پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئاپتاپ خان شارپو باشچىلىقىدىكى بىر پاكىستان ۋەكىللەر ئۆمىكى، خىتاي - پاكىستان ئارىسىدىكى تېرورىزىمغا قارشى بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ئاساسى تېما قىلىنغان سۆھبەتكە قاتنىشىش مەقسىتىدە دۈشەنبە كۈندىن باشلاپ خىتاينى زىيارەت قىلىشقا باشلىدى. خىتاي - پاكىستان بىخەتەرلىك سۆھبىتىدە نېمە مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنماقچى ؟ مەتبۇئاتلارنىڭ خەۋەر قىلىشىغا قارىغاندا ، خىتاي پاكىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە پاكىستاننىڭ قەبىلىلەر رايونىغا يوشۇرۇنۇۋالغان ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ بار -يوقلۇقىغا قىزىقماقتا.
سۆھبەت تېمىسى 22 نەپەر ئۇيغۇرغا چېتىلامدۇ ؟
خىتاي بىخەتەرلىك دائىرىلىرىنىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئاپتاب خان شەرپو باشچىلىقىدىكى پاكىستان ۋەكىللەر بىلەن ئۆمىكى بىلەن ئۆتكۈزمەكچى بولغان بىخەتەرلىك سۆھبىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم تېمىلىرىنىڭ بىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قارشى پاكىستاندىكى پائالىيىتى، بولۇپمۇ پاكىستاندىكى قەبىلىلەر رايونىغا يوشۇرۇنۇۋالغان 22 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىرنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش ۋە پاكىستاندا خىزمەت قىلىۋاتقان خىتاي پۇقرالىرىنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسى بولۇشى مۇمكىن.
پاكىستان ۋە ھىندىستان مەتبۇئاتلىرى يېقىنقى خەۋەرلىرىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى پاكىستان بىخەتەرلىك دائىرىلىرىنى 22 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ تىزىملىكى بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى، بۇ كىشىلەرنىڭ پاكىستاندىكى قەبىلىلەرنىڭ رايونىغا يوشۇرۇنۇۋالغانلىقىنى ۋە پاكىستان ھۆكۈمىتىدىن ئۇلارنى تۇتۇپ خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش تەلەپ قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
پاكىستان راستلا ئۇيغۇرلارنى ئۆتكۈزۈپ بەرمىگەنمىدۇ ؟
پاكىستان ۋە ھىندىستان مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىماي، پاكىستان ھۆكۈمىتى خىتاي دائىرىلىرىدىن قەبىلىلەر رايونىدىكى ئۇيغۇرلارنى تۇتۇپ ئۆتكۈزۈپ بېرىش توغرىسىدا ھەر قانداق بىر تەلەپ كەلگەنلىكىنى رەت قىلماقتا. پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاۋېد ئىقبال چېمانىڭ يەكشەنبە كۈنى پاكىستان مەتبۇئاتلىرىغا ئاشكارىلىشىچە، پاكىستان ئاتالمىش خىتاينىڭ غەربىدىكى شىنجاڭ رايونىدىن كەلگەن ئۇيغۇر بۆلگۈنچىلەرنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش توغرىسىدا خىتاي دائىرىلىرىدىن ھەر قانداق بىر ئىلتىماس تاپشۇرۇپ ئالمىغان. ئۇ، "ئۇلار بىزدىن ھەر قانداق كىشىنى تەلەپ قىلىپ باقمىدى شۇنداقلا بىزگە بىر تىزىملىك تاپشۇرۇلۇپ باقمىدى " دەيدۇ. جاۋېد ئىقبال چېما، پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئافغان ، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئەرەب مىلىتانلار پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان قەبىلىلەر رايونىدىكى ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك تەپسىلىي ئۇچۇرلاردىن خەۋىرى يوقلۇقىنى بىلدۈرمەكتە.
پاكىستاندا قولغا ئېلىنغان چەتئەللىكلەرنىڭ ئادەتتە ئۆز دۆلىتىگە قايتۇرۇلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن جاۋېد ئىقبال چېما، پاكىستاننىڭ بۇرۇن ئۇيغۇرلارنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكىنى "مەن ئاڭلاپ باقمىدىم" دەيدۇ. مەركىزى گېرمانىيىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت، پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسىنىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكىنى ئاڭلاپ باقمىغانلىقىدىن ھەيران قالدى.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى : ئۇيغۇرلارنى تېررورچى، دەپ ئەيىپلەشكە پاكىت يوق
خىتاي ھۆكۈمىتى قەبىلىلەر رايونىدىكى بۇ كىشىلەر"شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى"نىڭ ئەزالىرى ئىكەنلىكى ۋە ئەل قائىدە بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرسىمۇ، لېكىن خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بۇ كىشىلەر خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلسە، ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى دەپسەندە قىلىنىشتىن ساقلانغىلى بولمايدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ تەن جازاسى، ئادالەتسىز سوتلىنىش ۋە ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ ، پاكىستان دائىرىلىرىنى ئۇلارنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرمەسلىككە چاقىرماقتا.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ خىتاي مەسىلىلەر تەتقىقاتچىسى كورىننا باربارا فرانشىسنىڭ ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىغا ئەسكەرتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى تېررورچى، دەپ ئەيىبلىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ تېررورچى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان پاكىتنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باقمىغان. كورىننا باربارا فرانشىس مۇنداق دەيدۇ : خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭدىكى بەزى ئۇيغۇرلارنى ئىزچىل تۈردە تېررورلۇق ۋە بۆلگۈنچىلىك قاتارلىق ھەر خىل جىنايى ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللانماقتا، دەپ ئەيىبلىگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بىر پاكىتنى ئوتتۇرىغا قويمايلا قالماي، بۇ كىشىلەرنى ئادالەتسىز سوتلايدىغان، ئېغىرلاشتۇرۇپ جازايدىغان ئەھۋاللار ئومۇملاشقان".
ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىز دېرىكى قېنى ؟
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىدىكى كورىننا باربارا فرانشىسنىڭ ئەسكەرتىشىچە، كىشىدە ئەندىشە يارىتىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى، خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىز - دېرىكىنى قىلىش مۇمكىنچىلىكى بولمايۋاتقانلىقىدۇر. ئۇ، " خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەكلىمىسى تۈپەيلى بىز دائىم قايتۇرۇپ بېرىلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ جازاغا ئۇچراش ئەھۋالىنى ئىگىلەشكە شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قانداق پاكىتلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۇلارغا جىنايەت بېكىتىۋاتقانلىقىنى بىلىشكە ئامالسىز قېلىۋاتىمىز. مۇشۇ سەۋەبلەر تۈپەيلى بىز يۇقىرىقى 22 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەندىن كېيىنكى تەقدىرىدىن ئەندىشە قىلىمىز" دەيدۇ.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىدىكى دىلشات رىشىت، ئەگەر بۇ 22 نەپەر ئۇيغۇر خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلسە، ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
پاكىستانلىقلار مۇساپىرلارنى غەيرى قانۇنى يوللار بىلەن ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە قارشى تۇرامدۇ ؟
پاكىستان كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىدىكى ئەفراسىياب كارداك، ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىغا بەرگەن باياناتىدا مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ كىشىلەرنى غەيرىي قانۇنى يوللار بىلەن ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە ۋە ئۆتكۈزۈۋېلىشكە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ئۇ، پاكىستاننىڭ قەبىلىلەر رايونىدىكى بۇ 22 ئۇيغۇرنىڭ ئەسەبىي ئۇنسۇرلار توپلاشقان رايونغا يوشۇرۇنۇۋالغانلىقىنى، پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلارنى ناھايىتى تېز ئارىدا قولغا چۈشۈرۈش مۇمكىنچىلىكى ناھايىتى ئاز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرى جاۋ يۈڭكاڭ ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي بىخەتەرلىك ئەمەلدارلىرى پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى شەرپو بىلەن كۆرۈشىدىكەن شۇنداقلا تەرەپلەر " بىخەتەرلىك ۋە تېرورىزىمغا قارشى تۇرۇش ساھەسىدە ھەمكارلىشىش ھەم "پاكىستاندا ياشاۋاتقان ۋە خىزمەت قىلىۋاتقان خىتاي پۇقرالىرىنىڭ بىخەتەرلىكى" كە كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلماقچى ئىكەن. پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ زىيارىتى شەنبە كۈنى پاكىستاننىڭ ئىسلامئاباد شەھىرىدە تالىپلارنىڭ بۇ شەھەردىكى بىر خىتاي پاھىشىخانىسىغا ھۇجۇم قىلىپ، پاھىشىخانىدا ئىشلەيدىغان 6 نەپەر خىتاينى گۆرۈگە تۇتۇۋېلىش ۋەقەسىدىن كېيىنلا باشلاندى. (ئەركىن)