خىتاي ھۆكۈمىتى 4 - ئىيون ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكىنى چەكلەشنى قەبىھلەشتۈردى
2007.06.05
بۈگۈن تارىخشۇناس در قاھار بارات ئەپەندى4 - ئىيۇن ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتى ئۆزگەرگەنلىكى ھەققىدە مۇلاھىزە ئېلان قىلدى.
سوتسيالىزم لاگىرىنىڭ پارچىلىنىشىغا بېرىلگەن سېگنال
قاھار بارات ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتايدا يۈز بەرگەن 1989 - يىلىدىكى 4 - ئىيون دېموكراتىيە ھەرىكىتى سوتسيالىزم لاگىرىنىڭ پارچىلىنىشىغا بېرىلگەن سېگنال ۋە بىر خىل ياخشى باشلىنىش ئىدى. گەرچە بۇنداق ياخشى باشلىنىش خىتايدا باستۇرۇلغان بولسىمۇ، لېكىن سوۋېت ئىتتىپاقىدا، شەرقىي ياۋرۇپادا داۋام قىلىپ غەلىبە قىلدى.
خىتاي تارىخىدا ئىلغارلىققا يۈزلىنىش پۇرسەتلىرى بىر نەچچە قېتىم كەلگەن
قاھار بارات ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي تارىخىدا بىر نەچچە قېتىم ئىلغارلىققا يۈزلىنىش پۇرسىتى كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما پۇرسەتلەر قولدىن كەتكۈزۈپ قويۇلۇپ، ئىلغارلىققا يۈزلىنىش بولماي قالغان. بۇنىڭغا خىتاينىڭ فىئوداللىق ئەنئەنىسى توسقۇن بولغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى مۇستەبىتلىككە قايتتى
قاھار بارات ئەپەندىنىڭ قارىشىچە،خىتايدا ئىشىكنى ئېچىۋېتىش سىياسىتى يولغا قويۇلغان 1980 - يىللاردا ، ئۇيغۇرلاردا نۇرغۇن ياخشى كىتابلار چىققان ئىدى. 4 - ئىيون دېموكراتىيە ھەرىكىتى باستۇرۇلغاندىن كېيىن، خىتاي كوممۇنست پارتىيىسى مۇستەبىتلىككە قايتىپ، ئۇيغۇرلارنى پىكىر ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قالدۇرۇشقا باشلىدى.
ئۇيغۇرچە كىتاب-ژۇرناللارنى چەكلەش بارغانسېرى قەبىھلەشمەكتە
قاھار بارات ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، 4 - ئىيون دېموكراتىيە ھەرىكىتى يېتەكچىلىرىنىڭ بىرى بولغان ئۆركەش ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇر بولغانلىقى، كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىغا باھانە بولدى.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى بېيجىڭ ھۆكۈمىتىگە ياخشىچاق بولۇش ئۈچۈن، ئۇيغۇر خەلقىغە قارىتا قاتتىق قوللۇق سىياسەت قوللىنىپ، ئۇيغۇرچە كىتاب-ژۇرناللارنى قاتتىق تەقىپ ئاستىغا ئېلىشقا، چەكلەشكە باشلىدى. ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان بۇنداق سىياسەت بارغانسېرى قەبىھلىشىۋاتىدۇ. (ۋەلى)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي 4 - ئىيۇن تيەنئەنمېن ۋەقەسىنى ئاقلامدۇ ؟
- باۋتوڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، كوممۇنىست پارتىيىگە بېسىم ئىشلىتىش ياخشى چارە
- رابىيە قادىر خانىم داڭلىق " ۋال ستىرىت ژورنىلى " گېزىتىدە ئوبزور ئېلان قىلدى
- خەلق - ئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلتىيىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى
- خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتاينى كىشىلىك ھوقۇقتا كەينىگە چېكىنىپ كېتىش بىلەن ئەيىپلىدى
- خىتايدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتلاردىن ئاز سانلىق مىللەتلەر بەھرىمان بولالمىدى
- خەلقئارا تەشكىلاتلار خىتاينىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر سىياسىتىنى ئەيىبلىمەكتە
- ئامېرىكىدىكى مۇتەخەسسىسلەر ۋە تەشكىلات رەھبەرلىرى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ باردى
- دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى يېتىپ كېلىش ھارپىسىدا بېيجىڭدىكى داۋاگەرلەر قولغا ئېلىنماقتا
- خىتاي بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىدىن بۇرۇن كىشىلىك ھوقۇقى ئەھدىنامىسىنى تەستىقلىشى مۇمكىن
- بېيجىڭدا كىشىلىك ھوقۇق مۇھاكىمە يىغىنى جەريانىدا، ھەربى ھالەت ئېلىپ بېرىلماقتا
- بېيجىڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق كۆرگەزمىسىدە ئەرزدارلار ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلمەكتە