خىتاي 4 - ئىيۇن تيەنئەنمېن ۋەقەسىنى ئاقلامدۇ ؟


2007.06.04

TIANANMEN-200.jpg
بۈگۈن، 2007 - يىلى 6 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، تيەنئەنمەن، بېيجىڭ. CHINA, Beijing : A police car sits on Tianamen square in Beijing 04 June 2007 / AFP PHOTO/Peter PARKS

تەيۋەن، خوڭكوڭ ۋە چەتئەلدىكى خىتاي ئۆكتىچى كۈچلەر دۈشەنبە كۈنى 1989 - يىلى يۈز بەرگەن 4 - ئىيۇن تيەنئەنمېن ۋەقەسىنىڭ 18 يىللىقىنى خاتىرلىدى ۋە ئامېرىكا خىتاينى 4 - ئىيۇن ۋەقەسىنىڭ ھەقىقى ئەھۋالىنى ئاشكارىلاشقا چاقىردى. خىتاي ئۆكتىچى كۈچلەرنىڭ نەزىرىدە 4 - ئىيۇن تيەنئەنمېن ۋەقەسى مەڭگۈ خاتىرلىنىشكە تېگىشلىك بىر كۈندۇر. 18 يىلدىن بېرى ھەر يىلى 6 - ئاينىڭ باشلىرى خىتاي ھۆكۈمىتى سىياسى سەزگۈرلىكىنى ئاشۇرىدىغان ۋە تيەنئەنمېن مەيدانىدا بىخەتەرلىكنى كۈچەيتىدىغان ۋاقىت بولۇپ كەلمەكتە.

خىتاي بۇ يىلقى 4 - ئىيۇننى تىنچ - ئامان ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، لېكىن غەرب دۆلەتلىرى ۋە ئۆكتىچى كۈچلەرنىڭ 2008 - يىلى ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا ساھىبخانلىق قىلىدىغان دۆلەت، تيەنئەنمېندە يۈز بەرگەن قىرغىنچىلىقنى يوشۇرسا، ئولىمپىك روھىغا ماس كېلەمدۇ ؟ دېگەن مەسىلىدە بېسىمغا دۇچ كەلمەكتە.

جاڭ پېيكۈن، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئولىمپىككە ئوبراز تىكلىمەكچى

HK_coldblood2004-150.jpg
خوڭ كوڭدىكى خاتىرىلەش. Two students from Hong Kong University paint the Chinese characters meaning 'cold blooded massacre' on the pavement in the university campus 03 June 2004 / AFP PHOTO/Peter PARKS

4 - ئىيۇن كۈنى تيەنئەنمېن مەيدانى ساياھەتچىلەرگە ئادەتتىكى كۈنلەرگە ئوخشاشلا ئېچىۋېتىلگەن بولۇپ، خىتاي مەتبۇئاتلىرى بۇنىڭدىن 18 يىل بۇرۇن يۈز بەرگەن ۋە دۇنيانى زىل - زىلغا سالغان بۇ ۋەقەنى تىلغا ئېلىپمۇ قويمىدى. شۇنداقتىمۇ 4 - ئىيۇن ۋەقەسى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە مەڭگۈ خاتىرلەشكە تېگىشلىك بىر كۈن بولۇپ كەلدى ۋە شۇنداقلا شۇ كۈنى خوڭكوڭ، تەيۋەن ۋە چەتئەللەردە 4 - ئىيۇن ۋەقەسى خاتىرلەندى.

بېيجىڭدا "تيەنئەنمېن ئانىلىرى" ھەرىكىتىنى قوزغىغۇچى، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىنسىيىگە چىققان پروفېسسورى دېڭ زىلىن، شۇ كۈنى تيەنئەنمېن مەيدانى ئەتراپىدىكى موشۈيدى رايونىغا بېرىپ، 4 - ئىيۇن ۋەقەسىدە ئۆلگەن ئوغلىغا ئۇ ئۆلگەن يەردە تەزىيە بىلدۈرگەن. دېڭ زىلىن، دۈشەنبە كۈنى خوڭكوڭ مەتبۇئاتلىرىغا بەرگەن باياناتىدا، خىتاي دائىرىلىرىنى ھازىرغا قەدەر تۈرمىدە ياتقان 4 - ئىيۇن تۇتقۇنلىرىنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرىپ، 18 يىلدىن بېرى ئوغلى ئۈچۈن يۈرەك قان تەرىنى سەرپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ھازىرغىچە ئوغلىنىڭ مەسىلىسىدە ئادالەتكە ئېرىشەلمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قېتىم دېڭ زىلىننىڭ موشۈيدىدىكى 4 - ئىيۇن ۋەقەسىدە ئوغلى ئۆلگەن جايغا بېرىشىنى چەكلىمىگەن شۇنداقلا ئۇنىڭ دەرۋازىسىغا كۈزەتچى قويۇشنى بىكار قىلغان. دېڭ زىلىننىڭ ئېرى جاڭ پېيكۈن، بۇ ئەھۋالنى بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىدا ئۆزىگە ئوبراز تىكلىمەكچى بولۇۋاتقانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۈمكىن، دەپ چۈشەندۈرمەكتە.

ئۇ، خوڭكوڭ مەتبۇئاتلىرىغا بەرگەن باياناتىدا، " بۇ يىل كىرگەندىن كېيىن ساقچىلار بىزگە بۇنىڭدىن كېيىن دەرۋازىمىز ئالدىدا كۈزەتچى قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ دېگەنلىك بىزنىڭ تالاغا چىقىشىمىزغا بولىدۇ، دېگەنلىك ئىدى. ئولىمپىك ئۆتكۈزىلىدۇ ئەمەسمۇ ؟ ئوبرازىمىزنى ياخشىلايلى دېگەن بولسا كېرەك،"دەيدۇ.

ۋاڭ دەن، 2009 - يىلى ھەل قىلغۇچ بىر يىل بولۇشى مۈمكىن

US_TIANAMEN_WANG_52_thumb.jpg
1989 - يىلى 6 - ئاينىڭ 4 - كۈنىدىكى تيەنئەنمەننىڭ ئەسلىمىسى. Former Chinese student dissident Wang Dan speaks at press conference 01June 1999 in New York. A photo of Tiannamen Square during the crackdown is projected behing Wang. / AFP PHOTO/Stan HONDA

1989 - يىلدىكى ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى رەھبەرلىرىدىن بىرى ۋاڭ دەن، 4 - ئىيۇن ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان خىتاپنامىسىدا سۈرگۈندىكى خىتاي ئۆكتىچىلىرىنىڭ 2009 - يىلى تيەنئەنمېن ۋەقەسىگە 20 يىل توشقاندا دۆلىتىگە قايتىش ھەركىتى قوزغاشنى ئوتتۇرىغا قويدى. ۋاڭ دەن، 2009 - يىلى خىتاينىڭ كېلەچىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەل قىلغۇچ بىر يىل بولۇپ قالىدىغانلىقىنى، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ گۈللىنىشىنى 2008- يىلدىن كېيىن يەنە ئۈزلىكسىز داۋاملاشتۇرۇش ناھايىتى تەسكە توختايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ۋاڭ دەن يەنە، " شۇ چاغدا دائىرىلەر سىياسى ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشكە ئۈزلىكسىز تىرەجەمدۇ ؟ ياكى سىياسى ئىسلاھات بىلەن ئىقتىسادى بۆھراننىڭ قەدىمىنى ئاستىلىتامدۇ ؟ مېنىڭچە بۇ ناھايىتى ھەل قىلغۇچ بىر يىلدۇر. 4 - ئىيۇننىڭ 20 يىللىقى مۇشۇ ھەل قىلغۇچ دەۋر بىلەن بىرلەشتۈرۈلسە، مېنىڭچە بۇ زور ئەھمىيەتلىك بولۇشى مۈمكىن. ئۆكتىچى ھەرىكەتلەرنى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ھەل قىلغۇچ مەزگىللەر بىلەن قانداق بىرلەشتۈرۈش كېرەك ؟ بۇ بىزنىڭ ئويلۇشىشىمىزغا تېگىشلىك مەسىلە. مەن 4 - ئىيۇننىڭ 20 يىللىقىدا يەر شارى خاراكتېرلىك بىرلىككە كەلگەن خاتىرىلەش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىشنى ئۈمىد قىلىمەن. شۇنداق قىلغاندا تېخىمۇ زور داغ - دۇغا قوزغىغىلى بولىدۇ،" دەپ كۆرسەتتى.

4 ‏- ئىيۇننى ئاقلاش خىتاينى دېموكراتىيىلەشتۈرۈش يولىدىكى 1 - قەدەم

ھەر يىلى 4 - ئىيۇن ۋەقەسىنىڭ خاتىرە كۈنى يېتىپ كېلىش ھارپىسىدا بەزى خەلقئارا تەشكىلاتلار ۋە خىتاي ئۆكتىچى زاتلار بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنى تۈرمىدىكى 4 - ئىيۇن مەھبۇسلىرىنى قويۇپ بېرىش ۋە 4 - ئىيۇن ۋەقەسىنى ئاقلاشقا چاقىرىپ كەلمەكتە. خىتاي مۇستەقىل يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ياش خىتاي يازغۇچىلىرىنىڭ بىرى يۈي جېي، 4- ئىيۇن ۋەقەسىنىڭ 18 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ماقالە يېزىپ، جۇڭگودا ئادالەتكە ئېرىشمەكچى بولسا، سەۋر - تاقەت ۋە جاسارەت تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يۈي جېي، "مېنىڭچە 4 - ئىيۇن ۋەقەسىگە قايتىدىن باھا بېرىش، قانۇن يوللار بىلەن سوت ھۆكۈملىرىنى ئاشكارە ئاغدۇرۇش قاتارلىقلار جۇڭگونى دىموكراتىيىلەشتۈرۈشنىڭ 1 - قەدىمى. بىز دائىرىلەر بۇ ئىشلارنى قىلىشنى خالىمايدۇ، دەپ كۈتۈپ ئولتۇرماسلىقىمىز، ئۆز ئىشىمىزنى قىلىۋېرىشىمىز كېرەك،" دەيدۇ.

4 - ئىيۇن ۋەقەسى يۈز بېرىپ ئوتتۇرىدىن 18 يىل ئۆتكەن بولسىمۇ، لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ۋەقەنى ئاقلاشنى رەت قىلىپ كەلمەكتە. ئەينى چاغدا خىتاي ھۆكۈمىتى ھەربىي قىسىملارنىڭ ئەكسىلئىنقىلابى توپىلاڭنى باستۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. كېيىنكى يىللاردا، ئەگەر 1989 - يىلى كەسكىن ھەرىكەت قوللانمىغان بولسا، جۇڭگودا ھازىرقى ئىقتىسادى گۈللىنىشنىڭ بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلەيدىغان بولدى.

كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلىمىسا، ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا كۆلەڭگۈ چۈشەمدۇ ؟

ئامېرىكا ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلار بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنى 4 - ئىيۇن ۋەقەسىنىڭ ھەقىقى ئەھۋالنى ئاشكارىلاش ۋە تۈرمىدىكى 4 - ئىيۇن مەھبۇسلىرىنى قويۇپ بېرىشكە ئۈزلىكسىز قىستىماقتا. ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىكى، "خەلقئارا جەمئىيەت ۋە خىتاي پۇقرالىرىنىڭ تيەنئەنمېندىكى ترادىگىيىلىك ۋەقەدە قانچىلىك ئادەم ئۆلگەنلىكى ھازىرغىچە مەلۇم ئەمەسلىكىدىن شىكايەتچى" ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى تام كەيسېي، "خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەقەدە ئۆلتۈرۈلگەن، قولغا ئېلىنغان ۋە ئىز دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنلەرنى ئېلان قىلىش ۋاقتى ئاللىقاچان ئۆتۈپ كەتتى،" شۇنداقلا " خىتايدا 1989 - يىلى مىڭلىغان خىتاي پۇقرالىرى قولغا ئېلىنغان ۋە سوتلانماي قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ھەمدە 100 دىن 200 گىچە تيەنئەنمېن ۋەقەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتچىنىڭ ھازىرغىچە تۈرمىدە يېتىۋاتقانلىقى پەرەز قىلىنماقتا،" دەيدۇ.

ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىكى ئۆتكەن جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتتا ئاگاھلاندۇرۇشىچە، خىتاي كىشىلىك ھوقۇقى خاتىرىسىنىڭ ناچارلىقى ۋە 4 - ئىيۇن ۋەقەسىنىڭ ھەقىقى ئەھۋالىنى يوشۇرۇش خىتاينىڭ ساھىپخانلىقىدا 2008 - يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا كۆلەڭگۈ چۈشۈرۈشى مۈمكىن. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.