ئۇيغۇرلار 2008 - يىلىدىن نېمىلەرنى كۈتمەكتە


2007.12.27

2007- يىلى ئاخىرلىشىپ 2008- يىلى كىرەي دەپ قالغان كۈنىمىزدە ، پۈتۈن ئىنسانلار 2007- يىلىنى خۇلاسىلاپ، 2008- يىلىدىن يېڭى ئۈمىدلەر كۈتۈشمەكتە.

بەزى ئۇيغۇرلار ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە قارار ماقۇللىنىشىنى، ياۋرۇپا پارلامېنتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ كۈن تەرتىپكە كېلىشىنى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى باشلىقى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ياپونىيە زىيارىتىنى 2007- يىلىدىكى ئەڭ مۇھىم ۋەقەلەر دېسە، يەنە بەزى ئۇيغۇرلار 2007- يىلىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىغانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىشلىتىۋاتقان بېسىمىنىڭ كۈنسايىن كۈچىيىۋاتقانلىقىنى ئېيتىشتى.

ئۇيغۇرلارنىڭ 2007- يىلىغا بەرگەن باھاسى ۋە 2008- يىلىدىن كۈتكەن ئۈمىدلىرىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن تۈركىيىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر ۋە ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمنىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.