2008- يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈش توغرا قارارمۇ ؟
2008.01.28
2008- يىللىق بېيجىڭ تەنھەرىكەت يىغىنى ھارپىسىدا، ھەم ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈش ھەمدە 2008- يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلىش ھوقۇقىنى بېيجىڭغا بەرگەن خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىغا قارشى تەنقىد ۋە نارازىلىقلار كۆپەيمەكتە. بەزى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئامېرىكا سىياسەتچىلىرى ھەتتا خەلقئارا جامائەتنى بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرماقتا. ئامېرىكا ۋە غەرب مەتبۇئاتىدا، بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنى، 1938- يىلى گىتلېر گېرمانىيىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى بىلەن سېلىشتۇرغان ماقالە ۋە مۇلاھىزىلەر ئېلان قىلىنماقتا.
خىتاي ئولىمپىك كومىتېتىغا بەرگەن ۋەدىسىگە ئەمەل قىلمىدى
دانا روراباخەر قاتارلىق ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى، 2008- يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرىۋاتقان بولسا، يېقىندا گوللاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن گوللاندىيىنىڭ پايتەختى گائاگا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر يىغىندا سۈز قىلغان،گوللاندىيىلىك ئاتاقلىق كىنو ئارتىسى ئەرىك فان مىيۇزۋېنكەل گوللاندىيىلىك تەنھەرىكەتچىلەردىن بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا قاتناشماسلىقىنى تەلەپ قىلدى شۇنداقلا ئەنگىلىيە شاھزادىسى چارلىز ئۆزىنىڭ 2008- يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ئىچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى بىر بايانات ئېلان قىلىپ،خىتاي 2008- يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا ساھىبخانىلىق قىلىش ھوقۇقى بېيجىڭغا بېرىلگەندە كىشىلىك ھوقۇقنىڭ خىتايدىكى ۋەزىيىتىنى ياخشىلاش توغرىسىدا خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىغا بەرگەن ۋەدىسىگە ئەمەل قىلمىدى دەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى قاتتىق تەنقىد قىلغان.
ئامېرىكا ۋە غەرب مەتبۇئاتىدا، 2008- يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىشىگە قارشى ئېلان قىلىنىۋاتقان ماقالە ۋە مۇلاھىزىلەر كۈنسېرى كۆپىيىۋاتقان بولۇپ، 24- يانۋار كۈنى ئامېرىكىدا چىقىدىغان نيۇيورك تايمىز گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان "خىتاينىڭ قىرغىنچىلىق ئولىمپىكى" ماۋزۇلۇق ماقالە بۇنىڭ بىر مىسالى ھېسابلىنىدۇ.
نىكولاس كىرىستوف تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ماقالىدە، "بۇ يىل يازدا بېيجىڭدا ئىچىلىدىغان ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى، خىتاينىڭ ئىككى يىللىق زەئىپلىك، نامراتلىق ۋە ھاقارەتتىن قۇتۇلغانلىقىنى تەنتەنە قىلىش سورۇنى بولۇشى كېرەك ئىدى. ئەمما خىتاي رەھبەرلىرى دارفۇردىكى قىرغىنچىلىقنى قوللاش ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دارفۇرغا ھەربىي كۈچ ئەۋەتىش تەشەببۇسىغا توسقۇنلۇق قىلىش ئارقىلىق، خەلقئارادا بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنى قىرغىنچىلىق ئولىمپىكى دەپ ئاتاش ھەرىكىتىنىڭ كۈچىيىشىگە سەۋەب بولماقتا " دېيىلگەن.
بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنى بايقۇت قىلىش دولقۇنىدىن قايغۇرۇۋاتىدۇ
خەلقئارادا بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا قارشى قوزغالغان ھەرىكەت خىتاي دائىرىلىرىنى قاتتىق بىئارام قىلماقتا. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جياڭ يۈ 24 - يانۋار كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ، دارفۇر كرىزىسى توغرىسىدا خىتايغا قاراتقان تەنقىدلىرىنى قەتئىي قوبۇل قىلمايدۇ. بەزى تەشكىلاتلار، دارفۇر مەسىلسىنى بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى بىلەن مۇناسىۋەتلەندۈرۈش ئارقىلىق، 2008- يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى تەييارلىق خىزمەتلىرىگە توسقۇنلۇق قىلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ، دەپ كۆرسەتكەن.
بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى تەشكىللەش كومىتېتىنىڭ باياناتچىسى، ۋاڭ خۇي، ئەنگىلىيە شاھزادىسى چارلىزنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ئىچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشمايدىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرگە دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئەنگىلىيە شاھزادىسىنىڭ 2008- يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنى بايقۇت قىلىشى، پۈتۈن دۇنياغا ئائىت بولغان بىر پائالىيەتكە ئادالەتسىزلىك بىلەن مۇئامىلە قىلغانلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ" دېگەن.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ سىياسىي مۇلاھىزىچىسى كىرىستوفېر بودىننىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە بېيجىڭ ئولىمپىك تەييارلىق كومىتېتى باياناتچىلىرىنىڭ يۇقىرىدىكى سۆزلىرى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بولۇپمۇ ئامېرىكا ۋە غەرب دۆلەتلىرىدە، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، ئاتاقلىق سەنئەتچىلەرنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرىدىن شۇنىڭدەك غەرب مەتبۇئاتىدا ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىشىگە قارشى ئېلان قىلىنىۋاتقان ماقالە ۋە مۇلاھىزىلەردىن ئەندىشلەنگىلى باشلىغانلىقى بۇ پائالىيەتلەرنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنى بايقۇت قىلىش دولقۇنىغا ئايلىنىپ كېتىشىدىن قاتتىق قايغۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن. (ئۆمەر قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۈچۈن تەھدىت ئىكەنلىكىنى تەشۋىق قىلماقتا
- "خىتاي 2008 - يىلىدىكى ئولىمپىك مۇسابىقىسىدىن ئايرىلىپ قالامدۇ؟"
- خىتاي دائىرىلىرى ۋەدىسىگە ۋاپا قىلمىدى
- خىتاينىڭ خەلقئارا ئاخبارات ساھەسىگە تۇتقان مۇئامىلىسى دۇنيا جامائىتىنى ئەپسۇسلاندۇرماقتا
- خىتاي مۇخبىرلارنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى تەكشۈرۈش خىزمىتى ئېلىپ بارىدىكەن
- رابىيە قادىر، قەشقەردە ئۇيغۇرلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىش ۋەقەسىنى " Wall Street Journal " دا تەنقىد قىلدى
- ئاخبارات ئەركىنلىكى ۋە خەلقارا ئولىمپىك كومىتېتى
- خىتاي سوتىنىڭ 6 ئۇيغۇر ئۈستىدىن چىقارغان ھۆكۈمنامىسى ئۈستىدە --- رۇقىيە تۇردۇش خانىم بىلەن سۆھبەت
- رابىيە قادىر قەشقەردىكى ئۆلۈم جازاسى مۇناسىۋىتى بىلەن خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنى ئەيىبلىدى
- نورۋېگىيە ۋە شىۋېتسىيىدە خىتاي ئولىمپىكىگە قارشى نامايىش ئېلىپ بېرىلدى
- كىشىلىك ھوقۇق ئولىمپىك مەشئىلى ئامستېردامغا كەلدى
- خىتاي كانادا مۇناسىۋەتلىرىدە بېيجىڭ ئولىمپىكى
- تەيۋەن دائىرىلىرى بېيجىڭ ئولىمپىك مەشئىلى پائالىيىتىگە قاتناشمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى