقى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى شۇنداقلا تىبەت، ئۇيغۇر ئىلى ۋە خوڭكوڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى ئۈستىدە ئايرىم - ئايرىم توختىلىپ، بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ ئىپادە ئەركىنلىكى، مەتبۇئات، دىنىي ئېتىقاد ۋە يىغىلىش ئەركىنلىكىگە چەكلىمە قويغانلىقىنى ئەيىبلىدى. دوكلاتنىڭ كىرىش قىسمىدا مۇنداق دەيدۇ،" خىتاي دائىرىلىرى 2008 - يىلقى ئولىمپىك يىغىنىنىڭ خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ياردىمى تېگىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ، لېكىن پۇقرالىرىنىڭ ئاساسى كىشىلىك ھوقۇقىنى، جۈملىدىن ئىپادە ئەركىنلىكى، يىغىلىش ۋە دىنىي -ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى ئۈزلۈكسىز رەت قىلدى ياكى چەكلىدى." دوكلاتتا ئاخبارات ئەركىنلىكى ھەققىدە توختىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئولىمپىك يىغىنى جەريانىدا چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ خىتايدا ئىختىيارى زىيارەت ئېلىپ بارالايدىغانلىقىغا ۋەدە قىلغانلىقىنى، لېكىن مۇخبىرلارنىڭ بۇ جەرياندا تەھدىت سېلىش، تۇتقۇن قىلىش ياكى ئىغۋاگەرچىلىككە ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈردى.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى كېننېس روس، پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا مىللىي ئاخبارات كۇلۇبىدا ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا خىتاي دائىرىلىرىنى ئۆز ۋاقتىدا بىر قاتار ۋەدىلەرنى بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ ۋەدىسىدە تۇرمىدى، دەپ ئەيىبلىدى. ئۇ" خىتاي ئولىمپىك جەريانىدا كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش توغرىسىدا بىر قاتار ۋەدىلەرنى بەرگەن، بولۇپمۇ چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ ئىختىيارى زىيارەت ئېلىپ بېرىشىغا رۇخسەت قىلىش مەسىلىسىدە ۋەدە بەرگەن ئىدى. لېكىن بۇ ۋەدىسىدە تۇرمىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتاينىڭ ئولىمپىك يىغىنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار زىيانكەشلىك ۋەقەلىرىدە مەسئۇلىيىتى بار. بۇ ۋەقەلەر ئاققۇن ئىشچىلارنى تازىلاش، ئولىمپىك قۇرۇلۇشىنى باھانە قىلىپ، پۇقرالارنىڭ ئۆي-ماكانى ۋە يەر - زېمىنلىرىنى ھەقسىز تارتىۋېلىش، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئولىمپىك توغرىسىدا پىكىر بەرگەن ئۆكتىچىلەر ھەم تور بېتىدە پىكىر بايان قىلغۇچىلارنى تۇتقۇن قىلىش قاتارلىقلار" دەپ كۆرسەتتى.
ئۇيغۇر ئېلىدە ئەركىنلىك بۇرۇنقىغا قارىغاندا ۋەھىمىلىك تۈس ئالدى
دوكلاتنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى پاراگراپىدا ئۇيغۇر ئىلى يېقىنقى ئون يىلدا مىليونلىغان خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ كۆچۈپ كەلگىنىگە قارىماي،خىتاي مىللىتى كۆپ سانلىقنى ئىگىلىمەيدىغان تىبەتتىن باشقا بىردىن - بىر رايون ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ،2007 - يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان دىنىي، مەدەنىيەت ۋە سىياسى جەھەتتىكى كونترولنىڭ شىددەتلىك تۈس ئالغانلىقىنى بىلدۈردى. دوكلاتتا"ھۆكۈمەت ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا پەقەت دۆلەت كونتروللىقىدىكى دىنىي سورۇنلار ۋە ئۆلىمالارنىڭ پائالىيىتىگىلا رۇخسەت قىلىپ، ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ دىنىي پائالىيەتكە قاتنىشىشىنى، بەزى جايلاردا مەسچىتكە كىرىشىنى چەكلىدى" دەيدۇ.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى مەسئۇلى سوفىيە رىچاردسون، مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدە باستۇرۇشنىڭ تىبەتكە قارىغاندا شىددەتلىك ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى. سوفىيە رىچاردسون،"شىنجاڭنىڭ ۋەزىيىتى تىبەتكە قارىغاندا بىر ئاز پەرقلىنىدۇ. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ يەردىكى باستۇرۇش ھەرىكىتى بىر قەدەر شىددەتلىك ئېلىپ بېرىلماقتا. بىز دىنىي، مەدەنىيەت، سىياسى جەھەتتىكى ئىپادە ئەركىنلىكىنىڭ بۇرۇنقىغا قارىغاندا ۋەھىمىلىك تۈس ئالغانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز" دەپ كۆرسەتتى. رىچاردسون خانىم يەنە،" شىنجاڭ تىبەتكە ئوخشاش خىتاي ھۆكۈمىتى دىنىي ئەركىنلىكنى، جۈملىدىن دىنىي، بۆلگۈنچى ۋە قۇتراتقۇ سۆز ئىبارىلەرنى كەسكىن باستۇرىۋاتقان جايلارنىڭ بىرى" دەپ ئەسكەرتىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ دىنىي ئىبادەت قىلىشىنى، بولۇپمۇ مەسچىتكە كىرىشىنى چەكلىگەنلىكىنى ئەيىبلىدى.
دوكلاتتا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 2007 - يىلى 6 - ئايدا ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورتىنى مۇسادىرە قىلغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، مۇسۇلمانلارنىڭ تارقاق ھەج قىلىشىنى چەكلىمەكچى بولغانلىقىنى ئەيىبلىدى شۇنداقلا خىتاي 2007 - يىلى يانۋاردا ئېلان قىلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنىڭ لاگىرىنى تازىلاش ۋەقەسى ھەققىدە توختالدى ۋە تەرەپسىز ئانالىزچىلارنىڭ بۇ ۋەقەگە گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. رىچاردسون خانىم بۇ ۋەقە توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ،" بىز ھۆكۈمەت شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تېررورچى تەشكىلاتىنىڭ لاگېرى، دەپ ئېلان قىلغان بۇ ۋەقەدە 18 ئادەم ئۆلگەنلىكىنى، 17 ئادەمنىڭ ئەسىر ئېلىنغانلىقىنى بىلىمىز. لېكىن بۇ تەشكىلاتنىڭ 2001 - يىلدىن كېيىن مەۋجۇت ياكى ئەمەسلىكى تەرەپسىز ئانالىزچىلار تەرىپىدىن گۇمان بىلەن قارالماقتا ." ئۇ، 2007 - يىلى نويابىردا ئەسىرلەرنىڭ 5 ىنىڭ ئۆلۈم جازاسىغا، بىرىنىڭ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى تەنقىد قىلدى.
كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئولىمپىكنى سىياسىيلاشتۇرۇۋاتىدۇ
دوكلاتتا يەنە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئايرىم ۋەقەلەرنى باھانە قىلىپ، ئاممىۋى پىكىرلەرنى تېررورچىلىق ۋە بۆلگۈنچىلىككە باغلاپ جازالاۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ نوبىل مۇكاپاتىنىڭ نامزاتى رابىيە قادىرنى" تېررورچى" دەپ ئېلان قىلىپ، ئۇنىڭ 2 ئوغلىنى تۈرمىگە تاشلىغانلىقىنى، بىرىنى" بۆلگۈنچىلىك" بىلەن، يەنە بىرىنى"باج ئوغرىلاش" بىلەن جازالىغانلىقىنى تەنقىد قىلدى.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى مەزكۇر دوكلاتىدا يەنە، خىتاي ئىشچىلىرىنىڭ ئۇيۇشما قۇرۇش ھوقۇقى چەكلىنىۋاتقانلىقىنى، ئاياللار ھوقۇقى دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنى ۋە مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلدى. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئولىمپىك جەريانىدا خىتاي كىشىلىك ھوقۇقى خاتىرىسىنى ياخشىلاش ھەققىدىكى بېسىمىنى ئولىمپىكنى سىياسىيلاشتۇرۇش، دەپ ئەيىبلىمەكتە. ئالدىنقى كۈنى خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتىدا خىتاينىڭ بۇ تۈردىكى بېسىملارغا ھەرگىز تىز پۈكمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ھازىرقى ئۇيغۇر مەسىلىسى خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى ئەمەس، بەلكى خەلقئارا دېموكراتىك ھەرىكەتنىڭ بىر قىسمى
- خىتاينىڭ دېموكراتىيىلىشىش مۇمكىنچىلىكى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى (3)
- خىتاينىڭ دېموكراتىيىلىشىش مۇمكىنچىلىكى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى (1)
- ئۇيغۇرلارنىڭ مەتبۇئات ۋە ئىجادىيەت ئەركىنلىكىنىڭ بوغۇلۇشى (2)
- ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئىنسان ھەقلىرى دوكلاتى تەييارلاش قارارى ماقۇللانغان
- ئاكىسى خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان بىر ياش بىلەن سۆھبەت
- ئۇيغۇر مەسىلىسى ئۈچۈن 2007 - يىلى قانداق بىر يىل بولدى؟
- ئۇيغۇرلارنىڭ مەتبۇئات ۋە ئىجادىيەت ئەركىنلىكىنىڭ بوغۇلۇشى (1)
- كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرىنى خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى
- 12 - دېكابىر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى ھەققىدە سۆھبەت
- ئىنسان ھەقلىرى كۈنىدە ئىنسانلىق تراگېدىيىسى
- ئالماتادا ئۇيغۇرلار كىشىلىك ھوقۇق كۈنىنى خاتىرىلىدى
- ۋىنگىرىيىنىڭ پىش شەھىرىدە تېررور مەسىلىلىرى توغرىسىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى
- كانادادا ئۇيغۇرلار سۈكۈتتە تۇرۇپ كىشىلىك ھوقۇق كۈنىنى خاتىرىلىدى
- ئۇيغۇرلار دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى كۈنىنى ئەنقەرە شەھەر مەركىزىدە خاتىرلىدى