تۆت دۆلەتتىكى سايلام ھەققىدە سېلىشتۇرما مۇلاھىزە

0:00 / 0:00

ئامېرىكىدا ھازىر بىرىنچى باسقۇچلۇق پرېزىدېنت سايلىمى داۋاملىشىۋاتىدۇ. تەيۋەندىمۇ پرېزىدېنت سايلىمى داۋاملىشىۋاتىدۇ. رۇسىيىدىكى پرېزىدېنت سايلىمى 3 ‏ - ئاينىڭ 2 ‏ - كۈنى ئاياغلاشتى. خىتايدا بولسا ھازىر ئىككى چوڭ يىغىن' ئېچىلىۋاتىدۇ، ئۇنىڭدا سايلام بولىدىغانلىقىنى ھۆكۈمەت ئاللىقاچان جاكارلىدى. ئامېرىكىدا تۇرۇۋاتقان سىياسىي مۇلاھىزىچى، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ ئوبزورچىسى چېن كۇيدﯤ ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئامېرىكا، رۇسىيە، تەيۋەن ۋە خىتايدىن ئىبارەت بۇ تۆت دۆلەتتىكى سايلام پائالىيىتى ھەققىدە مۇلاھىزە ئېلان قىلدى.

ئامېرىكىدا سايلام تۈزۈمى پىشىپ يېتىلگەن

چېن كۇيدﯤ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكىدىكى سايلام پىشىپ يېتىلگەن دېموكراتىك تۈزۈم شارائىتىدىكى سايلام؛ تەيۋەندىكى سايلام پىشىپ يېتىلىشكە قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقان سايلام تۈزۈمى شارائىتىدىكى سايلام؛ رۇسىيىدىكى سايلام ئاساسەن تۈزۈم بولۇپ شەكىللەنگەن، ئەمما تېخى پىشىپ يېتىلمىگەن تۈزۈم شارائىتىدىكى سايلام. خىتايدىكى ئىككى چوڭ يىغىن بولسا، گەرچە 'سايلام' دەپ ئاتالغان شەكىل بولسىمۇ، ئەمما ئەمەلىيەتتىكى سايلام مەزمۇنى بولمىغان ئىككى چوڭ يىغىن.

چېن كۇيدﯤ ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكىدا دۆلەتنىڭ پرېزىدېنتىنى خەلق ئۆزى سايلاپ چىقىۋاتقىلى ئىككى يۈز يىل بولدى. ئامېرىكىدا دېموكراتىك سايلام تۈزۈمى پىشىپ يېتىلگەن. بۇ يىلقى سايلام ناھايىتى داغدۇغىلىق بولۇۋاتىدۇ. بۇ قېتىمقى سايلامدا ئامېرىكا پرېزىدېنتلىقىغا قارا تەنلىكلەردىن سايلىنىپ چىقىشىمۇ مۇمكىن، ئاياللاردىن سايلىنىپ چىقىشىمۇ مۇمكىن، مورمون دىنى مۇرتلىرىدىن سايلىنىپ چىقىلىشىمۇ مۇمكىن. ھازىر نامزاتلارنىڭ رىقابىتى ناھايىتى جىددىي. سايلىغۇچىلارنىڭمۇ قىزغىنلىقى ناھايىتى يۇقىرى. مىنىڭ قارىشىمچە، ‏ - ‏ دەيدۇ چېن كۇيدﯤ ئەپەندى، ‏ - ‏ بۇ ناھايىتى پىشىپ يېتىلگەن دېموكراتىك سايلام.

تەيۋەندە سايلام تۈزۈمى پىشىپ يېتىلىۋاتىدۇ

چېن كۇيدﯤ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، تەيۋەندىكى سايلام تۈزۈمى پىشىپ يېتىلىشكە قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقان باسقۇچتا تۇرۇۋاتىدۇ. تەيۋەندە ھازىر ئىككى پارتىيىلىك تۈزۈم شەكىللىنىپ بولدى. تەيۋەندىكى مىنجىنداڭ پارتىيىسى بىلەن گومىنداڭ پارتىيىسىنىڭ نامزاتلىرى سايلىغۇچىلارغا يېقىنلىشىشقا، سايلىغۇچىلارنىڭ رايىغا بېقىنىشقا يۈزلەندى.

تەيۋەندە ھازىر بۇرۇنقىدەك 'يېشىللار'، 'كۆكلەر' دەپ ئاتىلىدىغان ئىككى خىل سىياسىي پىكىر ئېقىمى بۇيىچە ياكى مىللىي تەركىپ بۇيىچە سىياسىي سەپ تۈزۈپ قاتتىق ئېلىشىدىغان ھالەت سۈسلاشتى. كۆزەتكىنىمىزدە، گەرچە تەيۋەندە ھازىرمۇ دۆلەتنىڭ قانۇن سېستىمىسى سىياسىي مەسىلىلەرگە ئارىلىشىۋالىدىغان بەزى ئىللەتلەر بولسىمۇ، ئەمما ئومۇمىي جەھەتتىن زامانىۋىي سايلام تۈزۈمى پىشىپ يېتىلىۋاتىدۇ.

رۇسىيىدىكى سايلام ئەھۋالى سەل مۇرەككەپ، ئەمما يەنىلا دېموكراتىك تۈزۈم كاتىگورىيىسىگە كىرىدۇ

چېن كۇيدﯤ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، رۇسىيىنىڭ پرېزىدېنت سايلىمى 3 ‏ - ئاينىڭ 2 ‏ - كۈنى ئاياغلاشتى. يېڭىدىن سايلاپ چىقىلغان پرېزىدېنت بۇرۇنقى پرېزىدېنتنى باش مىنىستىرلىققا تەيىنلەيدىغانلىقىنىمۇ ئېلان قىلدى. كۆزەتكىنىمىزدە، رۇسىيىنىڭ سايلام ئەھۋالى سەل مۇرەككەپ. سايلامغا سۈنئىيلىك، ھوقۇقۋازلىق ئارىلىشىپ قالغان، سايلام جەريانىدا خەلقنىڭ پىكىر - ئۇچۇر ئەركىنلىكى مەلۇم دەرىجىدە بوغۇلغان.

گەرچە ھەقىقىي دېموكراتىك سايلام ئۆلچىمىگە يېتىشىدە ئاز - تولا نوقسان بولسىمۇ. ئەمما رۇسىيىدىكى پرېزىدېنت سايلىمى يەنىلا خەلقئارالىق قائىدە - تۈزۈم كاتىگورىيىسىگە كىرىدۇ. ئۇ يەنىلا دېموكراتىك سايلام. رۇسىيىدە دېموكراتىك قانۇن سېستىمىسى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللىنىپ بولدى. شۇڭلاشقا، خۇددى پۇتىندەك زومىگەرلىك قىلالىشى مۇمكىن بولغان كىشىمۇ، بۇ قېتىم قانۇندىن چەتنەپ، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆزىنى داۋاملىق پرېزىدېنت قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىدى. دېمەك، بۇ قېتىمقى سايلامدا رۇسىيىدە تىكلەنگەن دېموكراتىك تۈزۈم يەنىلا رول ئوينىدى.

خىتايدىكى ئىككى چوڭ يىغىندا ئېلىپ بېرىلغاننى دېموكراتىك سايلام دېگىلى بولمايدۇ

چېن كۇيدﯤ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتايدا يۇقىرىدىكى ئۈچ دۆلەتكە ئوخشاش پرېزىدېنت سايلىمى يولغا قويۇلماي، بەلكى ئىككى چوڭ يىغىن' ئېچىلىۋاتىدۇ. بۇ ئىككى چوڭ يىغىندىكى سايلامنى دېموكراتىك سايلام دېيىشكە بولمايدۇ. ئۇنىڭدا 'سايلام' دەپ ئاتىلىدىغان شەكىل بولسىمۇ، ئەمما ئۇ دېموكراتىك سايلام ئەمەس، پەقەت يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە پۈتۈنلەي كوممۇنىست پارتىيە مەركىزى كومىتېتى، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم سېكرىتارلىرى بەلگىلەپ چىققان 'ۋەكىللەر' ئالدىن بەلگىلەنگەن، پىلانلانغان 'رەھبەرنى سايلاپ چىقىشتىن ئىبارەت. بۇ ئەمەلىيەتتە سايلام مەزمۇنى بولمىغان ئىككى چوڭ يىغىن. مانا بۇ خىتايدىكى 'سايلام' بىلەن يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئۈچ دۆلەتتىكى سايلامنىڭ خاراكتېر جەھەتتىن تۈپ نىگىزىدىن پەرق قىلىدىغان يېرى. شۇنداقلا خىتاي بىلەن دۇنيانىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئەڭ چوڭ پەرق.

چېن كۇيدﯤ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتايدا ئېچىلىۋاتقان ئىككى چوڭ يىغىندىكى سايلام پائالىيىتى يۇقىرىدا تىلغان ئېلىنغان ئۈچ دۆلەتتىكى سايلام پائالىيىتى ئالدىدا بەكلا چېنىپ قالدى. بۇ پەرقنى كوممۇنىست خىتاي بايۋەچچىلىرى داۋاملىق يۇشۇرۇپ كېتەلىشى مۇمكىن ئەمەس. توغرىسىنى ئېيتقاندا، خىتاي تېخى دېموكراتىيىگە قەدەم قويغىنى يوق. (ۋەلى)